ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ھۆكۈمەت ئۇچۇرئاشكارىلاشنى رەت قىلسا، ئامما ئەرزقىلسا بولىدۇ

يوللانغان ۋاقتى: 16:53 02-09-2011 مەنبە: ئۇيغۇررادىئوتورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا «ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا ئائىت مەمۇرىي دېلولارغا قاراپ چىقىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى ئېلان قىلدى. بۇ 13 ماددىلىق ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا ئائىت مەمۇرىي دېلولارغا قاراپ چىقىشتىكى «قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇش»، «قاراپ چىقىش تەس بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈچ يىل بۇرۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى»دا: «پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدىكى كونكرېت مەمۇرىي قىلمىشى قانۇنىي ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ»، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەر ئەدلىيە دەۋاسىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا ئائىت دېلولار يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار بويىچە سوت قىلىشتىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغىلا ئەمەس، بەلكى قىزىق ۋە قىيىن نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي سوت كوللېگىيەسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش مەمۇرىي دېلولىرى پۈتۈنلەي يېڭى شەيئى، دېلوغا قاراپ چىقىشتىكى بىۋاسىتە قانۇنىي ئاساسلارمۇ كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىرىنسىپلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، قوبۇل قىلىش، قاراپ چىقىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش قاتارلىق ھالقىلاردا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولماسلىق، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسى كۆپنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتىدۇ، شۇڭا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھات بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشى تولىمۇ زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ».
ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسى، ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى، ئاشكارىلىمايدىغان دائىرە، قاراپ چىقىش ئۇسۇلى ۋە ھۆكۈم قىلىش شەكلى قاتارلىق بىر قانچە تەرەپتىن بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي سوت كوللېگىيەسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلسا بولىدىغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش دېلولىرىنىڭ دائىرىسى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ساھەسىدە تالاش-تارتىش پەيدا قىلىدىغان ئەھۋاللار تولۇق كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش جەھەتتىكى مەمۇرىي قىلمىش قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىمىزنى زىيانغا ئۇچراتتى دەپ قارىسا، بىرلىشىپ ياكى ئايرىم مەمۇرىي تۆلەم دەۋاسى قىلسا بولىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ ھوقۇقنى قوغداش دائىرىسىنى ئىنتايىن كەڭ دېيىشكە بولىدۇ».

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 

ياخشىكەن
(7)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر