شىنخۇا ئاگېنتلىقى،باغداد،15-يانۋار تېلىگىراممىسى:
ئىراق ساقچى تەرەپنىڭ 15-يانۋار ئاشكارلىشىچە،بىر ئوچۇم قوراللىق ئونسۇرلار شۇ كۈنى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رامادى شەھەرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ،ھازىرغا قەدەر 9 ئادەم قازا قىلىپ،15 ئادەم يارىلانغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى ئەمەلدارنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئاشكارلىشىچە،شۇ كۈنى چۈشتە ،رامادى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەتراپىدا ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىملىق پارتىلاش يۈز بەرگەن،شۇ يەرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يەنە ئىككى قېتىملىق پارتىلاش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن،ئارقىدىنلا نۇرغۇن قوراللىق ئۇنسۇرلار قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىگە بۆسۈپ كىرىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلۋالغان.