ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدىگەندىكى تەسراتىم
يوللانغان ۋاقتى: 04:00 10-04-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدىگەندىن كىيىنكى تەسراتىم
كونىلار ۋاقىت ئاتقان ئوق دەپ تۇلۇمۇ توغىرا ئېيتقان ئىكەن،مانا ئالىي مەكتەپ چاقىرىقىنى قۇلۇمغا ئېلىپ،ئۇقۇش ۋاقتىنىڭ بەش يىل ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ ھەيران بولغان،نىمە دىگەن ئۇزۇن ۋاقىت دەپ ئاتا-ئانا،ئۇرۇق-تۇققان،يۇرت جۇدالىقىغا چىدىماي ئازابلانغان بولسام بۇگۈن نەرسە كىرەكلىرىمنى كۈتۈرۈپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن جەمىيەت قوينىغا قەدەم قويغىنىمدا مەن ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن بۇلۇپ تۇيۇلغان بۇ ۋاقىتنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپ تۇلۇمۇ ھەيران بولدۇم،بۇ بەش يىل ئىچىدە مەن ئادەتتىكى بىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسىدىن ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى دىگەن سالاھىيەت بىلەن جەمىيەتكە قەدەم قويغان ئىدىم.
قۇلۇمدا ئالىي مەكتەپ دىپلومى باكلاۋىرلىق كىنىشكىسى ،كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلۈشكە تەييار.كۆز ئالدىمغا خىزمەت ئىزدەپ بارغان جايلاردىكى كۈرۈنىشلەر كەلدى.<ئالىي مەكتەپتە ئوبدان ئۇقۇپتىكەنسىز بىرەر چەتئەل تىلىنى بىلمەيدىكەنسىز ئەمەسمۇ،ھېچ بولمىسا كومپىيوتۇرنى بولسۇمۇ ياخشىراق بىلگەن بولسىڭىز،بىز ئېلىپ قالغان بۇلاتتۇق خاپا بولماڭ...>
<كەچۈرۈڭ بىزگە كىرەك ئادەم ئاسپارانتلىقنى پۈتتۈرگەن بۇلىشى كىرەك،لېكىن سىز..> ئىككى ئايدىن بىرى خىزمەت ئىزدەپ جاي -جايلارغا بارغان بولساممۇ،ھەممە ئادەم دىيىشىۋالغاندەك مۇشۇ سۇئاللارنى سورايتتى.ياق دىگەن جاۋابىمنى ئاڭلاپ ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا رەت قىلاتتى.
ئادەم ئۆتكەنگە پۇشايمان قىلغۇچى،ئىلگىرى دوستلۇرۇم ئۈگىنىش قىلغان ،تىل ئۈگەنگەن ،كومپىيوتۇر ئالدىدا سائەتلەپ مەشغۇلات قىلغان ۋاختىدا،مەن بولسام ئۇيۇن دىگەن مۇشۇ دەپ راسا ئوينىغان،باشقىلار تىل ئۈگۈنىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەردىن پۇل سورىسا مەنمۇ مۇشۇ باھانىدە مودا قوغلاشقان،ئېقىمغا ئەگىشىپ <راھەت> سۈرگەن ئىدىم ،مانا ھازىر شۇ ۋاقىتلاردا جاپالىق ئۈگەنگەن دوستلىرىمنىڭ چىھرىدە تەبەسسسۇم،مەن بولسام پۇشايمان ئىلكىدە قاتتىق ئازابلانماقتىمەن.
<تەڭشەلمىگەن جاھان،بۈگۈنكى باي ئەتىكى گاداي،بۈگۈنكى گاداي ئەتىكى باي>بۇ نىمە دىگەن توغىرا ئېيتىلغان سۆز.بۇ بىرنەچچە ئايمۇ پۇشايمان ئىلكىدە ئۈتۈپ كەتتى،ئەسلىمە پۇشايمان ئىلكىدە مېڭىپ مەكتەپ ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن،كۆزلىرىم ئانا مەكتىپىمنىڭ ھەيۋەتلىك دەرۋازىلىرغا چۈشتى.مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ھەرخىل ئۇقۇغۇچىلار كىرىپ-چىقىپ تۇراتتى.ئۇلار شۇنچىلىك خاتىرجەم،ھەركەتلىرى شۇنچىلىك چاققان چىھرىدىن تەبەسسۇم ياغدۇراتتى.بەش يىللىق ھاياتىمنىڭ شادىدى بولغان بۇ ئالىي مەكتەپكە قاراپ ئۆتمىشكە قايتقاندەك بولدۇم،قەدەملىرىم مەكتەپ ئىچىدىكى تۇنۇش يوللاردا ئايلىنىشقا،خىياللىرىم ئەسلىمىلەر ئارىسىدا ئالىي مەكتەپ قەتلىرىنى سۈرۈشكە باشلىدىم.<ئەنە دائىم ئۈگۈنىش قىلغىلى چىقىپ پاراڭغا چۈشۈدىغان چىملىق،چۈ بولغىچە كۆزلىرىمىزگە گۈل ئۈنۈپ كىتىدىغان ئاشخانا..>ئاستا- ئاستا ماڭغىنىمچە مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىغا كىلىپ قالدىم.بۇيە بۇرۇنقىغا ئوخشايدىغان بۇلۇپ ئوخشىمايدىغىنى نەچچە مىڭ ئوخشاش فورما كېيگەن يىڭى ئوقۇغۇچىلار ھەربىي مەشىق قىلىۋاتقان ئىدى،بۇ ئۇقۇغۇچىلارغا قاراپ قەلبىم بىر خىل ئىسسىق ئېقىمدىن ئىللىدى،سۈيۈنۈش ئىلكىدە ئۇلارغا قاراپ ئۈنسىز نىدا قىلدىم.
ئۇلارغا <ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى چۇقۇم مەنىلىك ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈڭلارر ،ۋاقتىڭلارنى بىكارغا ئۆتكىزمەڭلار ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئوينايدىغان لاغايلاپ يۈرۈيدىغان ،جاي ئەمەس بەلكى كىيىنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۇلىنى سالىدىغان ئەڭ مۇھىم جاي ،ئەڭ قىسقىسى مەندەك پۇشايمان قىلىدىغان ئىشنى قىلىپ قويماڭلار>دىگۈم كەلدى.
مەنبە :شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتى گىزىتى
|
------分隔线----------------------------