ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئاياللار، تۇرمۇشتا ئازادىلىكمۇ بولسۇن

يوللانغان ۋاقتى: 04:07 14-10-2011 مەنبە: مىھرى ئاي دۇنياسى ئاپتورى: ئىپار كۆرۈلۈشى: قېتىم
.

ئىپارتەرجىمىسى


مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش داۋامىدا دائىم ئالدىراشلا يۈرمەڭ. تۇرمۇشتا كۆپرەك خۇشاللىق كېرەك. بۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا پايدىسى كۆپ. بىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمىز، ئەمما ھەممىسىگە ماسلىشالايمەن دەپ ئويلىماڭ. كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا ئازراقلا تەدبىرچان بولسىڭىز جىددىيچىلىكنى پەسەيتىۋېتىسىز، بېسىمنى يەڭگىللىتەلەيسىز،
  ھەممە ئىش ئەتىگەندىن باشلىنىدۇ، ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا شۇ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىڭىزنى سوغۇق قانلىق ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇڭ.باشقىلاردىن بالدۇرراق تۇرۇپ بالىڭىز بىلەن ئېرىڭىزنى كۈتۈشكە ۋاقىت ئاجراتسىڭىز، ئۆزىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزدىكىلەر ئەتىگەنلىك مول تاماقلار بىلەن تاماقلىنالايسىلەر، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئەلۋەتتە چوڭ. ئاندىن يۇيۇنۇش، گىرىم قىلىش، ياسىنىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالايسىز، كىيىم كىيگەندە خاسلىقىڭىزنى گەۋدىلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىڭ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئەتىرنى چاچسىڭىز، زىبۇ-زىننەتنى تاقىسىڭىز قىممىتىڭىز ئاشىدۇ. 
ئەتىگەندە بەكمۇ ئالدىراپ كەتمەڭ. بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىڭىزنى ئەركىن-ئازادە باشلاڭ. شۇ چاغدا بالىڭىز يىغلاپ جىدەل قىلسىمۇ، ئۆي ئىگىسى ئۆينىڭ ئىجارىسىنى تاپشۇرۇڭ، دەپ تېلىفۇن بەرسىمۇ كەيپىياتىڭىزغا تەسىر يەتمەيدۇ. 
ئەتىگەنلىكىڭىز ياخشى ئۆتسە شۇ بىر كۈننى ئازادىچىلىك ئىچىدە ئۆتكۈزەلەيسىز. باشقىلار بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ كۆرۈشكەن بىلەن غەمكىن تۇرۇپ كۆرۈشكەننىڭ بېرىدىغان ئۈنۈمىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئەگەر سىز ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە كۈلۈپ قارايدىغان بولسىڭىز ئۇلار سىزگە دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ. شۇ چاغدا بۇ گەپنىڭ راستلىقىنى بىلىسىز. شۇ كۈنلۈك كەيپىياتىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى بولىدۇ. سىز ھەر كۈنى قىزىقىشىڭىزنى قوزغايدىغان ئىشتىن بىرنى، ياخشى كەيپىياتىڭىز ساقلىنىپ قالىدىغان ئىشتىن بىرنى قىلىڭ، بۇ ئىككى ئىش سىزنىڭ بىر كۈنلۈك روھىڭىزنى يۈكسەك قىزغىنلىق ئىچىدە تۇتۇپ تۇرالايدۇ. ھەرىكەت قىلماقچى بولسىڭىز تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىڭ، ئارام ئالماقچى بولسىڭىز ئادەتتىكى تۇرمۇش فىلىملىرىنى كۆرۈڭ، سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلماقچى بولسىڭىز، تەبىئەتنىڭ كەڭ قوينىغا ئۆزىڭىزنى ئېتىڭ.


مەنبە : مىھرى ئاي دۇنياسى ئىپار تەرجىمىسى

ياخشىكەن
(6)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>