مائارىپىمىز نېمە دەيدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى: 06:10 05-02-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاساس مائارىپ دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى-ئىندىۋىد
ئاساس مائارىپ دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى-ئىندىۋىدۇئاللىقى ئاساسىدا ئۇلارنى ئىجادچانلىققا، گۈزەل ئادىمى پەزىلەتكە، ئۈنۋىرسال، كۈچلۈك ئاساسىي ساپاغا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنەلەيدىغان ئىزدىنىش روھىغا ئىگە قىلىپ تەربىيلەپ، ئاساس مائارىپ دەرسلىك ئىسلاھاتى، قوش تىل ئوقۇتۇشنىڭ تۈپ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپ مەمۇرىيتى سىزدىن تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ: 1. خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئەڭ ئالدى بىلەن كەسپىي ئەخلاقىڭىزغا ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە چوقۇم ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك. پاكىزە، رەتلىك، ئىلمىي كىيىنىشىڭىز، سىيلىق-سىپايە سۆز-ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشىڭىز، ئۇلارغا ئەڭ سۈيۈملۈك، ئەڭ تاتلىق كۈلكىڭىزنى ئاتا قىلالىشىڭىز، ئۇلارغا ھەرگىز يالغان سۆزلىمەسلىكىڭىز، يەنى سەمىمىيلىك-ۋەدىسىدە تۇرۇشنىڭ ئېسىل پەزىلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. 2. ئوقۇغۇچىلارنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىشىڭىز، خاراكتېرىنى چۈشىنىشىڭىز، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى، كۆيىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشىڭىز، ئۇلارغا باراۋەرلىكنى، ئادىللىقنى ھېس قىلدۇرۇشىڭىز، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈشىڭىز ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىڭىز كېرەك. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز دۇنيادە پەقەت-بىرلا بولغىنىڭىزدە، ئۇلارمۇ دۇنيادا پەقەت بىرلا، ئارتۇقچىلىقى يوق ئىنسان مەۋجۇت ئەمەس. 3. ئۆزىڭىزنىڭ نوقۇل ئۆگەتكۈچىلا ئەمەس، بەلكى ئۆگەنگۈچى ئىكەنلىكىنى باشتىن-ئاخىرى ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىز، يېڭىلىقلاردىن ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئوبيىكتىپ دۇنيادىكى يېڭىلىقلارنى بىلدۈرۈشىڭىز، ئۇلارنىڭ ئەقىل ۋە تەسەۋۋۇر بۇلىقىنى ئېچىشىڭىز كېرەك. ئىز-باسار تەربىيلەشنىڭ تۈپ نىشانىنى، قولىڭىزدىكى دەرسلىك كىتابنىڭ پەقەتلا بىر ۋاستە، ئەمما بىردىنبىر ۋاستە ئەمەسلىكىنى بىلىشىڭىز، شۇنداقلا ئۇنى ئۆز پەرزەنتلىرىڭىز-ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ ئەمەلىيتىگە تەدبىقلاپ، ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىڭىز، ئوقۇتۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئەڭ يوقىرى چەكتە ئىجادىي لايھىلىشىڭىز كېرەك ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر سائەتلىك دەرسنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ياخشى ئۆتۈشىڭىز، ئائىلە ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتىدىن كېلىپ چىققان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى دەرسخانىغا سۆرەپ كىرمەسلىڭىز كېرەك. 4. سىز ئۆز پەرزەنتلىرىڭىزگە كۆيۈنگەنگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ ئۇلارغا-پەرزەنتلىرىگە كۆيىنىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز، ئۇلارغا ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنۈشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، «پەرزەنتلىرىڭىز»نىڭ ئىدىيۋى ئەھۋالى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز-پەرزەنتلىرى ھەققىدىكى يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىشىڭىز، مۇناسىپ ئىنكاسلارنى قايتۇرىشىڭىز، بۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىشىڭىز كېرەك. 5. بىز ئىشىنىمىزكى: سىز ئۆز پەرزەنتلىرىڭىزگە لەقەم قويمىغاندەك، تەن جازاسى بەرمىگەندەك- ئۇقۇغۇچىلىرىڭىزغىمۇ لەقەم قويمايسىز، ئۇلارنى پەس كۆرمەيسىز. ئۇلارغا كۆيۈنىسىز، ئۇلارغا كۆيۈنۈشنىڭ، مېھىر-ۋاپانىڭ شېرىن تەمىنى تېتىتالايسىز. ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىغا ئىشنىدىغانلىقىڭىزنى چوقۇم بىلدۈرەلەيسىز، ، ئۇلارنىڭ دۆتلىكىنى مەڭگۈ ئېتراپ قىلمايسىز- ئۇلارنىڭ ھامان بىر ئىشنى ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىسىز ۋە ئىشەنچىڭىزنى ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا شۇ توپ- ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپى ئىچىدە بىلدۈرىسىز. ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ ئىشەنچ تۇرغۇزىشىغا ياردەم بېرىسىز. يوقىرىقىدەك ئىجابىي، ئىجادىي ئەمگەكلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىڭىز ئارقىلىق تەسىرلەندۈرەلەيسىز. ئۇلارنىڭ دىلكىشى، سىردىشى ۋە دوستىغا ئايلىنالايسىز، ئۇلارنى قوزغىتالايسىز، ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە، ھۆرمەتلىشىگە، سىزنى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا تىلغا ئېلىشىغا سەۋەب بولالايسىز. ئويلاپ بېقىڭ، بۇنىڭدىنمۇ تاتلىق-لەزىز مېۋە بولامدۇ؟ ئۇلار سىزنى ھۆرمەتلىگەنىكەن، سىزنى ياخشى كۆرگەن ئىكەن، سىز تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئۇرۇندىماي، سىز ئۆتكەن دەرسلەرنى ياخشى ئۆگەنمەي، يەنىمۇ ئىلگىرىلىمەي قالارمۇ؟ بىزنىڭ سىزنىڭ يوقىرىقى تەلەپلەرگە ماسلىشىپ،مەكتىپىمىز ئوتتۇرغا قويغان تەلىپىگە ، شۇنداقلا سىز ۋە بىز يەتمەكچى بولغان ھەقىقىي ئادەم تەربىيلەش نىشانىغا يېتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىمىز كامىل
|
|
|
------分隔线----------------------------