ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

<ئاقسۇدا 1945> ناملىق روماننىڭ كىرىش سۆزى

يوللانغان ۋاقتى: 01:32 28-03-2011 مەنبە: ئاقسۇدا 1945 رومانى ئاپتورى: ئەيسا يۈسۈپ كۆرۈلۈشى: قېتىم
<ئاقسۇدا1945 > ناملىق روماننىڭ كىرىش سۆزى
< ئاقسۇدا 1945 > ناملىق روماننىڭ  كىرىش سۆزى

 ئەيسا يۈسۈپ

ھۈرمەتلىك كىتابخان:
مىنىڭ بۇ قىسسەم ئۆزۇم 1948-يىلى غۇلجا شەھىرىدە يىزىپ چىققان <زەنجىرلەنگەن تەن>ناملىق ئوچىرىك ئاساسىدا دۇنياغا كەلدى. مىنىڭ بۇ ئوچېركىم ئەينى ۋاقىتتا،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مەركىزىي بازىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان غۇلجا شەھىرىدە نەشىر قىلىندىغان كۈندىلىك مەتبۇئات گېزىتىنىڭ 1948-يىلىدىكى ئاپرىل سانلىرىدا ،<ئۆسۈش>ناملىق ئەدەبىيات سەھىپىسىدە بېسىلغانىدى.
1957-يىلى مەن ئۇنى قايتىدىن ئىشلەپ،چوڭراق بىر ئەسەر سۈپىتىدە دۇنياغا چىقىرىش ئستىكىدە ئىككنچى قىتىم يىزىشقا كىرىشتىم.بىراق،ئەسەر پۈتۈپ قولۇمدىن چىقىشىغىلا يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش باشلىنىپ،قوليازما مۇسادىر قىلىندى ۋە كۆيدۈرۋىتىلدى.شۇ قېتىم  <زەنجىرلەنگەن تەن> نىڭ قولۇمدا ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان گېزىتتىكى بىردىنبىر نۇسخىسىمۇ كۆيدۈرۈۋىتىلگەنىدى.بىراق،مەن بۇ ئېغىر پىشكەللىك ئالدىدا باش ئەگمەي ،1980-يىلىغا كەلگەندە يەنە بىر قىتىم قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
مەن يازماقچى بولۇۋاتقان ئادەملەر ھەقىقى ئادەملەر ئىدى،بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر چىن ۋە ئىنىق ئىدى،شەخسەن ئۆزۇم بۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شاھىتى ئىدىم.ئادەملىرمىزنىڭ ھايات-ماماتلىق جەڭلەردە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئەسىرلىككە ئېلنىپ قالغاندىن كېيىن،قان ئېچەر گومىنداڭچى مۇستەبىتلەر ئالدىدا كۆرسەتكەن قەھىرمانلىقلىرى ھەر قىتىم كۆز ئالدىمغا كەلسە،مەن ھاياجانلىناتتىم،بۇ ئاجايىپ باتۇرلۇقلار ۋە قەيسەرلىكلەر مىنى شۇ سەلتەنەتلىك ۋەقەلەر ھەققىدە،مىللى باراۋەرلىك،ئەركىنلىك يولىدا تۆكۈلگەن ساپ قانلار توغۇرسىدا ئەسلىمە خاراكتېرىدىكى بۇ قىسسىنى يېزىشقا تەقەززا قىلاتتى.ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ،جاپالىق ئەمگەككە كىرىشتىم.
نۇرغۇن قىتىم تامغان ئەجىرلىك سىيالار بەدىلىگە ئاخىر بۇ قىسسە<ئاقسۇدا1945-يىل>يېزلىپ چىقتى.شۇنداق قىلىپ  <زەنجىرلەنگەن تەن>ناملىق كىچىك ئانا 40 يىلدىن كېيىن بۇ يىڭى پەرزەنتىنى تەۋۋەللۇت قىلدى.
