• 2010-06-29

    چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-1 Qawandazlar uqturushi-1 - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]

    چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-1

    Qawandazlar uqturushi-1

    چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغان 2 يېرىم يىلدىن بۇيان كەڭ تورداشلار ۋە بلوگگىرلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۆزىنىڭ مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتتى. ئارلىقتا 10 ئاي ۋاقىت بلوگ نورمال خىزمەت قىلىشقا ئامالسىز قالدى. بۇ 10 ئاي ۋاقىت ئۇيغۇر تورچىلىقىنى تەرەققىياتىنى 10 يىل كەينىگە سۈرىۋەتكەندەك بىلىندى. شۇنداق بولسىمۇ زور تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق يەنە نۇرغۇن تور بېكەتلەر ۋە بلوگگىرلار ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى بوشۇتۇپ قويغىنى يوق. چەۋەندازلار بلوگى بارلىق تورداشلارغا ئۆزىنىڭ چوڭقۇر سالىمىنى يوللايدۇ.

    چەۋەندازلار بلوگى 6-ئاي ئىچى ئۆزىنىڭ مۇھىم مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتتى. ھەمدە 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئومومىي يۈزلۈك رەتلەندى. ھەمدە بىر قانچە تور بېكەت ۋە بلوگلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورۇناتتى. بۇ ئارقىلىق چەۋەندازالار بلوگى ئۆزىنى تەشۋىق قىلىش قەدىمى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈلدى.

    دوستانە مۇناسىۋەت ئورۇنتۇلغان تورلار ۋە بلوگلار


    بلوگلار
    تەدبىركار بلوگى

    ئۆركەش بلوگى

    ئۇيغۇرلار بلوگى

    پىرىستان بلوگى

    قوشۇقنىڭ بىلوگى
     
    يانغىن ئۇيغۇر بلوگى

    مامكاپ تور خاتىرسى

    ھونزادە بىلوگى

    يارغول بلوگى

    پادىشاھ بلوگى

    قارلۇق تور خاتىرىسى


    يۇقارقى تور بېكەت ۋە بلوگلار چەۋەندازلار بلوگى بىلەن دوستلۇق ئورۇناتقان بولۇپ بارلىق دوستانە ئۇلىنىش ئىگىللىرىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!

    بلوگنىڭ ئىچكى ئارخىپلىرى

    بۇ يىللىق زىيارەت قىلغان ئالدىنقى 10 ئۇلىنىش

    بۇ يىللىق ئالدىنقى 10 ئىزدەش ئارقىلىق كىرگەن ھالقىلىق سۆز

    يۇقاردىكى تەكشۈرۈش ئارخىپلىرى بلوگ ئۆزى تەمىنلىگەن ئىستاستىكا بولۇپ،نۇرغۇنلىغان بلوگگىرلار تازا رازى ئەمەس. چۈنكى بۇ ئىستاستىكا نۇرغۇنلىغان سانلىق ئامبارلارنى تولۇق ۋە توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا مەن ئاساسەن ئىستاستىكىغا بلوگىمنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى ئىستستىكا تور بىتىنىڭكىنى ئىشلىتىمەن.


    تۆۋەندىكىسى ئۈنۋېرسال كۆرسەتكۈچى

     

    چەۋەندازلار بلوگى بلوگگىرلارنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشى ۋە مەدىتىگە مۇھتاج. ھەرقايسىڭلارنىڭ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەۋەندازلار بلوگىغا بولغان تىلەك ۋە تەكلىپلىرى بولسا دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىدۇ.


    ئىشىنىمىزكى چەۋەندازلار بلوگى تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نادىر بلوگلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغۇسى!
     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • قوللايمىز ھەم مەدەت بېرىمىز !
    تېخىمۇ تىرىشىڭ !
    回复ئۇيكېر说:
    ئەسسالەمۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم. سىزنىڭ تىلىكىڭىز ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بولغۇسى! يېڭى قۇرغان بلوگىڭىزغا مەدەت تىلەيمەن! چەۋەندازلار بلوگى چوقۇم تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقلار كۆرسۈتۈپ تورداشلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلغۇسى!
    2010-07-17 23:05:11
  • چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ئۇتۇقلىرى ۋە خالىس توھپىلىرىگە تەشەككۇر !
    ماتېماتىكا بلوگىمۇ دوست بلوگلار ......
    回复ماتېماتىكا说:
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماتىماتىكا ئەپەندى. سىز شەبنەم مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ماتىماتىكا ئەپەندى بولىسىزغۇ دەيمەن. چەۋەندازلار بلوگىدا قايتا ئۇچرىشىشقا نىسىپ بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. قەدىمىڭىزگە تەشەككۈر. سىزنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇۋالدىم. ھەمكارلىقىمىز تېخىمۇ راۋاجلانسۇن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-07-15 22:54:36
  • ئاستىدىن ئۈستىگە
  • ئىنكاس سىغماي بۆلۈپ يوللىغان...رەت تەرتىۋى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ....توغرىلاپ قويارسىزمۇ.....
    回复ئا.ئابلەتخان说:
    ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ چەۋەندازلار بلوگىغا يازغان ئىنكاسىنىڭ رەتلەنگەن ھالىتى.

    پىردەۋىسنىڭ چەۋەنداز لىرى ئۇزاقلاردا قالدى..قەلەمنىڭ چەۋەندازلىرى دۇنياغا كەلدى..سىپارتاكنىڭ چەۋەندازلىرى دارلاردا قالدى..ئولىمپىكنىڭ چەۋەندازلىرى دۇنياغا كەلدى.. خەيرىيەت ! چەۋەنداز دىگەن ئىسىم ئۇلاردىن قالدى..يىراق تارىختىكى قاپ يۈرەك چەۋەندازلار توپىغا ئايلىنىپ، بۇ توپىلاردىن كېسەك قۇيۇلۇپ رىستوران، مەيدان، ئىشخانە ۋە ئالى بىلىم يۇرتلىرى سېلىندى. ئادەملەر بۇ جايلارنىڭ ئىچىدىن چەۋەنداز ئىزدەيدىغان بولدى..ئىنشائاللاھ ! تىرىشقان نائۈمۈت قالماس.
    2010-07-15 22:31:40
  • مەيدان، ئىشخانە ۋە ئالى بىلىم يۇرتلىرى سېلىندى. ئادەملەر بۇ جايلارنىڭ ئىچىدىن چەۋەنداز ئىزدەيدىغان بولدى..ئىنشائاللاھ ! تىرىشقان نائۈمۈت قالماس
  • ئولىمپىكنىڭ چەۋەندازلىرى دۇنياغا كەلدى.. خەيرىيەت ! چەۋەنداز دىگەن ئىسىم ئۇلاردىن قالدى..يىراق تارىختىكى قاپ يۈرەك چەۋەندازلار توپىغا ئايلىنىپ، بۇ توپىلاردىن كېسەك قۇيۇلۇپ رىستوران، .
  • پىردەۋىسنىڭ چەۋەنداز لىرى ئۇزاقلاردا قالدى..قەلەمنىڭ چەۋەندازلىرى دۇنياغا كەلدى..سىپارتاكنىڭ چەۋەندازلىرى دارلاردا قالدى..
    回复ئا.ئابلەتخان说:
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم. مەرھابا قۇتلۇق قەدىمىڭىزگە، كەمىنە چەۋەندازلار بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى <<چەۋەنداز>> دىن يىتۈك ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ <<ئويغانغان زېمىن>> دىگەن رومانىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوغلانى سالى دورغىنىڭ سۆيۈملۈك چەۋرىسى ئابدۇرېھىم ئابلەتخانغا ئالىي ئېھتىرام. سىزنىڭ بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا مىنى ھۆرمەت قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك دۇردانىلىرىڭىزنى ھەدىيە قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر.
    سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىز ئۇزاقتىن بېرى خەلقىمىزگە يېڭىچە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسۈتۈپ كەلدى. يازمىلىرىڭىزدىكى تېرەن پىكىر كۈچلۈك مۇلاھىزە ھەربىرىمىزنىڭ قەلبىنى لال قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىنشائاللا سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملىرىڭىز تېخىمۇ دادىل تېخىمۇ مەغرۇر بېسىلغۇسى!
    سىزنىڭ كۈچلۈك مەدىتىڭىز ماڭا تېخىمۇ زور روھى ئوزۇق بولغۇسى! چەۋەندازلار بلوگى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ جەسۇر سىماسىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە نامايەن قىلىشقا تىرىشىدۇ! سىزنىڭ بلوگىڭىز شەرىتسىز ئۇيغۇر بلوگىدىكى 10 نادىر بلوگنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ!
    ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئاللاھدىن ھەربىر ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق،ئائىلىڭىزگە بەخىت،تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن! قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي. چەۋەندازلار سىز بىلەن بىرگە. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
    2010-07-15 22:27:55
  • بك تىرىشىۋاتىسىز جۇمۇ . تېخىمۇ تەرەقى قىلىپ كىتىڭ دوستۇم . مەنزىلىمىز ئۇزاق
    回复uyghurlar说:
    مەدىتىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم. ئىلگىرى بلوگسىپوت سۇپىسىدىكى uyghurqa.blogspot.com دىگەن بلوگىڭىزنى دائىم كۆرۈپ تۇراتتىم. شۇ چاغدىلا سىزنىڭ بلوگىڭىزغا ئۆزۈمنىڭ ھۆرمىتى بار ئىدى. ئەمدى بلوگباستىن بلوگ ئىلتىماس قىلغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ،يازما يېزىش ئۇسلۇبىڭىزدىنلا سىزنىڭ دەل بلوگسىپوتتىكى ئۇيغۇرلار بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى جەزىملەشتۈرگەن ئىدىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! ھەمكارلىقىمىز راۋاجلانسۇن!
    2010-07-04 16:45:58
  • چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن!
    ھۆرمەت بىلەن:
    dunyakara بلوگىدىن
    回复dunyakara说:
    ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ سەركىسى بولغا دۇنياقارا ئەپەندىمنىڭ تىلىكىگە تەشەككۈر. سىزنىڭ ياردىمىڭىز ۋە يول كۆرسىتىشڭىز بولغاچقا چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ قەدىمىنى دادىل ئېلىپ ماڭالىدى. چەۋەندازلار بلوگى سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ھەر ۋاقىت قوللايدۇ! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-06-30 14:35:00
  • چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك مەنىزللەرنى كۆزلەپ، تېخىمۇ دادىل تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
    回复يۈكسەل说:
    سىزنىڭ تۈرىتكىڭىزدە بلوگقا قىززىقىپ بلوگ يېزىشنى باشلىغان ئىدىم. مىنىڭ بلوگ يېزىشىمغا سىزنىڭ ئەشۇ شەبنەم مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان تېمىلىرىڭىز سەۋەب بولغاننىدى. شۇ چاغدا سىزنىڭ بلوگىڭىزغا قىززىققاشقا ھازىر بلوگ قۇرۇپ ئەشۇ مۇنبەرلەرگە يوللىغان تېمىلىرىمنى ساقسالامەت مۇشۇ بلوگ سۇپىسىدا ساقلاپ قالالىدىم. سىزنى مەن بلوگ يېزىشىمغا سەۋەب بولغان ئالدىنقى ئامىللارنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى سىز مەن دەسلىپىدە بلوگ يازماقچى بولغاندا سىز ئۆزىڭىز يول كۆرسەتكەن ئىدىڭىز. ئاخىرىدا سىز ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ يول ئاچقۇچىسى ۋە تەشۋىق ئەلچىسىنىڭ بلوگىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن. تېنىڭىز سالامەت،ئائىلىڭىز خاتىرجەم بولغاي.
    چەۋەندازلار بلوگى سىزگە ھەمراھ!
    2010-06-29 22:47:55
  • بلوگىڭىزنىڭ داڭلىق بلوگ بولۇپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،ئۈزلۈكسىز تىرىشىڭ!
    بىلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم،مېنىڭكىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز، ئۆز ئارا قوللىشايلى،ھەمكارلىشايلى!
    回复قارلۇق说:
    سىزنىڭ تىلىكىڭىزگەرەھمەت. چەۋەندازلار بلوگى قارلۇق بلوگى بىلەن دوستلۇق ئورۇنتۇشقا ھەمدە ھەمكارلىشىقا تەييار. بلوگ ئادرىسىڭىزنى قويۇپ قويۇڭ.
    karluk2009.blogbus.com مۇشۇ بلوگ شۇمۇ؟
    مۇۋاپپىقىيەتلىك قوشۇلدى. ھەمكارلىقىمىز تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى!
    2010-06-29 22:34:04
  • بلوگىڭىز نادىر يازمىلىرى بىلەن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن.
    回复تارىم说:
    ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ بىر تۈرىكى بولغان تارىم ئەپەندىنىڭ قەدىمىگە مەرھابا. چەۋەندازلارنىڭ بۈگۈنكى بۇ تەرەققىياتىنى سىزنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا قوشقان تۆھپىڭىز بولغان تۈرلۈك كودلار ۋە ئۇسلۇبلار ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. سىزنىڭ بلوگىڭىز يەنىلا ھەممىمىزنىڭ ياقتۇرىدىغان بلوگى ھېسابلىنىدۇ. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! چەۋەندازلار بلوگى سىزگە ھەمراھ!
    2010-06-29 22:27:25
  • ئىسىل كۈنلىرىڭىز ئالدىڭىزدا تىرىشىڭ
    回复پادىشاھ 说:
    پادىشاھ بلوگىنىڭ بوشۇشۇپ قالماي قىيىچىلىقلارنى يېڭىپ يېڭى بلوگىنى قۇرغىنىغا ئاپىرىن.سىزنىڭ بلوگىڭىزغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق ۋە ياخشى نەتىجىلەرنى تىلەيمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
    2010-06-29 22:30:29
  • كىچىكىپ بولسىمۇ سىزگە ۋە بىلوگىڭىزغا ئۇتۇق ۋە ئامەت تىلەيمەن،بىزدەك يېڭى سەپكە قېتىلغانلاردىن ياردىمىڭىزنى داۋاملىق ئايىمىغايسىز،دوسلۇقىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىز يەنىمۇ يەنىمۇ ياشنىسۇن.
    回复ھونزادە 说:
    كىچىكمەيسىز ئەلۋەتتە،ھېچكىم كېچىكمەيدۇ. سىزنىڭ بلوگىڭىز تارىخنى ئاساس قىلغان بلوگ ئىكەن تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ بلوگىڭىزنى داڭلىق تارىخ بلوگىغا ئايلاندۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن قېرىندىشىم. چەۋەندازلار سىزنى ھەر ۋاقىت قوللايدۇ.
    2010-06-29 21:11:06
  • سىزگە ئامەت ۋە ئۇتۇقلار تىلەيمەن،بىلوگىڭىز نادىر بىلوگلاردىن بولۇپ قالغۇسى...داۋاملىق ھەمكارلىشىپ تۇرايلى.
    回复يارغول说:
    چەۋەندازلار بلوگى سىزنى قوللايدۇ ھەمدە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار.
    2010-06-29 20:10:19
  • بلوگىڭىزنىڭ بۇندىن كىيىن داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،داۋاملىق تىرىشىڭ!سىزگە ئۇتۇق ۋە ئامەت تىلەيمەن.داۋاملىق ھەمكارلىشىپ تۇرايلى،دوستۇم...
    回复يارغول说:
    سىزنىڭ تىلىگىنىڭىزدەك بولغاي. سىزنىڭمۇ بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.
    2010-06-29 20:08:57
  • بلوگىڭىزنىڭ يىللىق خۇلاسە سورۇنىغا قۇرۇق قوللا كىرىپ قالغان ئوخشايمەن ، شۇندىمۇ كۆڭۈل سۆزۈم بار : مۇشۇ تەرەققىدە يازمىلىرىڭىز داۋاملاشسا چۇقۇم نادىر بلوگ بولۇپ قالىدۇ
    回复مامكاپ بلوگى说:
    سىزنىڭ تىلىكىڭىزگە رەھمەت. چەۋەندازلار بلوگى پۈتۈن تىرىشچانلىقى بىلەن تىرىشىدۇ. شۇنداقلا سىزنىڭمۇ بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن قېرىدىشىم.
    2010-06-29 19:50:19
  • بلوگ ياساش ئاسان ئەمما بلوگ يازماق ، ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشمەك بەك قىيىن . چەۋەندازلار بلوگىنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىرى سىزنىڭ ئەمگىكىنىڭزنىڭ مەسئۇلاتى .بىلوگىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن .
    回复دولقۇن731说:
    سىزنىڭ تىلىكىڭىزگە رەھمەت. سىزدەك ئۇيغۇر بلوگچىلغىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرىنىڭ ئىلھامى ماڭا يار-يۆلەك بولغۇسى! چەۋەندازلار بلوگى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ نادىر تېمىلىرى بىلەن تورداشلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلغۇسى! چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!!
    2010-06-29 18:08:10