ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1- ئىيۇلدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2012- يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بۇ دۇنياۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشالمايدىغان تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرى جېننىس دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇۋېتىشتەك شەكىل ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولماقتا. ئۇلار تەلۋىلىكتىن چەكتىن ئاشقان شەكىللەر بىلەن نۇرغۇن كۆزلەرنى جەلپ قىلدى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر بۇنىڭدىن ھاڭ- تاڭ قېلىشتى ھەمدە ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.
تۆۋەندىكىلىرى جېننىس دۇنيا رېكورتلىرىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن قاپ يۈرەكلەرنىڭ رېكورت بۇزغان چاغدىكى كۆرۈنۈشلىرى. ئۇلار مۇشۇ سەۋەبتىن جېننىس دۇنيا رېكورتىنىڭ ئېلېكترونلۇق قوللانمىسىغا كىردى.
سۇ ئاستىدىكى تەنھەرىكەتچى: ۋىتتورىئو ئىننوسېنتې 2008- يىلى سۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايىدا ۋېلىسپىت مىنگەن جېننىس دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچىغا ئايلاندى.
يېڭى زىنلاندىيەلىك ئەر ۋېرونىكا تور 18.52 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن پۇت پالىقى كېيىپ 100 مېتىرلىق توسۇق ئاتلاپ يۈگۈرۈشتە ئەڭ تېز كىشىگە ئايلاندى.
ناتاشا ۋېرۇسكا بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە خەنجەرنى يۈتۈشتە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
كلاۋدىيە گومېز جىننېس دۇنيا رېكورتىدا پۇتى بىلەن يا ئوقىنى ئەڭ يىراققا ئاتقان رېكورتنى ساقلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ.
توماس بلەكزوم تىلى بىلەن ئەڭ ئېغىر نەرسە كۆتۈرگەن دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچىغا ئايلاندى.
داررېن تايلور ياكى «سپلەش پروفېسسور» جۇڭگونىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھىرىدىكى مەلۇم جايدا 11.2 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇپىدىن سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 30 سانتىمېتىر كېلىدىغان كۆلچەككە سەكرەپ، ئەڭ ئېگىز جايدىن ئەڭ تېيىز سۇغا سەكرەش رېكورتىنى بۇزۇۋەتتى.
فرانك سىمون چىشى بىلەن ئېغىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيەلىك جىننېس دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى ئىلكەر يىلماز كۆزى بىلەن ئېغىزىدىكى كالا سۈتىنى بەدەن سىرتىغا پۈركۈيەلەيدۇ.
ياپونىيەلىك ئەر كېنىچى ئىتو 18.58 سېكۇنت ئىچىدە پۇت- قولى بىلەن 100 مېتىرغا يۈگۈرەپ، دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇۋەتكەن.
دۇنيادىكى ماھارىتى ئەڭ مۇكەممەل ئالتۇن بېلىق.
ئەرمەك ئىت سىندېرېللا ماي 2006- يىلى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز سەكرىگەن ئىت بولۇپ قالغان.
2008- يىلى، كېۋىن فەست بۇ ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىلنى سۆرەپ 100 فۇتتىن كۆپرەك يول يۈرۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئاپتوموبىلنى سۆرەپ يول يۈرگەن كىشىگە ئايلانغان.