1945-يىلى ئاقسۇدىكى گومىنداڭچىلار ئىنتايىن چىرىكلىشىپ،ھالاكەت گىردابىغا يۈزلەنگەن،شۇ سەۋەپتىن ئۆزلىرنى قاپساپ كەلگەن ئەجەللىك مەغلۇبىيەتتىن بىر ئىلاج قىلىپ قۇتۇلۇپ قىلىش ئۈچۈن،ئەڭ ئاخىرقى ۋەھشىلىكلىرىنى ئشقا سىلىپ ،خەلق ئۈستىدىن قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە كىرىشكەنىدى.1945-يىلىدىكى ئاقسۇ ئەينى چاغدا ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ مودھىش،ئەڭ زۇلمەتلىك دوزاخ بولۇپ قالغانىدى،خەلق قاتمۇقات زۇلۇم ،قول ئۇزارتىپ كىلىۋاتقان ئۆلۈم ئالدىدا ھاياتنىڭ ھەربىر دەقىقىسىنى ئەلەم بىلەن ئېغىر تىنىقلار ئىچىدە ئۆتكۈزەتتى.ئاخىر بۇ پاجىئەلىك تۇرمۇش ئاھالىنى سەپكە ئۇيۇشۇپ،گومىنداڭغا قارشى تىغمۇتىغ كۈرەش ئىلىپ بېرىشقا تەييارلىدى،چۈنكى ،بۇ ۋاقىتتا سەۋىر تاقەت ئەڭ ئاخىرقى چىكىگە بېرىپ قالغان ئىدى.دۈشمەن ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ تۇرۇۋىرىش،مۇستەبىتلەر جادوسىدا باش قويۇپ يىتىش ،قىلىچ بىسىغا بويۇن سۇنۇپ بېرىش بىلەن باراۋەر بولۇپ قالغانىدى.
1944-يىلى نىلقىدا قوزغىلىپ،ئارقىمۇ ئارقا غەلبىگە ئېرىشكەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئاقسۇ خەلقىغە زۇلۇم .ئسكەنجىسىدىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن،قولىغا قورال ئېلىپ،ئۆز دۈشمىنىگە قارشى جان تىكىپ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈردى.  ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى ئوقلىرى ئېتىلغاندىن باشلاپلا ،پۈتۈن ئاقسۇئۇنىڭ بىۋاستە تەسىرى ئىچىگە كىردى،تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئىتىكىگە جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايتىنىڭ بۇ تاغنىڭ شىمالىي ئىتىكىنى بويلاپ سوزۇلغان ئىلى ۋىلايىتى بىلەن ،بولۇپمۇ ئۇنىڭ تىكەس،مۇڭغۇلكۈرەگە ئوخشاش بىر قاتار ناھىيەلىرى بىلەن تام قوشنىلاردەك يېقىنلىقى ،زىچ باردى كەلدىسى بار ئىدى.قۇراللىق ئىنقىلاب تىكەس ،مۇڭغۇلكۈرە،كۈنەسلەرنى ئازاد قىلغان چاغدا،بۇ ناھىلەردىكى بىر قىسىم گومىنداڭچى ئەمەلدارلار ئۆزلىرىگە دالدا .ئورۇن ئىزلەپ ئاقسۇغا قىچىپ كەلدى.بۇنى خەلق كۆردى.ئاقسۇ ئەمەلدارلىرى ئىلى ۋىلايتىدە داۋام قىلىۋاتقان ئىنقىلابنى سەزدۇرمەسلىك ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرشۋاتقانلىرىغا قارىماي ،ئاقسۇ خەلقى ئاخىر قاچقۇنلارغا قاراپ ،يىڭى خەۋەرلەرنى ئاڭلاۋاتقاندەك،قۇراللىق ئىنقىلابنىڭ غەلبىسىرى ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۋاتقاندەك بولدى،خەلق شىددەت بىلەن ئويغاندى ،ئاقسۇ ھايات ماماتلىق ئىلىشىشنىڭ ھامىلە مەزگىلىگە كىردى.ئىنقىلابنىڭ پات ئاردا بۇ يەردىمۇ دۇنياغا كېلىشى نۇقەررەر بولۇپ قالدى.
ئاقسۇدا دەۋر ئىلغارلىرى بولغان بىر تۈركۈم قەيسەر ياشلا قەتئى ئىرادىگە كىلىپ،يوشۇرۇن كۈرەش ئېلىپ بېرىش يولىدا ئۆز ئارا مۇستەھكەم بىرلەشتى.ئۇلار خەلقنىڭ قەدىرلىك پەرزەنتى،سۆيۈملۈك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ،قايتماس كۈرەشچى مۇنىردىن خوجىلارنىڭ يىتەكچىلكىدە < ئۇچقۇنلار ئىتىپاقى>نامىدا ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇپ ،گومىنداڭ بىلەن تىغمۇ تىغ ئېلىشىشنىڭ مەخپى كۈرەش سىپىنى بەرپا قىلدى.
1945-يىلنىڭ ئاۋغۇسىت ئېيىدا مىللى ئارمىيەنىڭ ئابدۇكېرىم ئابباسوپ،قاسمجان قەمبىرى ۋە مەشھۇر ھەربىي كوماندىر سوپاخۇن سوۋۇرۇۋلار يىتەكچىلكىدە 200كىشلىك جەنۇبقا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنى ئىلى ۋىلايىتىدىن يول ئېلىپ،قىيىر تاغ ئېغىزى ئارقىلىق باي ناھىيسىگە كەلدى.ئېلىپ بېرىلغان ھەر بىر ئۇرۇش بۇ باتۇر جەڭچىلەرنىڭ غەلبىسى ھىسابىغا چاقماقتەك تېز ھەل بولۇپ تۇردى.قىيىر تاغ ئېغىزى ۋە باي ناھىيسىنى ئارقىمۇ ئارقا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قىتىملىق ھوجۇم بىلەن گومىنداڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلغان جەڭچىلەر جاھىل ئىستىھكام بولغان قوغاننىمۇ بويسۇندۇرۇپ،غالىبانە قەدەملەر بىلەن ئاقسۇغا يۈرۈش قىلدى.كونىشەھەر ناھىيەسى ئازاد قىلىندى؛لىكىن دۈشمەنلەرنىڭ ئۈلۈم كۈنلۈرنىڭ يېقىنلاپ، ئۆزلىرگە ئەجەلنىڭ سايە تاشلاپ تۇرغانلىقىنى ئىتراپ قىلغۇسى كەلمەيتتى.
ئۇلار ئاقسۇغا مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرى كىلىشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ،ئىشپىيون،جاسوس ۋە پايلاقچىلىرى ئارقىلىق ئۇچقۇنلارئىتىپاقىنى بايقاپ قالغان،لۇتپۇللا مۇتەللىپ،مۇنىردىن خوجا،ئابدۇللا داۋۇتوۋ،بىلال ئەزىزى،سىيىت ئابباس،ئابدۇللا روزى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ياش ئۇچقۇنلارنى قاماققا ئالغان ئىدى.بۇنىڭ بىلەن مىللى ئارمىيەنىڭ بۇ جەنۇبىي يۆنۈلۈش قوشۇنىغا ئاقسۇ يىڭشەھەر ناھىيىسىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم قاتناش تۈگۈنىنى ئىگىلەپ،ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ ئورگانلىرنىڭ قەشقەر،يەكەن(ئەينى ۋاقىتتايەكەن-قاغىلىق،مەكىت،پوسكام،يەكەن ناھىيىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايرىم ۋىلايەت ئىدى)،خوتەن ۋىلايەتلىرى بىلەن بولغان ھەربىي،سىياسىي،مەمۇرى ئالاقىلىرىنى ئۈزۈل-كىسىل ئۈزۈپ تاشلاشتىن تاشقىرى يەنە،ئۇچقۇنلار ئىتىپاقىنىڭ ئەزالىرنىمۇ دۈشمەن قامىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئۆز-ئۆزىدىن يۈكلىنىپ قالدى.
ئاقسۇ يىڭى شەھەر سىپىلى قوغان ئىستىھكامدىن كىيىنكى ئەڭ جاھىل دۈشمەن قورغىنى ئىدى.بۇ سىپىلنى بۆسۈپ تاشلاش ئۈچۈن ناھايىتى قاتتىق جەڭلەر داۋام قىلدى.مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرى بىلەن كەڭ خەلق قاتلىمى مۇشۇ ئىشتا تللاردا داستان بولغۇدەك زور قەھىرمانلىقلارنى ياراتتى،1945-يىلى ئاقسۇدا غەزەپ بىلەن قولىغا قورال ئالغان خەلق گومىنداڭ مۇستەبىتلىرنىڭ قارا يۈرىكىنى ئەستىن چىقمايدىغان دەرىجىدە ناھايىتى قاتتىق مۇجۇپ تاشلىغانىدى.
مەن 70ياشقا كىرىپ كۈچ مادارىمدىن قالغان،قۇلۇم گاللاشقان بىر چاغدا ، بۇ ئەسەر ئۈستىدە توپتوغرا ئۈچ يىل ئىشلىدىم..ئاڭغىچە ئۆزۇم 70ياشتىن ھالقىپ 73 ياشقا كىردىم.ئاردىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ،ئاخىر بۇ ئەسەر يىزلىپ بولدى،ئاندىن مىنىڭمۇ كۆڭلۈم تىندى،ئارام ئېلىپ قالدىم.بۇ ئەسەردە ئۇنداق ياكى بۇنداق نۇقسانلار بولسا كىتابخانلاردىن ئەپۇ سورايمەن.

مەنبە :<ئاقسۇدا 1945 > ناملىق روماننى

ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر