ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئوت يۈرەك شائىرىمىز لوتپۇللامۇتەللىپ ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-13 18:07 مەنبەسى: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
'
  

   ئوت يۈرەك شائىرىمىز لوتپۇللامۇتەللىپ 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالىمۇتائوبلاستىغا قاراشلىق چۈنچە يېزىسىنىڭسايبويى مەھەلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1931 - يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن غۇلجىغا كەلگەن . دادىسىھېزىماخۇنلوتپۇللانىروس ۋەتاتارمەكتەپلىرىدە ئوقۇتقان ...
      لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «يىللارغا جاۋاپ » خىيالچان تىلەك « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ » « ئەجەل ھودۇقۇشىدا » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى يېزىپ قالدۇردى ،شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت مىللەتپەرۋەرلىك ، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ،ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا !!
        لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان، كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان .
1944 يىلى غولجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ، لوتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە ، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەرلوتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان .
        لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز.


سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى

ياخشىكەن
(13)
92.9%
ناچاركەن
(1)
7.1%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>