قىرغىزىستاننىڭ شىمالىدىكى چۇخ ئوبلاستىدىكى دېھقانلار ئامېرىكىنىڭ ئايرۇپىلانلىرىنىڭ كېرەكسىز ماددىلارنى قويۇپ بېرىپ مۇھىتنى بۇلغىغانلىقىدىن نارازى بولۇپ ، يىغىن ئېچىپ ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىجارە ئالغان ماناس خەلقئارا چېگرا ئۆتۈشمە مال يەتكۈزۈش مەركىزىنى تاقىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى . قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى غالىپبېك-سارۇنوف دۆلەت مۇداپىئە ھەيئەت ئەزالىرىغا مۇنداق دېدى:« 2007-يىلىدىن بۇيان ماناس خەلقئاراچېگرا ئۆتۈشمە مال يەتكۈزۈش مەركىزىدىكى ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ئىزچىل ھالدا چۇخ ئوبلاستىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا كېرەكسىز يېقىلغۇلارنى تۆكتى، ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئېغىر ناچار تەسىر كۆرسەتتى. كېرەكسىز يېقىلغۇلار دېھقانلارنىڭ زىرائەتلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ دېھقانلارغا زىيان سالدى. نۆۋەتتە زىيانغا ئۇچرىغان رايونلار بارغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ .> ئۇ پارلامېنت مۇنبىرىگە مال يەتكۈزۈش مەركىزىنى تاقىۋېتىش ۋە دېھقانلارنىڭ چىقىمىنى تۆلىتىش ئەندىزىسىنى سۇندى . سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى |