قارخانىيلار خانلىقى_ ئورخۇن دەريا ۋادسىدىن غەرىبكەكوچكەن ئۇيغۇر ياغما قەبىلسى تەرپىدىن قۇرۇلغان مەشھۇر خانلق بولۇپ، 9-ئەسرنىڭ ئوتتۇرلىردىن 13-ئەسرنىڭ باشلىرغىچە جەمئي ئۇچ ئەسىردىن كوپرەك ۋاقىت ھوكۈم سۇرگەن. 3.ئوغۇلچاق بۇخراخان 4.ساتۇق بۇغراخان 5.مۇسا تىكىن 6.ھارۇن بۇغراخان 7.تۇغانخان 9.يۈسۇپ قادىرخان 10.سۇلايمان ئارسىلانخان يۇسۇپ قىدىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى.مىلادىيە1033-1056-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.مىلادىيە 1056-يىلى ئىنىسى مۇھەممەد بىننى يۇسۇپ بىلەن بولغان جەڭدە ئەسىرگە چۈشۈپ، ئۆلتۇرۇلگەن. 11.مۇھەممەد بىننى يۈسۇپ ئاكىسى سۇلايمان ئارسىلانخاندىن كېيىن تەخىتتكە چىققان. مىلادىيە1056-1058-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئاران 15ئاي خاقان بۇلۇپ، 1058- يىلى تەختتىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن (ئالىم مەھمۇد كەشغارينىڭ ئاتىسى)گە ئۆتۇنۇپ بەرگەن. 12.ئىبراھىم بىننى مۇھەممەد مۇھەممەد بىننى يۇسۇپنىڭ يەنەبىر ئوغلى. ئۇمىلادىيە 1058-يىلى ئانىسىنڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئوردا سىياسى ئۆزەۇرۇش قوزغاپ،تەختتنى تارتىۋالغان. 1058-1059-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئىنكال تېكىن تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلگەن. 13.مەھمۇد بىننى يۈسۇپ ئبراھىم بىننى مۇھەممەدنىڭ تاغىسى.مىلادىيە1059-1074-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. مىلادىيە1074-يىلى ۋاپات بولغان. 14.ئۆمەر بىننى مەھمۇد مەھمۇد بىننى يۈسۇپنىڭ ئوغلى.خاقانلىق ئۇنىڭغا ئاران ئككى ئايلا نىسىپ بولۇپ، ھەسەن بىننى سۇلايمان تەرىپىدىن تارتىۋىلىنغان. 15.ھەسەن بىننى سۇلايمان مەھمۇد بىننى يۈسۇپنىڭ جىيەنى بۇلۇپ، تارىختا <ھارھۇنⅡ>دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. 1075-1102-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئۇ باتۇر ھەم ناھايتتى پاراسەتلىك كىشى بۇلۇپ،خانلىقنى ۋە پەن-مەدىىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلگەن.شۇڭا قەشقەردە مىسلسز گۇلۇنۇش بارلىقا كېلىپ،<قۇتادغۇبىلىگ>،<قەشقەرىيە تارىخى>غا ئوىشاش مەھشۇر ئەسەرلەر يېزىلغان.ئۇلۇغ ئالىم يۈسۇپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرىنى دەل مۇشۇ خاقانغا تەقدىم قىلغان.1102-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. 16.ئەھمەد بىننى ھەسەن ھەسەن بىننى سۇلايمانىڭ ئوغلى. مىلادىيە 1103-1128-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.1128-يىلى ۋاپات بولغان. 17.ئبراھىم بىننى ئەھمەد ئەھمەد بىننى ھەسەنىڭ ئوغلى.مىلادىيە 1129-1158-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.1158-يىلى ۋاپات بولغان. 18.مۇھەممەد بىننى ئبراھىم ئبراھىم بىننى ئەھمەدنىڭ ئوغلى. 1159-يىلى تەخىتتۆە چىققان. [قولىمىزدا ئۇنىڭ ئاخىرقى سەلتەنەت دەۋرى توغۇرلۇق ئشەنچىلىك مەلۇمات يوق.] 19.مۇھەممەد بىننى يۈسۇپ مۇھەممەد بىننى ئبرايىمنڭ نەۋرىسى.مىلادىيە 1204-1211-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 1209-يىلى نايمان قەبىلىسىنىڭ شاھزادىسى كۈچلۈك قىتاننلار تەختتنى تارتىۋىلىپ ، قەشقەر ۋە خوتەن رايۇنىنى زورلۇق بىلەن ئىگەلىۋالغان.بۇنىڭ بىلەن قارخانىيلار نامىدا بار ئەمەلىيەتتە يوق خانلىققا ئايلىنىپ قالغان.1211-يىلى بىننى يۈسۇپ يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلگەن. 20.مۇھەممەد قارخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خاقانى.مىلادىيە 1211-يىلى خاقانلىق تەختىگە چىققان.سەلتەنەت دەۋرى ھەمدە مۇھەممەد بىننى يۈسۇپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. ئۇ تەخىتگە چىقىپ بىر يىلدىن كېيىن نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك قارخانىيلار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. نەتىجىدە،قارخانىيلار خانلىقىنىڭ ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك داۋاملاشقان ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى.
|