Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


تۇنجى سۆيگۈ(ھېكايە)

تۇنجى سۆيگۈ(ھېكايە)

                                                                            پەرھات جەمشىت

 خىزمەتتن چۈشۈپ مەقسەتسىز ھالدا كوچا ئايلىنىشقا باشلىدىم .ھاۋا تىنجىق بولۇشىغا قارىماي كوچا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغاندى.سېتىقچىلارنىڭ،مايلامچى بالىلارنىڭ ،قەلەندەرلەرنىڭ ئاۋازى كوچىنى بىر ئالغاندى.پۇزۇر كىيىنىشكەن جۈپ -جۈپ قىز يىگىتلەر قولتۇقلىشىپ قاياقلارغىدۇر مېڭىشقاندى .مەن يەنىلا تەنھا ، شۇ بىر خىيال بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيتتىم ئۇلارغا تولىمۇ مەستلىكىم كېلەتتى،خۇدا ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ماڭا سالغان كۈنلەرنى سالمىغايسەن! دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ئۇلارنىڭ بەختىنى تىللەيتىم ئىچىمدە.مانا ھەش-پەش دىگۈچە دۆڭ كۆۋرۈككە كېلىپ قالدىم. قۇياش ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا باشلىدى.تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدا بىر سايە پەيدا بولدى، مەن ھەيرانلىق ئىلىكىدە، ساراڭلارچە   ئەگەشتىم،  سايىگە يېقىنلاشقانسېرى  يۈرەكلىرىم يايراپ ھۇجۇدۇمدا قانداقتۇر بىر خىل سېزىم پەيدا بولۇشقا  ، بىر خىل تونۇش ھېد دېمىقىمغا ئۇرۇلۇشقا باشلىدى.ھە، شۇ سەلىمە توۋا ئۇ بۇيەردە نېمە قىلىدىغاندۇر؟بۇ ئوڭۇممۇ ياكى چۈشۈممۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ قەدىمىمنى تېزلەتتىم.ئۇنىڭ يېنىدا بىر ئوغۇل بىر قىز يادىشىپ كېتىۋاتاتتى. مەن تېزلىك بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتتۈم ۋە كۆزۈمنىڭ قىرى بىلەن يېنىشلاپ قاراشقا باشلىدىم يۈرىكىم، ئۇ سەلىمە شۇ دەپ پىچىرلىماقتا ئىدى. مەن ئانچە ئىشەنچ قىلالماي يەنە يېنىشلاپ قارىدىم ،تۇيقسىز بىرىنىڭ<< ھەي پېتى تۇماق>> كۆزۈڭگە قاراپ ماڭساڭ بولمادۇ دىگەن ئاۋازىدىن سەل ئېسىمنى يىغقاندەك بولدۇم-دە،ئالدىمغا قارىدىم كېلىشكەن بىر قىز پۇتىنى تۇتقان پېتى ماڭا ئالىيىپ تۇراتتى.مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭ پۇتىغا دەسسىۋالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم -دە.
_ كەچۈرۈك دىيەلكىدىم ئارانلا .ھېلىقى قىز ئاليغىنىچە كېتىپ قالدى مەن ئەتىراپقا قارىدىم سەلىمە كېتىپ باراتتى ئۇ مېنى كۆرمىگەن بولسا كېرەك دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ يەنە تېز-تېز قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنىڭغا قاراشقا باشلىدىم .ئۇ دەل سەلىمە ئىدى ئۇنىڭ يېنىدا ئىككى بالىسى بىلەن بىر شاپ بۇرۇت كىشى كېتىپ باراتتى مەن ئەتەي قاتتاق بىرنى يۆتىلىپ قويدۇم-دە،ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئۇنى سوقۇۋەتكېنىمچە كېتىپ قالدىم.
_ ۋەييەي .نىمانداق قىلىدۇ؟ دىگەن پېتى،  مەن تەرەپكە قارىدى بىزنىڭ كۆزلىرىمىز ئۆز ئارا ئۇچىراشتى ، كۆز قارچۇقلىرىم بىر نوقتىغا تىكىلگەن پېتى قېتىپلا قالدى .ئۇ دەررۇ كۆزنىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى ۋە ئۈندىمەستىن كېتىپ قالدى.
مەن پەرىشان ھالدا ياتاققا قايتىپ كەلدىم -دە،ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلىغان پېتى خىياللارغا غەرق بولۇشقا باشلىدىم بۇندىن 6يىل بۇرۇنقى كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمدىن خۇددى كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى.ھېلىمۇ ئىسىمدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمى ئىدى. بىر كۈنى ئەتىگەنلىك ئوقۇش ۋاقتىدا سىنىپ مەسئۇلىمىز بىر قىزنى  ئەگەشتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى دەل شۇ پەيتتە سىنىپىمىزدىكى بارلىق ساۋاقداشلار بولۇپمۇ ئوقۇغللارنىڭ كۆزى بىر نوقتىغا تىكىلىشكە باشلىدى.مەنمۇ ئۇنىڭغا كۆزۈمنىڭ قىرىدا سەپ سالغاچ ئاجايىپمۇ چىرايلىق ئىكەنغۇ،ئادەم بالىسىمۇ موشۇنداق چىرايلىق بولىدىكەن دىگەنلەرنى خىيال قىلىشقا باشلىغاندىم ، ئۇنىڭغا تىكىلگەن ھالدا قانداقتۇر بىر خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولۇشقا باشلىغاندىم.
-تۇيۇقسىز سەن، ئىچىگە ئولتۇر دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئەسلىمگە كەلگەندەك بولۇپ ئىچىگە سۈرۈلۈشكە باشلىدىم، سىنىپ مۇدېرىمىز .- بۇندىن كېيىن سىزنىڭ ئورنىڭىز موشۇ بولىدۇ دىگىنىچە ئارقىغا ياندى.قىز ئولتۇرۇشقا تەمشەلدى. مەن كۆزۈمنى ئۈزمىگەن ھالدا ئۇنىڭغا قاراشقا باشلىدىم، ئۇ سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا يەردىن ئۈستۈن قارىماستىن ئولتۇراتتى...
 بۈگۈن مەن ھەرقايسى كۈندىكىگە قارىغاندا مەكتەپكە بالدۇرراق ماڭدىم خىيال كەپتەرلىرىم ھەر ياقلاردا پەرۋاز قىلاتتى .ئىچىمدە بۇ قىز نىمانداق چىرايلىقتۇر،دىگەنلەرنى خىيال قىلاتتىم،خىيال قىلغانسېرى ھاياجانلىناتتىم شۇنداق قىلىپ مەن چىگىش خىياللار بىلەن مەكتەپكە كېلىپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەيلا قالدىم.ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قۇلۇپنى ئېچىشقا تەمشەلدىم بىراق قۇلۇپ ئاللا بۇرۇن ئېچىلىپ بولغاندى.ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئىشىكنى ئاستا ئىتتىرىپ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ دېگۈدەك سىنىپقا كىردىم.سىنىپ ئىچى پاكىزە تازىلانغان بولۇپ سەلىمەيالغۇز كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتى  . ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم -دە.
_ نىمانداق ئەتىگەن كېلىۋالدىڭىز  سورۇدۇم.
_ ئازراق بولسىمۇ كىتاب كۆرۈۋالاي دەپ دىدى ماڭا قاراپ تۇرۇپ ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرى يەنە ئۇچۇراشتى مېنىڭ يۈرۈكۈم قارت قىلىپ قالدى،دەل شۇ پەيتتە پۈتۈن ھۇجۇدۇمدا بىر خىل سېزىم پەيدا بولۇشقا باشلىدى...
بۈگۈن چۈشلۈك تاماقتىن يېنىپ مەكەتەپ گۈللۈكىگە قاراپ يول ئالدىم،مەن يەنىلا شۇ بىر خىل خىياللارغا غەرق ئىدىم.قەلبىمدە پەيدا بولغان ھېلىقى سىېزىم يالقۇنجاشقا ،يېنىشقا باشلىغاندى.مەن مەجنۇن تاللار ، پۇرەكلەپ ئېچىلغان گەۈللەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتتۈم، تۇيۇقسىز مەجنۇن تاللار سايە تاشلاپ تۇرغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن كىتاب كۆرۈۋاتقان سەلمە كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى .مەن ئىختىيارسىز ئۇ تەرەپكە ماڭدىم.سەل يېقىن كەلگەندىن كېيىن قەستىن بىرنى يۆتىلىپ قويدۇم قىز بېشىنى كۆتۈردى.
_ ئولتۇرسام بولامدۇ؟ دىدىم كۈلۈمسېرىگەن قىياپەتتە. 
_ ئۇ ۋىللىدە قىزار غان پېتى بولىدۇ دىدى تۆۋەن ئاۋازدا.ئەگەر قىز چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى چەتكە تارتمىغان بولسا مەن چوقۇم ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇۋالغان بولاتتىم.ئارىدا بىر پەس جىم-جىتلىق ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا تىترىگەن قىياپەتتە.
_ سەلىمە- مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم،ماڭا جاۋاب بېرىڭ دىدىم قىزغا تىكىلىپ تۇرۇپ. ئۇ شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى.مەن سۆزۈمنى قايتا تەكرارلىدىم قىز سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتتى.مېنىڭ يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەكلا تېپچەكلەشكە باشلىدى..
 سەلىمەنىڭ مەكتەپكە كەلمىگىنىگە بىر نەچچە ھەپتە بولدى ،مەن كۈندە ئاشۇ كونا جايغا بېرىپ ئۇنى ساقلايدىغان بولۇۋالدىم ،قېرىشقاندەك ئۇنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى .مەن تىت -تىت بولاتتىم بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلىمىز سەلىمەنىڭ شەھەرگە يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى .ئېيتتى مەن بىر نەچچە كۈنگىچە كۆز يېشى قىلدىم بىراق كۆز يېشى بىرەر ئىشنى ھەل قىلالمايدۇ-دە،شۇنداق قىلىپ مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى چوڭلارنىڭ زورى بىلەن ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن تۇنجى سۆيگۈنۈمنى ئىزدەش ئۈچۈن شەھەرگە كەلگەندىم...
مېنىڭ كۆز ئالدىمدىكى رىئاللىققا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى شۇنداقتىمۇ رىئاللىققا يۈزلەنمەي نېمە چارە دەيسىز.
  بۈگۈن يەنە مەن دۆڭ كۆۋرۈك ئەتىراپىنى مەقسەتسىزلا ئايلىنىشقا باشلىدىم .مېنىڭ بۇ ئايلىنىشىمنى ساراڭنىڭ يول يۈرۈشىگە تامامەن ئوخشىتىشقا بولاتتى.تۇيۇقسىز ھېلىقى سايە كۆز ئالدىمدايەنە نامايەن بولدى.مەن ئۇنىڭغا ئەگەشتىم .
_ سەلىمە دەپ چاقىردىم يېقىنراق كېلىپ.ئۇ ئارقىغا قارىدى يۈزلىرى ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى ئۇ بىر ھازادىن كېيىن.
_ ئالىممۇ سىز قانداق ئەھۋالىڭىز ؟بۇيەردە ئۇچرىشىپ قالارمىز دەپ ئويلىمىغان ئىدم .ھېلىقى كۈنى سىزنى تونۇدۇم بىراق گەپ قىلىشقا ئامالسىز قالدىم دىدى پەرىشان ھالدا.
_ ھېچقىسى يوق ،ئۆزىڭىز ياخشى تۇرۇۋاتامسىز سورىدىم ئۇنىڭدىن.شۇنداق قىلىپ بىز پىنھاب بىر ئاشپۇزۇلغا كېرىپ غىزالانغاچ پاراڭغا چۈشتۇق.-شۇ يىلى دادام توساتتىن ساقسىز بولۇپ قالدى،دوختۇرلار شەھەرگە ئاپىرىپ داۋالاتمىساڭلار بولمايدۇ دىدى .شۇنۇڭ بىلەن ئانام ئىككيلەننىڭ بېشىنىڭ ئىچىمۇ-تېشىمۇ قاتتى بىز بارلىق بېساتىمىزنى سېتىپ دادامنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلدۇق،قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئەكەلگەنلىرىمىز تۈگەپ قالدى،قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغىنىمىزدا ياخشى كۆڭۈللۈك كىشىلەر ياردەم قوللىرىنى سۇندى،مەن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىۋېلىشنى راۋا كۆرمىگەچ تاللا بازىرىدىن ئىش تېپىپ ئىشلىدىم يېرىم يىلدىن كېيىن دادامنىڭ كېسىلىمۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدى.شۇنداق قىلىپ بىز بۇ شەھەردىن قايتماسلىق قارارىغا كەلدۇق.دادام-ئاناملار ئۆپكە-ھېسىپ قويۇپ سېتىشقا كىرىشتى مەن تاللا بازىرىدىن چىقىپ كىيىم-كېچەك دۇكىنىدا ئىشلىدىم ئۇزۇنغا بارماي ھال-ئوقىتىمىزمۇ سەل ياخشى بولۇپ قالدى،ئارىدىن بىر يىلچە ئۆتكەندىن كېيىن دادام-ئاناملار ئارقا –ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتتى مەن تىككەندەكلا يالغۇز قادىم.شۇنۇڭ بىلەن قوشنىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بالىلارنىڭ دادىسىغا ياتلىق بولدۇم،دىدى ئۇلۇغ –چىكىك تىنىپ تۇرۇپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا.
ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن خۇشلاشتىم ۋە ئۇنىڭ بەختىنى ياراتقۇچىدىن يەنە بىر قېتىم تىللىدىم،شۇنداقتىمۇ ئۇ مېنىڭ يۈرىكىمنىڭ قېتىدا تا ھازىرغىچە ساقلقنىپ كېلىۋاتىدۇ چۈنكى ئۇ مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم  ئىدى.ھەي ،دۇنيادا تۇنجى سۆيگىنى يوق كىشىمۇ بارمىدۇ؟ ھەي ،تۇنجى سۆيگۈ !مەن سېنى مەڭگۈ ئۇنۇتالمايمەن...
         كۆرۈلۈشى:2519     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/6/14 16:44:24يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كاشال دوپپا(ھېكايە)
كاشال دوپپا(ھېكايە)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىپپەتئاي
ئىپپەتئاي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل
قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۆتۈكنى ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان ؛
ئۆتۈكنى ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان ؛
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز
ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈرۈمچىدىكى <ئىپپەت بازىرى>
ئۈرۈمچىدىكى <ئىپپەت بازىرى>

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com