مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 943 رەت   / مەنبە: -

يانپاش بوغۇم بوشلۇقى ۋە سان سۆڭەك بېشىغا سىل جاراسىمى ئورۇنلىشىپ بۇيەرنى چىرىتىپ تاشلايدىغان كېسەللىك بولۇپ ،ئادەتتە10 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كوپ ئۇپرايدۇ.سان سۆڭەك بېشىنى چىرىتىپ ئوڭايلا مەزكۇر جايدا سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپمۇ قويىدۇ. 

  ئالامىتى:


كېسەللىك ئومۇمەن كىچىك بالىلاردا بولۇپ، بالا ئاقساپ ماڭىدۇ. يانپاش بوغۇمى ۋە ئىچكى تەرىپىدە ياكى تىزدا ئاغرىق بولىدۇ.يوتا ساغرىنىڭ گۆشلىرى بارغانسېرى ئورۇقلاشقا،يىگىلەشكە باشلايدۇ. ئومۇمەن بىر پۇتى ئۇزۇن ياكى بىر پۇتى قىسقا بولۇپ قالىدۇ، ساغرا چاپلىشىپ يوقۇلۇپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ ۋە پاقالچاق ئىككى تەرەپكە كېرىلىپ قالىدۇ.پۇتلار سىرتقا قايرىلىپ تاش مايماق بولۇپ قالىدۇ ساغرا گۆشلىرىنىڭ يۇمشاقلىق خۇسۇسىيەت يوقۇلۇپ كېتىدۇ.بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتلىنىشى ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىدۇ، بەزى چاغدا كېچىسى تارتىشىشلىق ئاغرىق باشلىنىدۇ، تارتىشىش تۈپەيلىدىن پاقالچاقلار ئارىلىقلىرى كېڭىيىپ كېتىشكە باشلايدۇ. بۇچاغدا قىزىتما بولىدۇ ۋە يىرىڭلىق ئىششىق ئوچۇق ئاشكارا باشلىنىدۇ.ئۇندىن كىيىن كېسەل كىشىلەرنىڭ پۇتى ياكى كاسسا ياكى ساغرىسى ئىچكى تەرەپكە مايماقلىشىپ قالىدۇ. كېسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ساغرىنىڭ ئارقىسى ياكى ئۈستۈنكى توقولمىلىرى يۇمشاقلىشىپ قالىدۇ ۋە ئەنە شۇ ئاغرىق تەرەپتىكى كېسەلنىڭ پۇتى كۈندىن-كۈنگە تەدرىجىي ھالدا كىچىكلىشىشكە باشلايدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.