-
2009-05-15
بېيجىڭ خان ئوردىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىزنالىرى Beyjing xan ordisi we uyghur medeniyiti iznaliri - [تارىخ]
بېيجىڭ خان ئوردىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىزنالىرى
Beyjing xan ordisi we uyghur medeniyiti iznaliri
بېيجىڭ خان ئوردىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خان ئوردىسى بولۇش سۈپىتى ۋە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. يېقىدا <<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژورنىلىنىڭ 1988-يىلدىكى4-سانىدىكى بىر ماقالىدىن ئېلىنغان <<بېيجىڭ خان ئوردىسىنى كىم لاھىيلىگەن؟>> دېگەن تېمىنى دىيارىم مۇنبىرىدە ئۇچرىتىپ قالدىم. ماقالىدا بېيجىڭ خان ئوردىسىنى مۇڭغۇل ئېمپىراتورى قۇبلەيخان دەۋرىدە قۇبلەيخاننىڭ ھوزورىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى ئەختەرىدىننىڭ ئوردا ۋە شەھەر قۇرلۇشلىرىنى باشقۇرىدىغان چادىر مەھكىمىسىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ۋە قۇبلەيخاننىڭ كۆيۈپ خارابىلىككە ئايلانغان بېيجىڭنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ پايتەخىت قىلىش بۇيرۇقىغا بىنائەن بېيجىڭ خان ئوردىسىنىڭ چوڭ ھەم مۇرەككەپ لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ئۇنىڭ قۇرۇلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان.
دېمەك مۇڭغۇللار قۇرغان يەن سۇلالىسى(1279-1368) دەۋىرىدە بۇ ئالەمشۇمۇل قۇرلۇشنىڭ دەسلەپكى ئۇلىنى بەرپا قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا بېيجىڭ خان ئوردىسىدىن يەنە باشقا ئۇيغۇر ئىزنالىرىنى تېپىش مۇمكىنمۇ؟ تامامەن مۇمكىن! موڭغۇللار ئېمپىراتورلۇقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىڭ سۇلالىسى ۋە چىڭ سۇلالىسى قاتارلىق بىر قانچىلىغان سۇلالىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن بۇ پايتەخىت شەھىرى 296يىل ھۆكۈم سۈرگەن مانجۇ خاندانلىقىنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزگىچە مەدەنىيەتنى ھەم بىللە ئېلىپ كىرگەن. نۇرخاچتىن ئىلگىرى مانجۇلارنىڭ تىلىلا بولۇپ،يېزىقى بولمىغان.ئېيتىشلارغا قارىغاندا مانجۇلارنىڭ داھىيسى بولغان ئايسىڭگىرو نۇرخاچ يېزىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن مانجۇلارنىڭ مۇڭغۇلچىنى سۆزلىيەلمەيدىغانلىقى،چۈشۈنمەيدىغانلىقى،ئوقالمايدىغانلىقى،يازالمايدىغانلىقىغا ۋە چۇقۇم بىر تەرجىمان كېتىدىغانلىقىغا قاراپ،خەت تونىمايدىغان خەنزۇلار،خەنزۇچە خەتنى ئوقۇپ بەرسە چۈشىنەلەيدۇ،موڭغۇللارمۇ ھەم شۇنداق،نېمىشقا بىزنىڭ مىللىتىمىزدە بۇنداق بولمايدۇ،بۇ بەك ئاۋارچىلىق دەپ ھېسابلاپ موڭغۇل يېزىقىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مانجۇ يېزىقىنى ئىجاد قىلدۇرغان ئىكەن.
ھەممىمىز موڭغۇل يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر ئالىمى تاتاتوڭا تەرىپىدىن ئۇيغۇر قەدىمى يېزىقىنى ئاساس قىلغان ئاساستا ئىجاد قىلىنغانلىقىنى بىلىمىز،مانجۇ يېزىقى بولسا موڭغۇل يېزىقىنى ئاساس قىلىپ ئىجاد قىلىنغان،كېيىن مانجۇ يېزىقى ئاساسىدا شىبە يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى پەقەت تۈرك مەدەنىيىتىدىلا ئەمەس بەلكى باشقا مىللەت ۋە قەۋىملەرگىمۇ ئۆچمەس تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
ئەمدى بېيجىڭ خان سارىيىنىڭ چوقىسىغا ئېسىلغان تاختىلارغا قاراپ باقايلىمانجۇ-خەنزۇچە يېزىلغان ئوردا نامى تاختىسى(ئوڭ تەرەپتىكىسى مانجۇچە)
مانجۇ-موڭغۇل-خەنزۇچە يېزىلغان ئوردا نامى تاختىسى(ئوتتۇرسىدىكىسى مانجۇچە،ئوڭ چەتتىكىسى موڭغۇلچە)
مانجۇ-خەنزۇ-تىبەت-موڭغۇكچە يېزىلغان ئوردا نامى تاختىسى(ئوڭدىكىسى مانجۇچە،2-خەنزۇچە،3-تىبەتچە،4-موڭغۇلچە)
مانجۇ-خەنزۇچە يېزىلغان بۈيۈك چىڭ دەرۋازىسى
مانجۇ-خەنزۇچە يېزىلغان جىڭ ياڭ چىياۋ تاختىسى
مانا مۇشۇ ئىزنالار بىزگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جوڭگۇنىڭ شەرىقىدىكى زىمىندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ بەلكىم ئىنتايىن،ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىدۇر خالاس.历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
评论