Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


يۇقسۇزلۇق

                      يۇقسۇزلۇق(ھېكايە)

                                                  پەەرھاتجەمشىت

ئۇ تىت –تىت بولاتتى ،قۇلاق تۈۋىدە دوختۇرنىڭ<<ئايالىڭىزنىڭ كېسىلى ئېغىر،بىز ئامال قىلالمايمىز،ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ بېقىڭ>>دىگەن سۆزى جاراڭلايتتى .ئۇ تۇرۇپ –تۇرۇپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قوياتتى،توۋا بۇ ئىشنى قارىمامدىغان<< پۇلى بارنىڭ پۇلىغا ،پۇلى يوقنىڭ جېنىغا >>دېگەندەك ئەگەر ئامال قىلمىسام ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىم مۈمكىن بىچارە مېنى دەپ نۇرغۇن جاپالارنى چەكتى،بىرەر كۈنمۇ راھەت كۆرۈپ باقمىدى،ئەمدى بۇ كۈنگە كەلگەندە پۇل يوق دەپ قاراپ تۇرسام قانداق بولىدۇ؟ .مەن قانداقلا قىلمىسام ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتىشىم كېرەك.چوقۇم بىر ئامال قىلىپ داۋالىتىمەن.ئۇ ئۆز –ئۆزىگە پىچىرلايتتى تۇرۇپ-تۇرۇپ ئەتراپاق سەپ سالاتتى.ئۇ ناھىيىلىك دئوختۇرخانىدىن چىقىقىنىچە يېزا تەرەپكە يول ئالدى چىگىش خىياللار ئۇنى قىينايتتى.شۇنداق قىلىپ ئۇ مەھەللىگە كېلىپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالدى ئەگەر بېلەت ساتقۇچى ئەسكەرتىپ قويمىغان بولسا ئۇ چوقۇم ماشىنىدا ئولتۇرۇۋەرگەن بولاتتى.
كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ ،ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ بىر ئاز ئويلۇنۇپ تۇرۇپ قالدى ۋە بىر قارارغا كەلگەندەك بولدى-دە،ئاكىسىنىڭ ئۆيى تەرەپكە يول ئالدى.
_دوختۇر نىمە دەيدۇ؟
_ئۈرۈمچىگە ئاپىرىڭلار بىز ئامال قىلالمايمىز دەيدۇ...
_نېمە كېسەل دەيدۇ؟
_ سۈت بېزى راكى دەيدۇ ، يەنە ئۈچۆيدىمۇ  ئۆسمە بارئىكەن .
_قانداق قىلاي دەيسەن ؟
_ئۈرۈمچىگە ئاپىراي دەيمەن.
_ئاپىرىشنىغۇ ئاپىراسەن ،بىراق پۇلنى قانداق قىلىسەن ؟
_ قەرىز ئالماي ئامال يوق ئاكا.
_ ساراڭ بولدۇڭمۇ ئۇنچىۋلا  پۇلنى قەرز ئېلىپ قانداق قايتۇرىسەن؟ئويلۇشۇپ باقتىڭمۇ؟راك كېسەل دىگەنگە ئامال قىلغىلى بولمايدۇ.ئەخمىقانىلىك قىلغىچە ئۇنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىپ ئوبدانراق بېقىۋال،شۇنداق قىل !
_ نېمانداق گەپ قىلىسەن ئاكا راك كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ دېگىنىڭ نېمىسى؟
_ ۋوييەي ئۇكام ئاكىڭىزغا بۇنداق توڭ تەگسىڭىز بولماس ئۇمۇ سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ شۇنداق دەۋاتىدۇ.ھېلىمۇ بىر مۇنچە پۇلنى دئوختۇرخانىغا سېلىپ بەردىڭىز<<بارىنى ئوغرى ئالدى،قالدىسىنى ئانبال >>دېگەندەك ئىش بولمىسۇن دەپ سىزگە توغرا يول كۆرسىتىۋاتساق .سىز تاۋى نازۇكلۇق قىلىپ رەنىجىسىڭىز ياخشى بولماس دىدى يەڭىگىسى چىراي ئۆچكەن قىياپەتتە.
_ مېنىڭ ئاكامدىن رەنجىگىنىم يوق يەڭگە دىيەلىدى ئۇ ئارانلا .
_ ئەمىسە نىمانداق گەپلەرنى قىلىسىز؟
_بولدى قىل خوتۇن ئۇ ئايلىنىڭ دەردىدە شۇنداق بولۇپ قالغۇن ئوخشايدۇ.دىمىسىمۇ بۇنداق كۈن كىمنىڭلا بېشىغا كەلسە شۇنداق بولۇپ قالىدۇ.دىگىنىچە بىر تال تاماكىغا ئوت ياققاچ_قېنى قانداق قىلىدىغانلىقىڭنى دەپ باقە مەن ئاڭلاي دىدى ئىنىسىگە.
_ مەن قەرز ئالاي دەيمەن .
_ كىمدىن ئالىسەن ؟
_ سەندە بارمىكىن دەپ كېلىشىم ئاكا!كۆرۈپ تۇرۇپسەن بېشىمغا ھەقىقەتەن ئېغىر كۈن  چۈشتى سەندىن باشقا قېرىندېشىم يوق شۇنداق بولغاچقا ساڭلا ئىلتىجا قىلماقتىن باشقا ئامالىم يوق ئاكا،خاپا بولمىساڭ 10مىڭ سوم بېرىم تۇرغان بولساڭ مەن ھاياتلا بولسام ئۇنى چوقۇم قايتۇرىمەن ،سېنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن ئاكا !ئاكىسى ئۈندىمىدى  يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئولتۇردى. ئارىنى بىر پەس جىم-جىتلىك باستى،يەڭگىسىنىڭ كانىيىنى قىرىپ   سۆزلىشى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى بىردەمچىلىك جىم-جىتلىق بۇزۇلدى.
_ئەسلىدىغۇ شۇنداق قىلساق ياخشى بولغان بولاتتى ئىنىم.قارىمامدىغان تېخى ئالدىنقى كۈنىلا ئاكىڭىز بار پۇللارنىڭ ھەممىسىگە چارۋا ئېلىۋەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالمجانغا ئوقۇش پۇلى ئەۋەتىپ بەرمىسەك بولمايدۇ،  بۇ ئىشنى خۇددى <<توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتقاندەك>>دىدى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ .ئاكىسى ئايالىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا لاپپىدە بىر قارىۋالغاندىن كېيىن ئايالىنىڭ گېپىنىڭ راستلىقىنى تەستىقلىغاندەك بېشىنى لىڭىشىتكىنىچە ئىنىسىگە قارىدى.
_  بولدى خىجالەت بولما ئاكا ،مەن باشقا بىر ئامال قىلىپ باقاي ،دىگىنىچە ئورنىدىن قوزغۇلۇشقا تەمشەلدى ئۇ.
_ نېمىگە ئالدىرايسەن مېنىڭ ساڭا دەيدىغانلىرىم تېخى تۈگىمىدى._ ئامالىنىغۇ قىلارسەن بىراق كۈنلەرنىڭ بىرىدە خوتۇنۇڭدىمۇ ،پۇلۇڭدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىپ بۇيۇن قىسىپ يۈرمىگىن ھەر ھالدا ئويلۇشۇپراق ئىش قىلارسەن.
_ بۇنىسى ماڭا ئايان،مەيلى قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەن چوقۇم ئۇنى داۋالىتىشىم كېرەك،ھېچ بولمىغاندا ئۆينى سېتىپ بولسىمۇ داۋالىتىمەن ،ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا سىلەرنى ھەرگىزمۇ يەرگە قاراتمايمەن ئاكا.
_ نېمە ؟نېمە دىدىڭ؟ئۆينى ساتىمەن دىدىڭما؟كىمدىن سوراپ ساتىسەن؟دادام دىن قالغان ئۆينى سېتىپ نېمە قىلماقچىسەن؟سېنىڭ كاللاڭ ئىشلەمدۇ_ يوق؟سەنچە ئۆي سالماق شۇنچە ئاسانمۇ دادامنڭ  قانچە جاپالار بىلەن شۇ ئۆينى سالغانلىقىنى بىلەمسەن؟سېنى دادامدىن كىچىك قالغان دەپ ئۇ ئۆينىڭ مەرىدىن كېچىپ ساڭا بەرگەنلىكم ئېسىڭدىن چىقىپ كەتتىمۇ؟
_ئاكىڭىز توغرا دەيدۇ ئىنىم مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ھەرگىزمۇ ئۆينى ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.جان بولسا جاھان ،ئاش بولسا قازان دەيدىغان سۆز بار ،سىزلا ھايات بولىدىكەنسىز ئۇنداق خوتۇن دىگەن تولا ئۇكام ،نېمىگە شۇنچىلىك قىلىپ كېتىسىز،دەسلىپىدە توي قىلماڭ دىسەك ئۇنىمىدىڭىز ئەمدى بولغاندا ئاشۇ<<ئىنجمارۇقنى>>دەپ ئۆينىمۇ ساتماقچى بولۇۋاتىسىز .بىرەر قېتىم بىزنىڭ گېپىمىزنى يەپ قويسىڭىز كاپىر بولۇپ كېتەمتىڭىز؟دىدى زەردە بىلەن يەڭگىسى.
-بولدى ماڭا تولا ۋەز ئېيتماڭلار مەن ھېچ كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايمەن،مەن گېپىنى ئاڭلايدىغان دادام ئاللا بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن دىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇدى ئۇ.
_ ھوي ئەقىلسىز قارا سېنى مەن سېنىڭ داداڭنىڭ ئورنىدا دادا،مەيلىڭ ئەمەس گېپىمنى ئاڭلىماسلىققا دىگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىنى توستى ئاكىسى.
_ مېنى توسما ئاكا ،ئۆتۈنۈپ قالاي ئەگەر يەنە شۇنداق قىلىپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ ئالدىڭدا ئۆلۈپلا قۇتۇلىمەن دىگىنىچە چىقىپ كەتتى ئۇ...
شۇ تاپتا ئۇنىڭ بېشى قېيىپ،ئولرۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى.ئۇ كۆڭلىدە<<بويتاقنى بۇزغان تۇل،تۇغقاننى بۇزغان پۇل>>دېگەن توغرا گەپ ئىكەن دىگەنلەرنى خىيال قىلاتتى ئۇنىڭ كاللىسىدا  قانداق قىلىپ ئايالىمنىڭ كېسىلىنى داۋالىتارمەن دىگەن خىياللار چىرمىۋالغاندى.
 مۇرتىزا تۆۋەنكى مەھەللىگە يەنى ئۆيى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يوغان گۈرزىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ سارە-سارە دىيىشىپ كېلىۋاتقان ئەزائىل كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇ ئختىيارسىز ياق-ياق! بولمايدۇ سىلەر ئۇنى ئەكەتمەڭلار!ئەكىتىدىغان بولساڭلار مېنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كېتىڭلار !جاھاندا شۇنچە كۆپ ئەسكىلەر ياشايدىكەن ئاشۇ بىچارە سارەگە ياشاش پۇرسىتى بەرمەمسىلەر ؟سىلەر نىمەدېگەن رەھىمسىز ئېھ!قۇدرەتلىك ئاللا كارمىتىڭنى كۆرسەت سارەگە ياشاش پۇرسېتى بەرگىن! ئۆتۈنۈپ قالاي دەپ ئۈنلۈك توۋلىۋەتتى ،ئۇنىڭ ئاۋازى يېزىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزغاندى .ئۇ سەل ئېسىگە كەلدى بولغاي ئەتىراپقا بىر قۇر سەپسالغاندىن كېيىن ئېغىز قەدەملىرىنى ئارانلا يۆتكەپ ئالغا ئىلگىرلەشنى داۋاملاشتۇردى.ئۇ ئالغا ئىلگىرلىمەكتە مانا كوچا دوقمۇشىدىن ئۆتۈن ئۆيىگە يېتىپ كەلدى-دە،دەرۋازا ئالدىدا قانداقتۇر خىياللارغا غەرق بولۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى.تۇيۇقسىزبىرنىڭ .
_ھوي !مۇرتىزا ئوغلۇم قاچان قايتىپ كەلدىڭ؟ دەپ چاقىرىشلىرىدىن كېيىن سەل ھۇشىنى تاپقان  مۇرتىزا  ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى .
يولنىڭ قارشى تەرىپىدە ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان، بەللىرى سەل مۈكچەيگەن،مەڭزى گويا قۇرۇتقان قىزىل مۇچتەك ،بېشىغا بادام دوپپا كىيىۋالغان خىزىر سۈپەت سېلىم بوۋاينىڭ ئۆزى تەرەپكە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى   .
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوۋا ،ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟دىگنىچە ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قول ئۇزارتتى مۇرتىزا ھۆرمەت بىلەن.
_خۇداغا شۈكرى ئوغلۇم ،يۈر ئۆيگە كىرىپ پارڭلىشايلى،ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى بوۋاي ،مۇرتىزامۇ تۈزۈت قىلماستىنلا ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.
ئاددى ئەمما پاكىزە تازىلانغان ئۆي كىشىگە تولىمۇ ئىللىق كۆرۈنەتتى ، گويا تەڭرى تاغلىرىنىڭ چوققىسىدەك ئاق لېچەك ئارتىۋالغان ،تېتىك ،ئاۋازلىرى چوڭۇلداپ چىقىدىغان ھەسەلخان ئانا سالام –سائەتتىن كېيىن ئوخشىغان ئۈگرىدىن بىر قاچىدىن كەلتۈردى.تاماقمۇ يېيىلىپ بولدى دۇئادىن كېيىن ،سېلىم بوۋاي مۇرتىزادىن سارەنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن كەسكىنلىك بىلەن.
_ئوغلۇم:<<سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ>>دەيدىغان سۆز بار ،پۇل دىگەن تېپىلىپ قالىدۇ بىراق ئادەم تېپىلمايدۇ،چوقۇم ئاشۇ بىچارە سارەنىڭ كېسىلىنى داۋالاتقىن .دۇنيادا ھەقىقىي ئادەم ئاز قالدى ئۇرۇغ-تۇغقان ،دوست -بۇرادەرلىرڭگىمۇ پۇل بولمىسابولمايدۇ، كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى پۇل چىرمىۋالغان بۈگۈنكى كۈندە باشقىلاردىن بىر نەرسە قەرىز ئېلىش بەك قىيىن بولۇپ كەتتى ئوغلۇم .لېكىن بۇمۇ ئايرىم ئەھۋال ھېچقىسى يوق ئۇرۇغ-تۇغقان،دوست- بۇرادەرلىرىڭ بېرىپ تۇرمىغان بولسا ئۇلاردىن رەنجىمىگىن ،بىزدە ئازراق بار بېرىپ تۇرايلى، ئاشۇ بىچارە سارەنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغان ئىش بولسا بىزقولىمىز دىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز دىگىنىچە ،خۇددى قېرى دەرەخنىڭ قوۋزىقىغا ئوخشاپ قالغان قولللىرىنى تىترىتىپ تۇرۇپ.بۇنى ئال ئاز بولسىمۇ بىر ئىشقا دالدابولۇپ قالۇر دىگىنىچە كىرلىشىپ كەتكەن ياغلىققا ئورالغان پۇلنى ئۇنىڭ ئالدىغاقويدى ۋە
-    ئالە ئوغلۇم بۇ 5مىڭ سوم ئەگەر لازىم بولسا كېيىنچە بىز يەنە ئامال قىلىپ بېرىمىز دىدىكەسكىنلىك بىلەن.مۇرتىزا كۆز چاناقلىرىدىن سىرغىپ چىققان ياش تامچىلىرىنى       يۇشۇرالمىدى بوۋايغا تەزىم قىلىپ تۇرۇپ:
_بوۋا مەن بۇ پۇللىرىڭىزنى چوقۇم قايتۇرىمەن،سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن دىگىنىچە ھېلىقى پۇلنى ئالدى-دە،مىڭ بىر تەشەككۈرلەرنى ئېيتىپ سېلىم بوۋاي ۋەھەسەلخان ئانا بىلەن خۇشلۇشۇپ چىقىپ كەتتى...
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى .بۈگۈن سەھەردىلا بىر نەچچە خېرىدار مۇرتىزانىڭ ئۆيى ئالدىغا يىغىلىشتى .مەھەللىدىكى بىكار تەلەپلەر،غەيۋەتخور كىشىلەر خۇددى بىكارلىق كىنو قۇيۇلىۋاتقاندەك گۈررىدە مۇرتىزانىڭ ئۆيى تەرەپكە سەلدەك ئېقىشقا باشلىدى.مۇرتىزانىڭ ئاكىسى كانىيى يىرتىلىپ كېتىدىغاندەك ۋارقىرايتتى.
_ ۋوي ھارام تاماق،كالۋا،خوتۇنىنىڭ ئىشتىنىنى كېيىدىغان لامزەللە ،يارىماس ئۆينى سېتىۋېتىپ ئەتە تۇرۇپ ئۆگۈنلۈككە <<غېرىپ ئۆپكەڭنى>> چىقىرىپ كېلىدىغان بولساڭ سەندەك ئىنىم يوق مىنىڭ بىلىپ قوۇي.مۇرتىغا ئۈندىمىدى ۋە پۇلنى ساناپ ئالغاندىن كېيىن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى.ئاكىنىڭ ۋارقىراشلىرى،قارغاشلىېى پۈتۈن مەھەللىنى بىر ئالغاندى...
 ماي ئايلىرىنىڭ ئاخىرى مۇرتىزا سارەنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى .كەڭ ئازادە،پاكىزە يولار ،ئىگىز-ئىگىز بىنالار بىلەن تولغان بۇ شەھەرنىڭ ماي ئايلىرىدىكى ھاۋاسى كىشىگە تولىمۇ ھوزۇر ئاتا قىلاتتى. ئۇلار جەنۇبىي تولوچىلار بېكىتىدە چۈشكەندىن كېيىن شەھەرنىڭ شىمالى تەرىپىگە جايلاشقان ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا قاراپ يول ئالدى،تاكسى قەدەمدە بىر توختايتى چۈنكى ياۋروپار-ئاسىيا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن شەھەر يوللىرى ئۆزگەرتىلىۋاتقان بولۇپ قاتناش تولىمۇ قىستاڭچىلىق بولۇپ كەتكەندى ،كوچىدا ئادەملەر خۇددى يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك مىغ-مىغ،مانا ئۇلار ئاخىرى دوختۇرخانىغا يېيىپ كەلدى لېكىن بۇ جايمۇ ئادەم دېڭىزىغائايلانغان بولۇپ كىشىلەرنىڭ جىممىسى كۈنسايىن تېزلىشىۋاتقان تۇرمۇش رېتىمىغابەرداشلىق بېرىشەلمەي موشۇ جايغا كېلىپ پاناھلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى كىشىگە.
مانا ئۇلارنىڭ دوختۇرخانىغا كەلگىنىگە ھەش-پەش دىگۈچە بىر يېرىم ئايدىن ئاشتى سارەئوپىراتسىيدىن ساق -سالامەت چىقىپ ، كارىۋاتتىن چۈشتى بىراق ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى تۈگەپ قالغاندى قانداق قىلىش كېرەك؟ خېمىيىلىك داۋالاش ئۈچۈن پۇل بولمىسابولمايتتى مۇرتىزانىڭ بېشى قېتىپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ دوختۇرخانىدا داۋلىنىۋاتقان بىرى ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن .دوختۇرخانا ئاشخانىسىدا تاماق ئېلىۋاتقان مۇرتىزاغا .
-ئاڭلىسام قىيىنچىلىق تارتىپ قاپسىز مەن ياتاقداشلارغا ۋە خىزمەتداشلارغا دەپ ئاز بولسىمۇبىر ئاز ئىقتىساد يىغدىم   بۇنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ قالغىنىغا كېيىنچە يەنەئامال بولۇپ قالار دىگىنىچە بىر تۇتام پۇلنى ئۇنىڭغا ئۇزارتتى .
_ياق بولمايدۇ مەن قوبۇل قىلالمايمەن ئاكا ،ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا ماڭا بىر ئىشتېپىشىپ بەرگەن بولسىڭىز ياش بولغاندىن كېيىن ئىشلەپ پۇل تاپسام دەيمەن ئايالىممۇ ھازىر ئاساسەن ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بولۇپ قالدى دىدى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇرتىزا.
-قولىڭىزدىن نىمە ئىش كېلىدۇ ؟
_مەن تېخنىكىلىق ئىشلارنى قىلالمايمەن، قارا ئىش بولسا ھەرقاندىقىنى قىلىمەن دىدى جاۋابەن.
-بولىدۇ ئەمىسە مەن ئۇقۇشۇپ باقاي ،لېكىن بۇ پۇللارنى ئېلىڭ ۋاقتىنچە تۇرمۇش راسخدى قىلىپ تۇرۇڭلار.
_بىزدە ۋاقىتلىق ئىشلىتىپ تۇرغىدەك پۇل بار رەھمەت ئاكا يەنە بىر قېتىم رەت قىلدى ئۇ.
مانا بۈگۈندىن باشلاپ ئۇ قۇرۇلۇش ئورنىغا ئىشقا چۈشىدىغان بولدى سەھەردىلا ئايالىنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قۇرۇلۇش ئورنىغا يول ئالدى ،ئۇ كۆڭلىدە كۈنىگە 150سوم نىمە دىگەن كۆپ پۇل بۇ، دىگەنلەرنى خىيال قىلاتتى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇ بۇ ئىشقىمۇ كۆنۈوپ قالدى، ئايالىنىڭ سالامەتلىكىمۇ كۈنسايىن ياخشىلىنىپ بالنىستتىن چىقىشقا ئازلاقالدى ئاخىرى ئۇ بەختىنى تېپىش ئۈچۈن موشۇ باغرى ئىللىق شەھەردە تۇرۇپ قېلىش نىيىتىگە كەلدى...
         كۆرۈلۈشى:1696     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/6/14 16:15:49يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كاشال دوپپا(ھېكايە)
كاشال دوپپا(ھېكايە)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىپپەتئاي
ئىپپەتئاي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل
قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۆتۈكنى ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان ؛
ئۆتۈكنى ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان ؛
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز
ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈرۈمچىدىكى <ئىپپەت بازىرى>
ئۈرۈمچىدىكى <ئىپپەت بازىرى>

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com