مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1056 رەت   / مەنبە: -

بۇنىڭدا كېسەللىك ھۇجۇمى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىنىدۇ.ئاندىن تۇتقاقلىق ھالدا، بەزىدە بىر قانچە ئاي، بىرقانچە كۈن،كېيىنچە كېسەل يىلدا بىر قېتىم قايتا تۇتىدۇ،ئەمما كېسەللەنگەن بوغۇمدا ھەمىشە ئاغرىق بولغانلىقتىن كېسەللەنگەن بوغۇمنىڭ ھەرىكىتى تەدرىجىي ئازىيىپ كېتىدۇ،كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ تېرىسى كۆكىرىپ ياكى تارتىشىپ قالىدۇ،بەزىدە بۇ كىسەلدە چىڭقىلىش سەۋەبىدىن كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ تېرىسى يىرىلىپ سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مەخسۇس ماددىسى چىقىپ تۇرىدۇ ياكى غىدىقلىنىشنىڭ سەۋەبىدىن زەخىم پەيدا بولىدۇ.بەزىدە يۈرەك ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، كېسەلنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇپ ئاچچىقى يامان بولۇپ قالىدۇ.كۆپۈنچە مۇسكۇللارمۇ تارتىشىپ قالىدۇ ،سۈيدۈكى سېرىق رەڭدە كېلىدۇ.

داۋالاش:

سوزۇلما خاراكتېرلىك نوقرەسنى داۋالاشتا كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئاساسلىق ئامىلنى تېپىپ چىقىپ ،كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىلغا قارتا داۋالاش ئىلىپ بېرىلىدۇ.

ئەگەر بۇ كىسەل بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىلىتىنىڭ مۇنزىچ بېرىلىدۇ . ماددا پىشقاندىن كىيىن  شۇ خىلىتىنىڭ سۈرگىسى بېرىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.