تور بەت لايھىلەشتىكى 3 يادرولۇق تېخنىكا
يوللانغان ۋاقتى: 13:01 25-05-2011 مەنبە: xjcfan ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
-
1. HTML تېخنىكىسى
بۇ ئەڭ ئاساسلىق تېخنىكا بولۇپ ، مەيلى سىز ASP ياكى PHP دىن پايدىلىنىپ تور بېكەت ياسىماڭ، HTML نى قوللانماي ئىشلىيەلمەيسىز. چۈنكى تور بېكەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىدار قۇرۇلمىلىرى HTML دىن شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن تاللاش، تېكست كىرگۈزۈش، كونۇپكا، ئۇلانما، جەدىۋەل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى HTML ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدۇ. بۇنى جانلىق ئوخشاتساق ، بىر بىنانىڭ ئاساسلىق بىتون قۇرۇلمىسى دىيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە مۇشۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىپلا بىر تور بېكەت ياساش تامامەن مومكىن. بۇرۇنقى تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بىرلا تېخنىكىدىن پايدىلىنىلغان. بىراق ئىقتىدارلىق تور بېكەت قىلىش، ياكى دىنامىڭ تور بېكەت قىلىشتا بۇ تېخنىكا سەل ئاجىزلىق قىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق ھەل قىلىدىغان ئوبىكتى تور بەتنىڭ ئومومى قۇرۇلمىسى. قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرۈشتە رولى چوڭ. شۇڭا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئىشلىتىپ كىلىنمەكتە.
2. css تېخنىكىسى
بۇنى كۆپۈنچە دوستلار ئاڭلاپ باقمىغان بولىشى مومكىن، ئاڭلىغان ياكى ئىشلىتىپ باققان بولسىمۇ، تازا مۇھىم ئەمەس دەپ قارىغان بولىشى مومكىن. بۇ تور بەت ياساشتىكى مۇھىم بولغان 2- تېخنىكا. CSS مۇ بىر خىل پروگرامما تىلى بولۇپ . ئوبرازلىق قىلىپ " تور بەت بىزەش تىلى " دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەلۋەتتە سىز CSS دىن پايدىلىنىپ تور بەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن، بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تور بېكەتنى بېزەيسىز. بەزىلەر تور بەتنى بېزەشتە ئاساسلىقى رەسىم ۋە خەتلەرنىڭ رەڭلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە لايھىلەپ بېزەش ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەبئىيلا تور بەتنى Photoshop بىلەن بېزەيمىز دەپ ئويلاپ قىلىشى مومكىن، بۇ قاراش تازا توغرا ئەمەس، بىز Photoshop دىن پايدىلىنىپ پەقەت رەسىمنىلا بىزەيمىز، ھىچقاچان تور بەتنى بىزىمەيمىز، ئەلۋەتتە Photoshop تور بەت ياساشتىكى مۇھىم بىر قورال ھىسابلانسىمۇ. تور بەتنى بىزەشتە رولى CSS دەك چوڭ بولمايدۇ. بۇنى دوستلار تازا ياخشى ئىگەللىمىگەنلىكى ئۈچۈنلا Photoshop قا مۇراجەت قىلىپ تور بېكەت ياسىماقتا. بۇنداق رەسىم بىلەن بېزەلگەن تور بەتلەر سىغىمى چوڭلاپ، ئېچىلىش سۈرئىتى تەبئىيلا ئاستىلايدۇ، سۈرەتنى مۇلازىمېتىردىن چۈشۈرۈپ، ئۇنى ئىجىرا قىلىپ ئىكراندا كۆرسىتىش سۈرئىتى پروگراممىنىڭ ئىجىرا بولۇش سۈرئىتىدىن ئاستا بولىدۇ. 10 ~ 100 ھەسسىگىچە ئاستىلايدۇ. شۇڭا كۆپۈنچە پىشقان تور بېكەت ياساش ئۇستىلىرى ئاساسەن CSS تېخنىكىسى ئارقىلىق بېكەتنى بىزەيدۇ. تور بەتتە مۇۋاپىق رەسىم ئىشلىتىپ، ھەم بۇ تېخنىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا ئىنتايىن كۆركەم، ئېچىلىش سۈرئىتىمۇ تېز تور بەتنى ياساپ چىققىلى بولىدۇ.
3. PHP ASP ۋە Javas cript قاتارلىق تېخنىكىلار
بۇ تېخنىكىلار كۆپچىلىككە يادا بولۇپ كەتكەن، ھەم ئەڭ مۇھىم دەپ قاراۋاتقان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىۋاتقان تېخنىكا. بۇ تور بەتنى ئىقتىدارلىق، دىنامىك قىلىپ ياساشتا مۇھىم ئورۇندا تۇردۇ.
يۇقاردا دىيىلگەن 3 يادرولۇق تېخنىكا تور بېكەت ياساشتىكى ئەڭ زورۇل تېخنىكىلار بولۇپ، سىز بۇ 3 تېخنىكىنى ئىگەللىگەن ھەم پايدىلىنالايدىغان بولغان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى تور بېكەت ياساشنى ئۆگەندىم دېسىڭىز بولىدۇ. مەن نۇرغۇن دوستلارنى كۆرگەن ئۇلار مەندىن تور بەت ياساشنى ئۆگىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، بولسا ھازىرقى ئەڭ ئاۋات بېكەتلەر، مەسىلەن سەلكىن، دىيارىم قاتارلىق بېكەتلەردىن ئىشىپ چۈشكىدەك بېكەت قۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى، ASP ۋە PHP لارنى راۋرۇس ئۆگىتىپ قويۇشىمنى تەلەپ قىلدى. ئۇلاردىن بەزى ئەھۋاللارنى ئۇققاندىن كىيىن ، چاقچاق قىلىپ " دەھشەت قوقۇنۇچلۇق ئىنسان ئىكەنسىلەر" دەپ قويدۇم. دىمەك ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئىنتىلىشى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال. لىكىن ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نىشانى ۋە باسقۇچ قەدەملىرى توغرا ئەمەس. ئەلۋەتتە، تېخى ئەڭ ئاددى ماتىماتىكا بىلىملىرىنى ئىگەللىمىگەن كىشى سىزدىن ئالىي ماتىماتىكا ئۆگىنىمەن دېسە سىز قانداق ئويلايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئەيىپلەشكە تېخى بولمايدۇ، بەلكىم ئەشۇلارغا ئوخشاش ئويلاۋاتقان دوستلار كۆپ بولىشى مومكىن. يۇقاردا دىيىلگەن 3 يادرولۇق تېخنىكا يەنە بىر تەرەپتىن سىزنىڭ ئۆگىنىش نىشانىڭىز بولالايدۇ. 1- تېخنىكىنى ئۆگىنىپ بولغان ۋاقتىڭىزدا ئاندىن 2- تېخنىكىنى ئۆەىنەلەيسىز ، ئۇنىڭدىن كىيىن 3- تېخنىكىنى ئۆگەنسىڭىز توغرا بولىدۇ. تېخى ھەرىپ ساۋادى چىقمىغان ئادەم رومان . شېئىر، كىتاب يېزىشنى ئۆگىنىش ئاڭلىماققا توغرا ،لىكىن مۇشكۈل ئىش. شۇڭا نۇرغۇن دوستلار بۇنى ئوبدان چۈشنىۋىلىش زورۇل دەپ ئويلايمەن. نۇرغۇن باللار نۇرغۇن ASP PHP كىتابلىرىنى سېتىۋىلىپ كۆرۋاتىدۇ، لىكىن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي، ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ خالاس. ئۈنۈم بەك ئاز، سەرىپ قىلغان ۋاقىتقا چۈشلۇق، نەتىجە كۆرۈلمەۋاتىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن باللار مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچكەنمۇ بولدى. دېمەك سىز نىشاننى ۋە باسقۇچ قەدەمنى توغرا بېكىتمىسىڭىز كۆزلىگەن نىشانغا يىتىپ بارالمايسىز.
مەنبە : «شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى»
|
------分隔线----------------------------