ياپۇندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان دېڭىز تاشمىسى، يادرۇ رىئاكتورىنىڭ پارتلىشى ۋە قاتتىق سۇغۇق دىگەندەك تەبئى ئاپەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان بالايى-ئاپەتلىرىنى كۈندە تېلىۋىزوردىن كۆرۈپ ئىختىيارسىز ھالدا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار قانداق بولغاندۇ دەپ جىقلىرىمىز ئويلىدۇق. بىرەر بالا-قازاغا يولۇققاندا ياكى خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ يىقىن ئۇرۇق تۇققىنى، تۇنۇشى بىلىشلىرى، يۇرتداشلىرىنى ئىزدەش ۋە خەۋىرىنى قىلىش ھەممە ئىنسانغا ئورتاق بولغان بولغان ھىسيات ۋە پىسخىكا. بىزدىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە ياپۇنىيەگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن، شۇڭا بۇ قېتىمقى يەر تەۋرىگەن رايۇندىكى ئۇيغۇرلار قانداق بولغاندۇ دەپ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بىرىنچى كۈنىلا شۇلارنى ئويلىغانىدىم. ئەمما ئۇ يەردە تېلفۇن ئالاقىسى راۋان بولمىغاچ خەۋەر ئالالمىغان. ئۈلۈشكۈن بىر قېرىندىشىمىزدىن يەر تەۋرىگەن رايۇندا 10 نەچچە ئۇيغۇرنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىغىنى ئاڭلاپ بۈگۈن شۇلاردىن بىرسىگە تېلفۇن قىلىپ تەپسلى ئەھۋاللاشتىم. قىسقىچە ئەھۋال تۈۋەندىكىچە: يەر تەۋرەش بىز تېلىۋىزوردا كۆرگەندەك ھەقىقەتەن ئېغىر بولغان بولۇپ مەن ئەھۋاللاشقان قېرېندىشىمىز يەر تەۋرىگەندە دوخۇپكىدا نان سېلىۋاتقان ئىكەن. يەر تەۋرەپ بولغاندىن كىيىن شۇ رايۇندىكى ھەممە ئۇيغۇرلار ئاساسان دىگۈدەك شۇ يەردىكى بىر تەنتەربىيە مەيدانىغا بېرىپ پانالىنىپتۇ. يىغىلغانلار 18 ئۇيغۇر بولۇپ ئارىسىدا ئىككى كىچىك بوۋاق بار ئىكەن. ئۇ رايۇندا چوڭ كىچىك بولۇپ بالىلارنى قاتقاندا 23 ئۇيغۇر بار ئىكەن، قالغان ئىككى ئائىلە ئۆيى بۇلاردىن سەل يىراقراق بۇلۇپ ئۇلار يىغىلغان يەرلەرگە كىلەلمەي ئۆزلىرىگە يىقىن جايلاردا پانالىنىپتۇ. ئۇ يەردە ئىككى كىچە كۈندۈز تۇرۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا توك، سۇ، گاز دىگەندەك نەرسىلەر بولمىغاچقا بەك قېينىلىپتۇ. ئالاقە راۋان بولمىغاچقا سىرت بىلەنمۇ ئالاقە قىلىش ئىمكانىيتى بولماپتۇ. كىچىك تىپتىكى گاز ئۇچاق دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن بىر نەرسىلەرنى پۇشۇرۇپ يەپتۇ. كىچىك بالىلار بەك جاپا تارتىپتۇ ۋە قورقۇپ كىتىپتۇ. بەزىدە بىر نەچچە ئۇغۇللار بىرلىىشپ ئۆيىگە قايتىپ يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. تۈنۈگۈندىن تارتىپ سەل ئەسلىگە كەلگىلى تۇرۇپتۇ ۋە بۈگۈن ھەممەيلەن ئۆيلىرىگە قايتىپ كىتىپتۇ. ھازىر توك بار ئىكەن، لېكىن قاتناش يوق ئىكەن، سىرت بىلەن ھىچقانداق قاتناش ئالاقىسى يوق ئىكەن. ھۆكۈمەت ھەممەيلەننى ئۆيدىن تالاغا چىقماسلىقنى ئۇختۇرۇپتۇ. ئۇلارمۇ جىددى ئىش بولمىسا تالاغا چىقماپتۇ. ماگزىنلارمۇ ئېچىلىپ سەي، گوش، ئۇن دىگەندەك نەرسىلەر پەيدا بوپتۇ. ھۆكۈمەت بىر ھەپتىگىچە تۇرمۇشنى ئىزىغا چۈشۈرىمىز دەپ پىلانلاۋېتىپتۇ. ياپۇندىكى يەر تەۋرەش رايونىدىن سىرتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن ئەنسىرەپ تېلفۇن ئورۇپ تۇرۇپتۇ، نان ۋە كىچىك بالىلارغا سۈت پاراشۇكى دىگەندەك نەرسىلەرنى ئەۋەتىپتۇ. مەكتەپ تەرەپتىن ئۇختۇرۇش قىلىپ 5-ئايغىچە مەكتەپكە كەلمىسە بۇلىدىغانلىغىنى، سۈرۈشتە قىلمايدىغانلىغىنى دەپتۇ. ئۇلار ھازىر قايتىپ كىتەيلىمۇ ياكى تۇرۇۋىرەيلىمۇ دەپ ئويلىنىۋېتپتۇ. بىر قىسىملار ئوقۇشنى پۈتۈنلەي تاشلاپ كىتىشنى ئويلىشىپتۇ، يەنە بىر قىسىملار قايتىپ نەچچە ئايدىن كىيىن كىلىشنى ئويلىشىپتۇ، لېكىن كۆپ قىسىملىرى يەنىلا تۇرۇۋىرىدىغان ئوخشايدۇ. ھازىرچە ئېغىر يارىلانغان ياكى قازاغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر يوق ئىكەن. ئۇلار دەسلەپتىكى ئىككى كۈن قاتتىق قىينالغاندىن كىىين ھازىر ئىشلىرى ئىزىغا چۈشكىلى تۇرۇپتۇ. مەن سىرتتىكى دوستلارنىڭ ئۇلاردىن قاتتىق ئەنسىرىگەنلىكىمىزنى، بىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن نىمە قىلىپ بىرەلەيدىغانلىغىمىزنى سورىدىم. ئۇ ھەممەيلەنگە سالامىنى تەشەككۈرىنى ئىپادىلىدى ۋە ھازىرچە ئىشلىرىنىڭ جايىغا چۈشۈۋاتقانلىغىنى، تورداشلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرىدىغانلىغىنى ئېيتتى. مەن قاچان ياردەم لازىم بولسا ماڭا ئۇختۇرۇشىنى مەن قولۇمدىن كىلىشىچە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدىغانلىغىمنى، بىر-بىرىمىزگە ئامانلىق تىلىشىپ تېلفۇننى ئاخىرلاشتۇردۇق. ئاخىرىدا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بانكا ھىساۋاتى ئېچىش ۋە مۇۋاپىق ياردەم بىرىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرىنى بەرگەنلەرگە كۆپ رەھمەت. مەن بۇ تەلەپنى يەتكۈزدۈم، ئۇ ياخشى كۆڭلىمىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتتى ۋە ھازىرچە ھۈكۆمەت، مەكتەپ، مەھەللە، ۋە باشقا قۇتقۇزۇش ئورۇنلىرىنىڭ ناھايتى جىق ۋە ئۈنۈملۇك ياردەمدە بۇلۇۋاتقانلىغىنى، شۇلارنىڭمۇ يىتەرلىك ئىكەنلىگىنى بىلدۈردى. ئاللاھ ھەممەيلەننى ساق سالامەت قىلسۇن. مەنبە: جېك بلوگى |