ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر نامىنى باشقۇرۇش چارىسى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-06-19 23:52 مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر نامىنى باشقۇرۇش چارىسى
  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

171-نومۇرلۇق

 

<< شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر نامىنى باشقۇرۇش چارىسى >> 2011-يىل 26-ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 24-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى ، ئۇنى ئېلان قىلدىم ، 2011-يىل 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .

 

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

2011-يىل 10-ئاۋغۇست


 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر نامىنى باشقۇرۇش چارىسى

 

1-ماددا بۇ چارە يەر نامىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ، يەر نامىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادى ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ، گوۋۇيۈەننىڭ << يەر نامىنى باشقۇرۇش نىزامى >>غا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى .

2-ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى يەر نامىنى باشقۇرۇش پائالىيىتىگە تەدبىقلىنىدۇ .

3-ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن يەر نامى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(1) ئوبلاست ، شەھەر ( ۋىلايەت ) ، ناھىيە ( شەھەر ، رايون ) ، يېزا ( بازار ) قاتارلىق مەمۇرىي رايونلار ناملىرى ؛

(2) تاغ ، دەريا ، كۆل ، بۇلاق ، مۇزلۇق ، قۇملۇق ، چۆللۈك ، تۈزلەڭلىك ، ئوتلاق قاتارلىق تەبىئىي جۇغراپىيەلىك ئەمەلىي گەۋدە نامى ؛

(3) تەبىئىي كەنت ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق نۇقتىسى ، بازار ، شەھەر بازىرى ، كوچا - يول ، ئاھالە رايونى ، بۆلەك رايون قاتارلىق ئاھالە رايونى نامى ؛

(4) دەرۋازا ( قورۇ ) ، بىنا ( كورپۇس ) قاتارلىقلارنىڭ نامى ؛

(5) ئىستانسا ، پونكىت ، مەيدان ، پورت ، تۆمۈر يول ، كۆۋرۈك ( ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ) ، تونېل ، سۇ ئامبىرى ، ئۆستەڭ ، توسما قاتارلىق يەر نامى ئەھمىيىتىگە ئىگە كەسپىي ئەسلىھە ، شەھەر ئەسلىھەسى ، ئۇل ئەسلىھە نامى ؛

(6) ساراي ، باغ ، داچا ، قورۇق ، سودا مەركىزى قاتارلىق يەر نامى ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىمارەت ناملىرى ؛

(7) مەدەنىيەت يادىكارلىقى ، قەدىمىي يادىكارلىق ، خاتىرە ئورنى ، تارىخىي مىراسنى قوغداش يېرى ، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ، مەشھۇر مەنزىرە سەيلىگاھلىرى ، باغچا ، مەيدان ، تەنتەربىيە مەيدانى - سارىيى ، شۇنداقلا قەبرىستانلىق ، چېركاۋ ، مەسچىد قاتارلىق كونكرېت يەر نامى ئەھمىيىتىگە ئىگە ئاممىۋىي سورۇنلار ، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى نامى ؛

(8) يەر نامى ئەھمىيىتىگە ئىگە باشقا ناملار .

4-ماددا ناھىيە ( شەھەر ) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىنىڭ يەر نامىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ .

ج خ ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ، قاتناش - ترانسىپورت ، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ، تىل - يېزىق ، مەدەنىيەت ، ئاخبارات - نەشرىيات قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە يەر نامىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ .

5-ماددا يەر نامى قويۇش ، ئۆزگەرتىشتە تۆۋەندىكى پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش شەرت :

(1) دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ئابرويىنى قوغداش ؛

(2) شۇ جاينىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ۋە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ؛

(3) تارىختىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان نام ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ؛

(4) بىر تۇتاش باشقۇرۇش ، تۈرگە ، دەرىجىگە ئايرىپ تەستىقلاش .

6-ماددا يەر نامى قويۇش ، ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاش ھوقۇقى ۋە تەرتىپىدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش شەرت :

(1) مەمۇرىي رايون نامى گوۋۇيۈەننىڭ << مەمۇرىي رايونلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى >>دىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىنىدۇ ، يېزا ( بازار ) نامىنى ئوبلاستلىق ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ ؛

(2) مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا داڭلىق ياكى دۆلەت چېگراسى يۆنىلىشى ، ئۆلكە چېگراسىغا چېتىلىدىغان تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئەمەلىي گەۋدە نامىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ ؛ ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى مەشھۇر تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئەمەلىي گەۋدە نامىنى جايلاشقان جايدىكى ئوبلاستلىق ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ ؛ باشقا تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئەمەلىي گەۋدە نامىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيىلىك ( شەھەرلىك ) خەلق ئىشلىرى تارمىقى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ ؛ ئوبلاست ، شەھەر ( ۋىلايەت ) ، ناھىيە ( شەھەر ، رايون ) ھالقىغان تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئەمەلىي گەۋدە نامىنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ ؛

(3) ئاھالە رايونى نامى ، دەرۋازا ، بىنا نومۇرىنى ناھىيىلىك ( شەھەرلىك ) خەلق ئىشلىرى تارمىقى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ ؛

(4) يەر نامى ئەھمىيىتىگە ئىگە كەسپىي ئەسلىھە ، شەھەر ئەسلىھەسى ، ئۇل ئەسلىھە ، ئاممىۋىي سورۇن ، مەدەنىيەت ئەسلىھەسى نامىنى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار تەستىقلاپ ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ .

7-ماددا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاھالە رايونى ۋە يەر نامى ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىمارەت نامىنى قويۇشتا ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تۈر پىلانىنى تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيىلىك ( شەھەرلىك ) خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا تىزىملىتىپ ، تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ .

8-ماددا تەۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان يەر نامىنى قويۇش چەكلىنىدۇ ؛ نام قويۇپ بولغانلىرى ئۆزگەرتىشى كېرەك :

(1) ئوخشاش بىر شەھەر - بازار ئاھالە رايونى ، بۆلەك رايون ۋە يەر نامى ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىمارەت نامى ۋە تەبىئىي جۇغراپىيىلىك نامى قايتا قويۇلغان ياكى ئاھاڭى ئوخشاش بولسا ؛

(2) ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى يەر نامىنى خالىغانچە ئاددىيلاشتۇرۇش ؛

(3) چەت ئەل يەر نامى بىلەن قويۇش ؛

(4) دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى يەر نامى قىلىپ قويۇش ؛

(5) قانۇن - بەلگىلىمىلەردە نام قويۇش چەكلەنگەن باشقا ئەھۋاللار .

ئىجتىمائىي جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ياكى جامائەت بايلىقىنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن باشقا كارخانا نامى ، مەھسۇلات نامى ، تاۋار نامى ياكى ئادەم ئىسمىنى يەر نامى قىلىپ قويۇشقا بولمايدۇ .

9-ماددا مۇشۇ چارە بويىچە تەستىقلانغان ، تىزىمغا ئېلىنغان يەر نامى ئۆلچەملىك يەر نامى بولىدۇ . ھەر قانداق ئورۇن ، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ يەر نامىنى خالىغانچە قويۇشىغا ، ئۆزگەرتىشىگە بولمايدۇ .

تەبىئىي ئۆزگىرىش ، مەمۇرىي رايوننى تەڭشەش ياكى شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقاپ كەتكەن يەر نامى تەستىقلاش ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپى بويىچە ئۆچۈرۈلىدۇ .

ئۆلچەملىك يەر نامىنى ناھىيە ( شەھەر ) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ئىشلىرى تارمىقى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ ھەمدە تۈزۈپ نەشر قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ .

10-ماددا ئۆلچەملىك يەر نامىنى يېزىش ، تەرجىمە قىلىشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش شەرت :

(1) يەر نامىنى خەنزۇچە يازغاندا دۆلەت ئېلان قىلغان ئۆلچەملىك خەنزۇچە خەت بىلەن يېزىش ؛

(2) يەر نامىنى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا يازغاندا ، ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئىملاسىنى قوللىنىش ؛

(3) جامائەت سورۇنلىرىنىڭ يەر نامىنى يېزىشتا بىرلا ۋاقىتتا يەرلىكتە قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىش ؛

(4) ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى يەر نامىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يېزىشتا ، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىك ئاھاڭىنى ئاساس قىلىپ ، خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسى ( ئورتاق تىلى )نىڭ ئوقۇلۇشى بويىچە ئۆلچەملىك خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىش ؛

(5) ئوخشاشمىغان مىللەت بىلەن ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ يەر نامى ئوخشاش بولمىسا ۋە بىرلىككە كەلگەن خەنزۇچە تەرجىمىسى بولمىسا ، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىلنى تاللاپ خەنزۇچىگە تەرجىمىسىنى يېزىش كېرەك .

يەر نامىنى يېزىش ، بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا ئايلاندۇرۇپ يېزىشتا << جۇڭگو يەر ناملىرىنى خەنزۇچە پىنيىن ھەرپى بىلەن يېزىش قائىدىسى ( خەنزۇ تىلىدىكى يەر ناملىرى قىسمى ) >> ، << ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى يەر ناملىرىنى خەنزۇچە پىنيىن ھەرپى بىلەن ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىپ يېزىش ئۇسۇلى >>غا ئەمەل قىلىش شەرت .

11-ماددا ئورگان ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ، كارخانا - كەسپىي ئورۇن ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھۆججەت ئالاقىسى ، ئۇچۇر ئېلان قىلىش ، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىدە ئۆلچەملىك يەر نامىنى قوللىنىشى كېرەك .

يەر نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك سخېما ( تىزىملىك ) ، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ، كىتابلارنى ئاشكارا نەشر قىلىش ياكى يەر نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشتا ، نەشر قىلغۇچى ياكى ئۇچۇر ئېلان قىلغۇچى ئورۇن ئۆلچەملىك يەر نامىنى قوللىنىشى كېرەك .

12-ماددا مەمۇرىي رايون چېگراسى ، ئاھالە رايونى ، كەسپىي ئەسلىھە ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەسى ، جامائەت سورۇنى ، مەدەنىيەت ئەسلىھەسى ، شۇنداقلا مۇھىم تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئەمەلىي گەۋدە قاتارلىقلارغا دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئۆلچىمى بويىچە يەر نامى بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك .

13-ماددا يەر نامى بەلگىسىنى ئورنىتىشنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە ( شەھەر ) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ئىشلىرى تارمىقى بىر تۇتاش تەشكىللەيدۇ ، ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى بويىچە ئورنىتىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ .

14-ماددا يەر نامى بەلگىسىنى ھەر قانداق ئورۇن ، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ خالىغانچە يۆتكىشى ، ئۆزگەرتىشى ، بۇزۇۋېتىشىگە بولمايدۇ .

يەر نامى بەلگىسىنى ۋاقتىنچە يۆتكەش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغاندا ، شۇ يەر نامى بەلگىسىنى ئورنىتىشنى تەستىقلىغان تارماقنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ، تەدبىر قوللىنىپ ، يەر نامى بەلگىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئورنىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئىشتىن كېيىنكى ۋاقتىدا ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرۈش كېرەك .

15-ماددا ناھىيە ( شەھەر ) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، يەر نامى ئارخىپى تۇرغۇزۇشى ھەمدە يەر نامى ئارخىپىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولغان پۇقرالار ، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك .

16-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 7-ماددىسى ، 11-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە ( شەھەر ) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ئىشلىرى تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ ، سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆزگەرتمىگەنلەرگە 2000 يۈەندىن يۇقىرى ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ ؛ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارنى ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە جازالايدۇ .

17-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە ( شەھەر ) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ياكى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق سۈرۈك ئىچىدە ئەسلىدىكى ھالەتكە كەلتۈرۈشنى بۇيرۇيدۇ ؛ سۈرۈك ئىچىدە ئەسلىدىكى ھالەتكە كەلتۈرمىگەنلەرگە شۇ يەر نامى بەلگىسىنىڭ پۈتۈش باھاسىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ ، لېكىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .

18-ماددا ناھىيە ( شەھەر ) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ چارىگە خىلاپلىق قىلىپ ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلسا ، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانسا ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتسا ، ئۇلارنىڭ مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ .

19-ماددا مۇشۇ چارىگە خىلاپ ، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن ، بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

20-ماددا بۇ چارە 2011-يىل 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1989-يىل 6-سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان << شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر نامىنى باشقۇرۇشقا دائىر يولغا قويۇش چارىسى >> بىكار قىلىنىدۇ .


قىسقارتما ماۋزۇ : خەلق ئىشلىرى     يەر نامى    باشقۇرۇش     چارە

ياخشىكەن
(4)
66.7%
ناچاركەن
(2)
33.3%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>