A قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى
ئالاھىدىلىكى: مۇلايىم، ئېغىر-بېسىق، زىل، كەمتەر، مېھرىبان، ھەمكارلىشىشقا، قۇربان بېرىشكە تەييار، جىمغۇر .
كەمچلىكى : ھەممە ئىشتىن غەم يەپ، تەشۋىشلىنىپلا تۇرىدۇ ، ئىرادىسى ئاجىز، ئاسانلا ھېسىياتقا بېرىلىپ كېتىدۇ، زىيادە مىسكىن، ئۈمۈدسىز، نومۇسچان، بېكىنمىچىلىقى ئېغىر.
تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىگە ئىشىنىشى كەمچىل، شۇڭا ئاسانلىقچە باشقىلارغىمۇ ئىشەنمەيدۇ.
بۇ خىل قان تىپىدىكى ئاياللار ئىزدەنگۈچىلەر، تەپەككۇر قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار زىيادە سەزگۈر، زىل كېلىدۇ، مۇھەببەتكە بەك بېرىلىپ كېتىدۇ. ئەمما، بۇ قان تىپىدىكى ئاياللاردا مۇھەببەت سۇسلاشسا كۆپىنچە ھاللاردا ئايرىلىشنى ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزى دەسلەپتە قانچىلىك شەيدا بولۇپ قوغلاشقىنىدىن، بارلىقىنى بېغىشلاپ قۇربان بەرگىنىدىن قەتئىينەزەر سۆيگۈسى بۇزۇلغان ھامان ھېچنىمىگە پىسەنت قىلماي ئايرىلماقچى بولىدۇ .
B قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى
ئالاھىدىلىكى : بىغەم، خۇشخۇي، تېتىك، نازۇك، ئۈمىدۋار، قاينام تاشقىنلىقنى خالايدۇ.
كەمچىلىكى: ھەممىگە تەڭ ئېسىلىۋالىدۇ، ئاسانلا ئىرادە قىلغان ئىشىدىن يېنىپ قالىدۇ. قاپ يۈرەك، ئىرادىسىز، ھە دېسە نام قازىنىشنى قوغلىشىدۇ. كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبىدىن ئىرادىسى بوشىشىپ قالىدۇ. ئىش-ھەركىتىنى سەل چەكتىن ئاشۇرىۋېتىدۇ.
تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىنى ئۆزى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىدىيىسى بەك كۈچلۈك. بۇ قان تىپىدىكى ئاياللار نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدۇ، ئۆزىنى ناھايىتى ئىقتىدارلىق چاغلايدۇ. ئۇلارنىڭ مىجەزى ئوچۇق يورۇق بولۇپ، باشقىلارنىڭ باھاسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرىگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ زىيادە سەزگۈرلىرىمۇ بولۇپ، ئۇلار باشقىلارنىڭ چەكلەپ قويىشىغا بەك ئۆچ، ئۆزىنىڭ مىجەزى بويىچە ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدۇ.
ABقان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى بۇ خىل قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى: بۇ قان تىپىدىكىلەرنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك، مۇلايىم، يېقىملىق، قىزغىن، كېلىشتۈرۈشكە ماھىر، ھېسداشلىققا، ئۆزىنى تىزگنلەپ تۇرۇشقا، باشقىلار ئۈچۈن قۇربان بېرىىشكە تەييار.
كەمچىلىكى: مىجەزى ئىتتىك ئۆزگىرىپ قالىدۇ، ئاسانلا ئاچچىقلىنىدۇ، چېچىلغاقراق، ھەدېسىلا ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ يۈرىدۇ، سەل سۆرەلمىرەك.
تىپىك ئالاھىدىلىكى: بۇ خىل قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ مىجەزى ئىككى خىلغا مايىل. بىرى، يوللۇق، مۇناسىپ ھالدا جەمئىيەتكە ئارلىشىدىغانلار؛ يەنە بىرى، كومېدىيەلىك خاراكتېرىگە باي، تۇسۇن ئاتتەك يۈگەنسىزلەر. ئۇلار مۇشۇ ئىككى خىل خارەكتىرنىڭ تۈرتكىسىدە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مىجەز بىلەن كىشىلەر ئارىسىغا كىرىدۇ.
O قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى
ئالاھىدىلىكى: ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ، ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدۇ. جانلىق، تىتىك، پۈتۈن ۋۇجۇدى ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، ئەمەلىيەتچىل، كەڭ قورساق، ئوچۇق يورۇق، تۈز.
كەمچىلىكى: جاھىل، ئۆزۈمچىلىك خاھىشى زىيادە كۈچلۈك. تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىنى زىيادە مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ خارەكتىرى دائىم مۇشۇ ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ مىجەزى ئىككى تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ھەم غايىۋى، ھەم ئەمەلىيەتچىل كېلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرىنىشىلا بولۇپ،غايىۋىلىك بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرگەن بولىدۇ. ئۇلار بىرەر ئىشقا يولۇقسا، ئۆزىگە قانچىلىك پايدا-زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تېزلا ئايرىپ چىقىرىدۇ. سەزگۈلۈك بىلەن پايدىنى ئۆزىگە تارتىپ، زىياندىن دەرھال قول ئۈزىدۇ.