كومپىيوتىرنىڭ كۆز زەخمىلەندۈرىشىنى ئازايتىش ئۇسۇللىرى
			
			
				يوللانغان ۋاقتى: 12:42 05-07-2011  مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى  كۆرۈلۈشى:  قېتىم
            	مەنبە : كىچىك ئوقۇرمەنلەر ژورنىلى ( ئالىمجان ئابدۇراخمان تەرجىمىسى )
			
			
				1- كومپىيوتېرنىڭ ئىكرانىنى تۈۋەنگە سەل يانتۇ قىلىڭ .   
كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئەكىس نۇرى كۆزنى غىدىقلايدۇ . كومپيوتېردىكى ئەڭ كۈچلۈك ئەكىس نۇر ئۈستۈنكى تەرەپتىن كىلىدىغان نۇردۇر . شۇڭا كومپيوتېرنىڭ ئېكرانىنى تۆۋەنگە سەل يانتۇ قىلساق ، كۆزنى غىدىقلايدىغان ئەكىس نۇرنى ئازايتقىلى بولىدۇ .   
2- ئېكران بىلەن كۆزىڭىزنىڭ ئارلىقى مۇۋاپىق بولسۇن .   
15دىيومدىن چۇڭ كومپيوتېر ئېكرانىنىڭ كۆز بىلەن بولغان ئارلىقى بىلىكىڭىز سوزغاندىكى ئۇزۇنلۇق بىلەن تەڭ بولسا  مۇۋاپىق بولىدۇ .    
3- كونوپكا تاختىسىنى ئېكراننىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە قويۇڭ .    
بىر تەرەپتىن خەت ئۇرۇپ ، يەنە بىر تەرەپتىن كونوپكا تاختىسىغا قارىساق ، كۆز داۋاملىق يۆتكىلىپ تۇرغاچقا ئاسانلا چارچاپ كېتىدۇ ، كونۇپكا تاختىسىنىڭ ئېگىزلىكى قولنى كونوپكا تاختىسىنىڭ ئۈستىگە قويغاندا ،بىلەك بەدەننىڭ ئىككى تەرىپىگە يېقىن ھەم ئازادە تۆۋەنگە چۈشۈپ تۇرسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ .  
4- كۆزىڭىزنى كۆپرەك چىمىلدىتىپ بىرىڭ .   
كۆزىڭىزنى كۆپرەك چىمىلدىتىپ بەرسىڭىز  كۆز يېشىنىڭ كۆز ئالمىسىنى سىلىقلاش رولى ياخشى بولىدۇ_ دە ، كۆز قورغاقلىشىش ، كۆز قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . كومپيوتېر ئالدىدا مەشغۇلات قىلغاندا يەنە كۆزنى سىلىقلايدىغان دورىلارنى تېمىتىپ بىرىڭ .  
5- دۇرۇس ئولتۇرۇڭ .  
ئەڭ ياخشىسى ئۇرۇندۇقنىڭ ئىچىگە يۆلىنىپراق ئولتۇرۇڭ ، جەينىكىڭىزنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇۋېلىڭ ، ئەمما ساڭگىلاپ قالمىسۇن . 
6- ھەر 10 مىنۇتتا 10 سېكونت ئارام ئېلىڭ .    
ئارام ئالغاندا كۆز ئالمىسىنى يۇقۇرى تۆۋەن ، ئوڭ سولغا ئايلاندۇرۇڭ . كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ، ئوڭدىسىغا يېتىڭ ياكى يىراققا قاراڭ . ھەر كۈنى ئىككى ئۈچ قېتىم كۆزىڭىزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بىرىڭ .  
7- ھەركەت قىلىڭ .  
ھەر يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ئارلىقتا 15مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە ئورنىڭىزدى تۇرۇپ ھەركەت قىلىڭ . بۇنداق قىلسىڭىز ، بەدىنىڭىز بىلەن كۆزىڭىزگە راھەت بېغىشلىيالايسىز.  
8- قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ .    
يىلدا بىر قېتىم كۆزىڭىزنى تەكشۈرتۈڭ .  
 
مەنبە : كىچىك ئوقۇرمەنلەر ژورنىلى ( ئالىمجان ئابدۇراخمان تەرجىمىسى ) 
 | 
			
			 
			
			
			
			
			
			
			
			
				------分隔线----------------------------