نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئاتا-ئاننىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ۋە كەلمەيدىغىنى

يوللانغان ۋاقتى: 01:27 15-07-2011 مەنبە: ئوكيان تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
-

مەن ساڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتەلەيمەن ، لېكىن سېنى ئۆگىنىشكە زورلىيالمايمەن مەن قانداق ئادەم بولۇشۇڭنى يول كۆرسىتەلەيمەن،لېكىن بارلىق يۈرۈش تۈرۈشىڭگە مەسئۇل بولالمايمەن. مەن ساڭا ئاق - قارىنى قانداق پەرىق ئېيتىشنى ئۆگىتەلەيمەن،لېكىن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئېنىق تاللاپ بېرەلمەيمەن. مەن ساڭا مېھىر- مۇھەببەتنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن ، لېكىن ھەممىسىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىيالمايمەن، مەن ساڭا باشقىلارنى قانداق ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتەلەيمەن، لېكىن سېنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشۇڭغا كاپالەت قىلالمايمەن. مەن ساڭا ھەقىقىي دوستلۇقنىڭ قانداق بولۇشىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن،لېكىن ساڭا دوست تاللاپ بېرەلمەيمەن. مەن ساڭا جىنسىيەت توغۇرلۇق تەربىيە بېرەلەيمەن ، ، لېكىن پاكلىقنى ساقلاپ قېلىشىڭغا كاپالەت قىلالمايمەن . مەن ساڭا كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنىڭ سۆزلەپ بېرەلەيمەن،لېكىن ساڭا شان - شەرەپ ئېلىپ كېلەلمەيمەن. مەن ساڭا ھاراقنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتەلەيمەن، لېكىن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئۇنى رەت قىلالمايمەن. مەن ساڭا زەھەرلىك چېكىمنىڭ زىيانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، لېكىن ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشۇڭغا كاپالەت بېرەلمەيمەن. مەن ساڭا ئادەم ھاياتىدا يۈكسەك نىشان بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن،لېكىن سەن ئۈچۈن بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرەلمەيمەن. مەن ساڭا ئادەم بولۇشنىڭ ھەقىقىي پەزىلىتىنى ئۆگىتەلەيمەن،لېكىن سېنىڭ ئاق كۆڭۈل بولالاشىڭغا كاپالەت قىلالمايمەن. مەن سېنىڭ سەۋەنلىكىڭنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن،لېكىن سېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشۇڭغا كاپالەت بېرەلەيمەن. مەن ساڭا قانداق ياشىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدىغاندىلا ئېيتىپ بېرەلەيمەن،لېكىن ساڭا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلالمايمەن. مەن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ،ساڭا گۈزەل نەرسىلەرنى ئاتا قىلالايمەن،لېكىن ساڭا ئىستىقبال ۋە كەسىپ ئاتا قىلالمايمەن.


مەنبە : ئوكيان تورى

ياخشىكەن
(6)
75%
ناچاركەن
(2)
25%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>