بايرامدىن پايدىلىنىپ «تام ئاتلاپ» بىرقانچە ئىش قىلدىم،
1- ۋوردپرېسس بىلوگىمغا يوللانغان ماقالىنى بىۋاستە تىۋىتىر ۋە فېيسبوكقا يوللىنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويدۇم.
2-بىلوگسىپوتتىكى بىلوگىمغا بەلگىلەنگەن ئېلخەت ئادىرىسىغا ماقالە يوللاش ئارقىلىق تېما يوللىغىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشىۋالدىم.
3-يۇتۇبېدىكى فىلىم يوللاش بىتىمگە فىلىم چىقىرىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئېلخەت ئادىرىسىغا فىلىمنى يوللاش ئارقىلىقلا يۇتۇبېغا فىلىم يوللاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان قىلدىم.
4-يۇتۇبېغا يوللانغان ھەرقانداق فىلىمنى ئاپتوماتىك ھالدا تىۋىتېر ، فېيسبوك،بىلوگسىپوت ۋە گوگېل بۇز لارغا ھەمبەھىر بولىدىغان قىلىپ قويدۇم.
5-Flickr دىكى رەسىملىرىمنى گوگېل بۇزغا باغلاپ قويدۇم.
6-ئاندرويىد سەھنىسىدىكى ۋوردپرېسنىڭ ماقالە يوللايدىغان ئابونىت نۇسخىسىنى ئۆزلەشتۈردۈم.
قىلغان مۇشۇ ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى بەت ئاچقۇچىلار قالدۇرۇپ قويغان ئېچىش ئېغىزى ئارقىلىق بولدى دەپ ئويلايمەن. چوڭ توربەتلەرنىڭ ئېچىش ئېغىزى تەمىنلىشى جەھەتتە بىر بىرىنى قوللىشى بەك ياخشى ئىكەن.
———————————————————
ئۇيغۇر بىكەتلىرى ۋە API ئېغىزى دىگەن تىمىدا
ئەزالار مەركىزى قۇرۇشنىڭ گىپى بولۇپ ئۆتتى، مۇشۇ گوگېلنىڭ ئابونىت نۇمۇرىنى ئۆزىمىزنىڭ بەتلىرىدە ئىشلەيدىغان قىلىپ قويساق قانداق بولار؟
مەسىلەن : گوگېلنىڭ ئابونىت نۇمۇرى ئارقىلىق كىرىمىز، ئاندىن گوگېلنىڭ تەمىنلىگەن مۇلازىمەت دائىرسىدىكى لازىملىق مۇلازىمەتلەرنى تور بىتىمىزگە ئىشلىتىمىز، يوللىغان تېمىللىرىمىزدارەسىم ئىشلەتمەچى بولساق گوگېلنىڭ رەسىم مۇلازىمىتىدىكى رەسىمنى ئىشلىتىمىز، فىلىم ئىشلەتمەكچى بولساق گوگېلنىڭ فىلىم مۇلازىمىتىرى بولغان يۇتۇبېدىن ئادىرىسنى يۆتكەپ ئىشلىتىمىز،ھۆججەت ئىشلەتمەكچى بولساق گوگېل تەمىنلىگەن ھۆججەت مۇلازىمىتىرنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئىشلىتىمىز، توربەتلىرىمىزدە تۇرۇپلا گوگېلنىڭ ئېلخەت مۇلازىمىتىنى ئىشلىتەلەيمىز، يېڭى تىما يوللانغان ھامان ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئېلخەت ئادىرىسىغا ھەمدە Gtalk قۇرالىغا ئۇچۇر بولۇپ ماڭىدىغان قىلىمىز، ئاشۇ ئەزانىڭ بىلوگسىپوتىغا تىما بولۇپ ماڭىدىغان قىلىمىز، ئەزالار «توردا بار» بوپ قالسا بىر كۇنۇپكىنى بېسىپلا گوگېلنىڭ Gtalk قۇرالىنى قوزغىتىپ ئانا تىلدا بەھۇزۇر پاراڭلىشالايمىز، Gtalk تىكى مەلۇم بىر ئابونىتقا( مەسىلەن bilik@gmail.com دىگەندەك ) ماقالە ئېۋەتىش ئارقىلىق بىلىككە ماقالە يوللىغىنى بولىدىغان قىلىمىز، يەنە شۇ ئابونىتقا ئېلخەت ئېۋەتىش ئارقىلىق ماقالە يوللىغىنى بولىدىغان قىلىمىز، يوللىغان تېمىللىرىمىز گوگېل بۇز غا،فېيسبوكقا، تىۋىتېرگە ئاپتوماتىك ھەمبەھىر بولىدىغان قىلىمىز،(دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ماڭىمىز ) بۇنداقتا نۇرغۇن كىشىلەرگە تەۋىسيە قىلىپ قويغىلى بولدۇ دە كۆرۈش مىقدارىنى ئاشۇرغىلى مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ماۋۇ ئېچىش ئېغىزى ھەققىدە قىلغان خىياللىرىم بەك فانتازىيە بوپ كەتمىگەندۇ ھە ؟ يېقىندىن بېرى خام خىيالنى كۆپ قىلدىغان بوپ قالدىم، ئەيىپكە بۇيرىماڭلار، بۇلارقىلغىنى بولمايدىغان ئىشلار ئەمەس دەپ ئويلايمەن، شۇڭا مۇشۇ ھەقتە بىر تېخنىكىلىق پاراڭلارنى قىلىشساق قانداق ؟
ھازىرقى ئورنىڭىز : باش بەت >تور دۇنياسى>مەزمۇنى
مۇقۇم ئۇلانما ئادېرسى : API ئېغىزى ھەققىدە پاراڭ | قۇت بلوگ | QutBlog
+ كۆچۈرۈش
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن بۇ ئىش توغرىسىدا ھاممامدىن ئاڭلىغان، ئۇ بالا كىلىشمەسلىككە ئۇچراپتىكەن.
لى كەيفۇ مەكتىپىمىزگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە مۇشۇ تەتقىقاتنى ئىشلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى،ماڭىمۇ مۇشۇ ھەقتە ئوت چۈشكەن،ئەمما..
قۇتبىلىك ئىنىم،بىلوگىمىز ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىڭىز تولىمۇ مىغىزلىق بوپتۇ.«ئاللاھ» خالىسا بىلوگىمىزنى داڭلىق كەسپى بىلوگ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىرل
ئاخىرى بىر تۇرايىڭىز ھازىر بولدى،قىزغىن قۇتلۇقلايمەن!
ياخشىمۇسىز، مەن سىزنىڭ نۇرغۇن تېمىللىرىڭىزنى كۆردۈم ئەپسۇس ....
ئاۋۇ پىچاق دەھشەت چىقىپتىغۇ :razz:
ھە،راست، ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازغىلى بولمامدۇ، مەن باشقا يەرگە يېزىپ ئاندىن ئىنكاس يېزىۋاتىمەن.
ساھەسىدىمۇ كارامىتى باركەن ئەمەسمۇ. بۇ ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، ماڭا يارىدى.
مەن بىلمەيدىغان نادىر يۇمشاق دېتالدىن بىرنى بىلدۈرۈپ قويدىڭىز، رەھمەت. تولىمۇ ئېسىل دېتالدەك تۇرىدۇ بۇ. بۇنى قانچىلىك ۋاقىتتا ئۈگۈنەرمەن ئەمدى.
قۇت دوستۇم، بلوگىڭىزنىڭ بەزىبىر جايلىرىنى رەتلەپ قويسىڭىز بولامدۇ قانداق؟ مەسىلەن باش بەت ئىنكاس رايۇنىدىكى رەسىملەر ئورنى دېگەندەك