تېررورلۇق، زوراۋانلىققا چېتىلدىغان ئېغىر، زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگۈچىلەرگە دەل ۋاقتىدا كۈچلۈك زەربە بېرىىپىتى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈرلۈك زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلىشغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى. 1. تېررورلۇق، زوراۋانلىققا چېتىلدىغان ئېغر، زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلىش- ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئادا قىلىشقا تىگىشلىك قانۇنىي مەجبۇرىيىتى. ھەر مىللەت ئاممىسى ئاڭلىقلىق بىلەن تۈرۈلۈك جىنايى قىلمىشلار بىلەن كۈرەش قىلىشى، جىنايى قىلىمىشلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىشى لازىم . 2. ھەر مىللەت ئاممىسى ئاغزاكى، خەت، تېلفون، تور قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق، شۇ يەردىكى ج خ ئورۇنلىرىغا قانۇنسىز ياساش، سودا قىلىش، يۆتكەش، پوچتىدىن ئەۋەتىش، ساقلاش، قورال ساقلاش، ئوق-دورا ساقلاش، پارتلاتقۇچ بويۇملارنى ساقلاش، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ۋە ئاسان پارتلايدىغان يويۇملار قاتارلىق ئېغر زوراۋانلىق جىنايەتلەرنى پاش قىلسا ۋە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىسە بۇلىدۇ. ج خ ئورۇنلىرى پاش قىلغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە مەخپى تۇتىدۇ ھەمدە پاش قىلغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. 3.تېررورلۇق، زوراۋانلققا چېتىلدىغان ئېغر، زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلغان ۋە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە ج خ ئورۇنلىرى تەكشۇرۇپ راسلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن 10مىڭ يۇەندىن 100مىڭ يۇەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ. 4. دېلو پاش قىلىغان، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان جىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە يىنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ. دېلو پاش قىلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ۋە باشقا جىنايەتچلەرنى پاش قىلىشتا تۆھپە كۆرسەتكەنلەرگە قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلدۇ ياكى جىنايىتى كەچۈرۈم قىلىندۇ. ئۆزىنى پاش قىلمىغانلارغا تەكشۇرۇپ راستلىقىنى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلدۇ. 5. جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغۇچىلار، يوشۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىندۇ. 6.ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ج خ نازارىتى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى چۈشەندۇرۇشكە مەسئۇل بولىدۇ. پاش قىلىش تېلفونى: 110 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى |