ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

بىز قانداق يىگىتلەرگە، قانداق قىزلارغا مۇھتاج؟

يوللانغان ۋاقتى: 01:51 23-08-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىز قانداق يىگىتلەرگە مۇھتاج؟مەيدىسىگە مۇش ئۇرۇپ پونى ھاغىچە ئېيتىپ ئەمىليەتتە ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغانلارغىمۇ؟ئاغزىدى

بىز قانداق يىگىتلەرگە مۇھتاج؟مەيدىسىگە مۇش ئۇرۇپ پونى ھاغىچە ئېيتىپ ئەمىليەتتە ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغانلارغىمۇ؟ئاغزىدىن يىقىملىق سۆزلەرتۆكۈلۈپ تۇرىدىغان لېكىن بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى بىلمەيدىغانلارغىمۇ؟پۇلنى سىزگە ئايىماي خەجلەپ مەرتلىكىنى ئالدىڭىزدا كۆز كۈز قىلىپ ئاتا ئانىسىغا يەتكۈچە سېلىق سالىدىغانلارغىمۇ؟ھۆسۈن جامالىڭىزنى بىر كۆرۈپ ئاشىق بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئايالى ئۇماق باللىرىنى تاشلاپ ئارقىڭىزدىن يۈگۈرەيدىغانلارغىمۇ؟مىللىتىمىزنىڭ ئۇسۇلى دەپ يېرىم يالىڭاچ ئوينىغان قىزلارنىڭ ئۇسۇللىرىغا ئالدىدا چاۋاكنى راسا چېلىپ بولۇشىغا ئسقىرتىپ كەينىدىن بۇ قانچىلىك نېمىتى دەپ سۆكىدىغانلارغىمۇ؟بىز شۇنداق يىگىتلەرگە مۇھتاجمۇ؟
ياق،بىز بۇنداق يىگىتلەرگە مۇھتاج ئەمەس،گەرچە قول ئىلكىدە بولمىسمۇ پو ئېتىشنىڭ ئورنىغا تىرىشىپ تىرمىشىپ بىرنى ئىككى قىلىدىغان،يىقىملىق سۆزى بولمىسىمۇ ئاغزىدىن چىققان سۆزىگە ئەمەل قىلالايدىغان،سوۋغىسى ئاددي بولسىمۇ لېكىن ساپ كۆڭلىنى ئىپادىلەلەيدىغان،ئالدىمىزدا ئوماق بالىلىرى سۆيۈملۈك ئايالىدىن سۆيۈنۈپ ئىككى ئېغىز سۆزلىيەلەيدىغان ، شۇ ئۇسۇللارنى ئويناۋاتقان قىزلارنىڭ قولىدىن تارتىپ سەھنىدىن ئېلىپ چۈشۈپ قىز بالىنىڭ قانداق بولىشى توغرىسىداچۈشەندۈرەلەيدىغان يىگىتلەرگە مۇھتاج.بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ھەتتا ئىسلام دىنىمىزدىمۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەقۋادار بولۇشى تەلەپ قىلىنغان ،لېكىن ھازىرقى قىزلىرىمىز ئاتالمىش بەزى يىگىتلىرىمىزدىن تەپ تارتامدۇ ؟جاۋابى ،ياق ،چۈنكى شۇ يىگىتلىرىمىزدە يىگىتلىك سۆلەت يوق،ھەتتا بەزىلىرىنى بىر قاراپ قىز ئوغۇللۇقىنى پەرق ئېيتالمايسىز،ھەتتا ئاياللار ئولتۇرغان غەيۋەت بولۇۋاتقان سورۇندىمۇ ئۇچرىتىپ قالىسىز.ياق،بىز بۇنداق يىگىتلەرگە موھتاج ئەمەس.

بىز قانداق قىزلارغا مۇھتاج؟ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن چەت ئەللىك"" سايىپجاماللارنىڭ""كىيىنىشلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىۋاتقانلارغىمۇ؟سىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش سۆيگىڭىزگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھايا نۇمۇسنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقانلارىمۇ؟ پۇلنى دەپ خەقنىڭ ئايالى بالىسى بار دېمەي كەينىدىن يۈگۈرەۋەتقانلارغىمۇ؟ئىچىدە ھېچقانداق ئىلىم يوق تېشىنى ھەر ياڭزا بويايدىغانلارغىمۇ؟مىللىتىمىزنىڭ ئۇسۇلى دەپ يېرىم يالاڭاچ ئۇسۇلنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىدىغانلارغىمۇ؟بىز شۇنداق قىزلارغا مۇھتاجمۇ؟
ياق ،بىز بۇنداق قىزلارغا مۇھتاج ئەمەس،تاشقى گۈزەللىكى بىلەن ئەمەس ئېچكى گۈزەللىكى بىلەن ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان،پاك مۇھەببىتى ئەقىدىسى
بىلەن كۆڭۈلنى ئىللىتىدىغان،نېمىنىڭ توغرا نېمىنىڭ خاتالىقىنى ئايرالايدىغان،تېشىنى بوياشقا سەرىپ قىلغان ۋاقىتنى ئىچكى دۇنياسىنى مەنىۋى بايلىقىنى تولۇقلاشقا سەرىپ قىلىدىغان ،مىللىې غۇرۇرى بولغان قىزلارغا مۇھتاج.بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ھەتتا ئسلام دىنىمىزدىمۇ قىزلارنىڭ شەرمى ھايالىق بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.لېكىن ھازىرقى يىگىتلىرىمىز بەزىبىر قىزلىرىمىزنى ھۆرمەتلەمدۇ؟جاۋابى ياق،چۈنكى شۇ قىزلاردا ئوغۇللار قارىسا تەپ تارتقۇدەك تەلەت يوق.ھەتتا بەزى قىزلىرىمىزدىن ئۇيغۇر بولغىنىغا نومۇس قىلىپ كېتىسىز،ئەرلەر ھاراق ئىچكەن سورۇنلاردا ئۈلپەت بولۇپ ئولتۇرانلاردا ۇچرىتىپ قالىسىز؟ياق ،بىز بۇنداق قىزلارغا مۇھتاج ئەمەس.

قېنى شۇ مەن ھەقىيقى ئوغۇل بالا دېگۈدەك ئوغۇللىرىمىز،قېنى شۇ ئىزادىن يەر تېگىدىن باقىدىغان قىزلىرىمىز؟بىرلا قېتىم تۇغۇلىمىز ،بىرلا قېتىم ياشايمىز،
ئەسلىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي ياشايلى.


سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى

ياخشىكەن
(8)
88.9%
ناچاركەن
(1)
11.1%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر