نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

كولۇمبىيەدىكى ئەرۋاھنى ئويغۇتۇش مۇراسىمى

يوللانغان ۋاقتى: 01:21 10-08-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
كولۇمبىيىنىڭ يەر مەيدانى 1.41748 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 35 مىليون 880 مىڭ. ئىندىئان - ئاق تەنلىك شالغۇت نەسىللىكلەر كۆپ ساننى

دۇنيادا كولومبىيە نامى بىلەن ئاتىلىدىغان نۇرغۇن ئورۇنلار بار. مەسىلەن، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى كولومبىيە دۆلىتى، ئا ق ش دىكى جەنۇبىي كارولىنا شتاتىنىڭ مەركىزى بولغان كولومبىيە شەھىرى، ئا ق ش مىڭ مىسسورى شىتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كولومبىيە شەھىرى قاتارلىقلار. بىز جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى كولومبىيە دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز. كولومبىيە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت، دۆلەتنىڭ غەربى بىلەن شەرقىنى دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى بىلەن ئامازون ۋە ئورىنوكو دەريا بويى چۆكمە جىنسلىق تۈزلەڭلىكلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ، ئوتتۇرا قىسمىدا شىمالدىن جەنۇبقا پاراللېل ھالدا سوزۇلغان غەربىي كوردېلىر، ئوتتۇرا كوردېلىر، شەرقىي كوردېلىر تاغلىرى بار، ئۇ تاغلىقلار ئارىلىقلىرىدا تاغ ۋادىلىرى جايلاشقان. دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدا ماگدا لېنا دەرياسى بار. ئېكۋاتور سىزىقى كولومبىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ. كولومبىيىنىڭ پايتەختى ئېگىز تاغلىق ئورۇنغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى مۆتىدىل بولىدۇ. كولومبىيىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000 - 2000 مىللىمېتىر بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ 50% يېرىنى تروپىك ئورمانلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. كولومبىيىنىڭ يەر مەيدانى بىر مىليون 138 مىڭ كۋادرات كلىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 28 مىليون 479 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ 57% نى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، 20% نى ئاق تەنلىكلەر، 14% نى قارا تەنلىكلەر بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ ئارىلاش قان سېستىمىسىدىكىلەر، 4% نى نېگىرلار، 1% نى ئىندىئانلار، قالغىنىنى باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ، كولۇمبىيە ئاھالىسىنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ، كولۇمبىيە ئاھالىسىنىڭ مىللىي تەركىبىي مۇرەككەپ، پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ 64.3% ى شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشقان، ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىسپان تىلى دۆلەت تىلى بولىدۇ، پايتەختى بوگوتا شەھىرى. كولومبىيە 1525 - يىلدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1810 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغان. 1980 - يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. كولومبىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن كوفې ئۆستۈرۈلىدۇ. كوفې مەھسۇلاتى برازىلىيىدىن قالسا دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا شال، كۆممىقوناق، كۈنجۈت، خاسىڭ، ئاپېلسىن، شېكەر قومۇشى، كېۋەز، تاماكا، ياڭيۇ، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەيدۇ. كولومبىيىنىڭ يەر ئاستى بالىقلىرى مول بولۇپ، نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، پىلاتىنا، تەبىئىي گاز، تۆمۈر، مولبىدىن قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئېلىنىدۇ. سانائەتتە شېكەر، كوفې ۋە توقۇمىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا مېتاللۇگىيە، ماشىنىسازلىق، خىمىيە، نېفىت ئايرىش، نېفىت خىمىيەت، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. تاشقى سودىسىدا كوفې، نېفىت، ئاپېلسىن، قىمەت بھالىق مېتاللار بىلەن توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ، ماشىنا ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئاپتوموبىل، سانائەت خام ئەشياسى، يېمەك - ئىچمەكنىڭ بىر قىسمىنى ئېمپورت قىلىدۇ. قاتناش ترانسپورتىدا تاشيولنى ئاساس قىلىدۇ. پۈتۈن دۆلەتتىكى تاشيول ئۇزۇنلۇقى 100 مىڭى كىلومېتردىن ئاشىدۇ.

     كولۇمبىيىنىڭ تولۇق نامى <كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى كولۇمبونىڭ 1492 - يىلى ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن قويۇلغان. بۇ نام كولۇمبونىڭ ئىسمى كەينىگە لاتىنچە كەينى قوشۇلغۇچى - ia سۆزىنى قوشۇش ئارقىلىق تۈزۈلگەن بولۇپ، مەنىسى <كولۇمبو دۆلىتى>. لېكىن ئىسپاتلىنىشچە، كولۇمبونىڭ ئۆزى ھېچقاچان كولۇمبىيە زېمىنىغا بېرىپ باقمىغان ئىكەن. 1498 - يىلى كولۇمبو ئۈچىنچى قېتىملىق ئامېرىكا سەپىرىدە كولۇمبىيە دېڭىز قىرغاقلىرىغا بارغان. 1599 - يىلى ئىسپانلار بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، بۇ جاي ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، يېڭى گرېنادا (ھازىرقى ۋېنېسۇئېلا، ئېكۋاتور ۋە پانامالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دەپ ئاتالغان، 1819 - يىلى سىمون. بولىۋار رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بۇئاككا ئۇرۇشىدا غەلبە قازانغاندىن كېيىن، مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن. 1822 - يىلى بۇ جاي ۋېنېسۇئېلا، ئېكۋاتور ۋە پانامالار بىلەن بىرلىشىپ <بۈيۈك كولۇمبىيە فېدېراتسىيسى> نى قۇرغان. 1830 - يىلى ۋېنېسۇئېلار ۋە ئېكۋاتور چىكىنىپ چىققانلىقتىن، <يېڭى گرېنادا جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن، 1863 - يىلى يەنە <كولۇمبىيە قوشما شىتاتلىرى> دەپ ئاتالغان. 1886 - يىلى نامىنى <كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتى> قىلىپ بېكىتكەن.
     كولۇمبىيىنىڭ يەر مەيدانى 1.41748 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 35 مىليون 880 مىڭ. ئىندىئان - ئاق تەنلىك شالغۇت نەسىللىكلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئىسپان تىلىنى قوللىنىپ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى بوگوتا. پۇل بىرلىكى لولۇمبىيە پېسوسى. 
لاتىن ئامېرىكا ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پىشۋاسى سىمون بولىۋار كولومبىيە، ۋېنېسۇئېلا ئېكۋادور خەلقىنى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، ئاخىر بۇ دۆلەتلەرنى ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىلققا ئېرشتۈردى ھەمدە 1822 - يىلى بۈيۈك لولومبىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. سېرىق، كۆك، قىزىل رەڭدىكى توغرا بەلدەملىك بايراق شۇ چاغدىكى بۈيۈك كولومنىيە دۆلەت بايرىقىدۇر. بۈيۈك كولومبىيە 1830 - يىلى تارقالغاندىن كېيىن كولومبىيە بۇ دۆلەت بايرىقىنى قىسمەن ئۆزگەرتىپلا ئاساسەن بۇرۇنقى نۇسخىسىنى ساقلاپ قالغان. كولومبىيە دۆلەت بايرىقىدىكى سېرىق رەڭ قۇياش نۇرى، ھوسۇل ۋە تەبىئىي بايلقنىڭ سىمۋولى بولغان. كۆك رەڭ كەڭ ئاسمان بىلەن ئوكياننىڭ سىمۋولى، قىزىل رەڭ كولومبىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن تەقدىم قىلغان ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتنىڭ سىمۋولى بولغان.
     كولومبىيە دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسدىكى لاۋېر شېخىنى ئېلىپ كەلگەن ھەيۋەتلىك ئاند بۈركۈتى كولومبىيىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى نامايان قىلغان. بۈركۈتنىڭ قولى ئاستىدىكى ئالتۇن رەڭلىك لېنتىغا < ئەركىن ۋە تەرتىپ> دېگەن سۆز يېزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستى قىسىمىدا بەلۋاغدىكى ئۆسۈملۈك بىلەن ئالتۇن تەڭگىگە تولغان ئىككى قوشقار مۈڭگۈزى بىر يېرىلغان ئانارنى ھىمايە قىلىپ تۇرغان كۆرۈنۈشىنى ھەم كولومبىيىنىڭ مول تەبىئىي بايلىقىنى كۆرسەتكەن، ھەم كولومبىيىنىڭ ئىسپانىيە بىلەن بولغان تارىخى ئالاقىسىنىمۇ ئىپادىلىگەن. كولومبىيىنىڭ كونا نامى ئەسلى يېڭى گرانادا بولۇپ، ئانار ئىسپانىيىنىڭ شەھىرى گرانادانىڭ شەھەر گېربى ئىدى؛ ئوتتۇرا قىسىمىدا < ئەركىنلىك خادىسى > بىلەن بىر < ئەركىنىلىك تۇمىقى > بولۇپ، ئەركىنلىك بىلەن ئازادلىق مەدھىيلەنگەن. ئاستىدىكىسى بىر خەرىتە بولۇپ، كولومبىيىنىڭ ئىلگىرى باشقۇرغان پاناما بوغۇزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە كىشىلەرگە كولومبىيىنىڭ تىنچ ئوكيان بىلەن كارىب دېڭىزىغا تۇتىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. سېرىق، كۆك ۋە قىزىل رەڭدىكى دۆلەت بايرىقى كولومبىيە دۆلەت گېربىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ تۇرغان مۇسىبەت ھەم تەنتەنىلىك كۆرۈنىدۇ.
 
 
 
 
 

 

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر