مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1121 رەت   / مەنبە: -

سۇ بەل ئومۇرتقىسى ئارىلىق تەخسىسى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سۇيۇقلۇق بېسىم تىرىكىنى تەمىنلەيدۇ. سۇسىزلىنىش كېسىلى يۈز بەرسىلا بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تۇتاشقان بوغۇم ئالدى بىلەن زەربىگە ئۇچرايدۇ. 5-ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى %95 تەسىرگە ئۇچرايدۇ. 

بوغۇم قۇرۇلمىسىدىن پايدىلىنىپ، سۇ بەدەن ئېغىرلىقى بېسىمىنى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە مۇسكۇللا ھەرىكىتىنىڭ سۆڭەككە بولغان تارتىش كۈچىگىمۇ بەرداشلىق بېرىدۇ. ئۇ يەنە بارلىق بۇغۇملارنىڭ سىلىقلىغۇچىسى. بېسىم كۈچى ۋە تارتىش كۈچى ئوخشاش تۈردىكى كۈچلەردۇر. 

كۆپىنچە  بوغۇملار ئارىسىدا بىر-بىرىگە تۇتاشمىغان ھاۋاسىز بوشلۇقلار بولۇپ، سۇ بۇ ھاۋاسىز بوشلۇقلاردا تىنچ ھالدا ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. پەقەت بوغۇم ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن سۇ سىقىپ چىقىرىدۇ. بەل ئاغرىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىشىلەر يېتەرلىك مىقداردا سۇ ئىستېمال قىلىدۇ، ھەرخىل بەل ئومۇرتقا ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەيدۇ. سۇ ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىدىكى بىر-بىرىگە تۇتاشمىغان ھاۋاسىز بوشلۇقلارنى ھاسىل قىلىپ سۇنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە قۇلايلىق يارىتىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەردە دۈمبە مۇسكۇلىنىڭ تارتىشىشىنى ئازايتالايدۇ. %80 دۈمبە ئاغرىقى بەل ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ. بەل ئاغرىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن توغرا بولغان بەدەن قىياپىتىنى ساقلاش كېرەك. 

دەمبە ئاغرىش بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتى بىر مۇھىم تېما. ئەگەر سىزنىڭ دۈمبىڭىز ئاغرىسا، بولۇپمۇ ئولتۇرغۇچ نېرۋىڭىز ئاغرىسا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ ئومۇرتقا ئارىلىقى تەخسىسىدە بىر-بىرىگە تۇتاشمىغان ھاۋاسىز بوشلۇقلارنى پەيدا قىلسىڭىز ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى يېرىم سائەت ئىچىدە پەسىيىپ قالىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.