• 2008-11-06

    بىزدە كەم بولىۋاتقىنى زادى نېمە؟ Bizde kem boliwatqini zadi nime? - [ئۇيغۇرلار]

      بىزدە كەم بولىۋاتقىنى زادى نېمە؟

    Bizde kem boliwatqini zadi nime?

     تەرەققىي قىلمىساق ھالاك بولىمىز.
                                                                      -مۇستاپا كامال

      ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتى،ئەقىل-پاراسىتى،سودىغا ماھىرلىقى بىلەن دۇنيادا مەشھۇر خەلىق.يىپەك يولى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلاندۇرغان.يىپەك يولىنىڭ خاراپلىشىشى ئۇيغۇرلارنى <<جاھان ئەينىكى>>دىن ئايرىدى.بۇرۇندىن تارتىپ قول ھۆنەرۋەنچىلىك،يۆتكەپ سېتىش بىلەن ئۆزىنىڭ سودىغا ماھىرلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللەت ئىدى.لىكىن يىپەك يولىنىڭ خاراپلىشىشى بىزدىكى بۇ روھنى بارغانسىرى سۇسلاشتۇرىۋەتتى.
      ھازىر بىزدە ئەڭ كەم بولىۋاتقىنى زادى نېمە؟ئۇ دەل ئىقتىساد،پەن-تېخنىكا.باشقىلارنىڭ بىزنى بوزەك قىلىۋاتقىنى ئۇلاردا ئىقتىسادنىڭ،پەن-تېخنىكىنىڭ بولغانلىقىدا،باشقىلارنىڭ ئالدىدا خار بولىۋاتقانلىقىمىز بىزدە ئۇلار بىر دىسە ئىككى دېيەلىگىدەك بىلىم سەۋىيىمىزنىڭ كەملىكىدە،باشقىلارنىڭ بىزنى مازاق قىلىۋاتقاللىقى بىزدە تىرىشچانلىق ۋە جان تىكىپ ئىشلەش روھىنىڭ كەملىكىدە!
      ئەجىبا بىز راستىنلا شۇنچىلىك ئەرزىمەس،يارىماس،قالاق مىللەتمۇ؟بۇنىڭغا ھەربىرىمىزنىڭ<<ياق>>دەپ جاۋاپ قايتۇرىشى ئېنىق.بىز ئاچايلى دىسەك نۇرغۇنلىغان ئېچىش بوشلۇقلىرى بار.ئۆچمەس مەدەنىيىتىمىز،سەنئىتىمىز،ئەدەبىياتىمىز بار.بىزگە بۇلا كۇپايە قىلمايدۇ.بىزدەئەڭ،ئەڭ كەمچىل بولىۋاتقىنى يەنىلا شۇ ئىقتىساد،پەن-تېخنىكا،جان تىكىپ ئىشلەش روھى.بىز بۇ ھورۇنلىقىمىزنى تۈگەتمىسەك بىزدىكى بۇ ھورۇنلۇق بىزنى ھالاكەتكە دۇچار قىلىشى مۇمكىن.
      ھازىر بىزنىڭ <<ئارمان>>،<<ئىخلاس>>،<<ئامىنە>>قاتارلىق بىرتۈركۈم شىركەتلىرىمىز يىمەك-ئىچمەك ساھەسىگە يۈرۈش قىلىپ،رايونىمىزنىڭ بوسۇغىسىدىن ھالقىپ خەلىقئاراغا يۈزلەندى.ئۇلاربىزنىڭ پەخرىمىز،ھەقىقىي مىللى كارخانىلارنىڭ بايراقدارلىرى.
     

      <<بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت،ئىقتىساد،كۈچ،نوپۇزدا زورىيىشى ئۈچۈن كۈچلۈك تېخنىكا بىلەن قوراللانغان كارخانا-زاۋۇت،ياساش سانائىتىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.ياساش ئىقتىدارى بولمىغان مەدەنىيەت ئەڭ ئاجىز مەدەنىيەتتۇر.مۇنداق مەدەنىيەت ھەممەنەرسىنى باشقىلاردىن سېتىۋېلىش جەريانىدا ئۆزىنى قوۋەتلەپ تۇرىدىغان ئىقتىسادتىن ئايرىلىپ قالىدۇ،مەدەنىيىتى ئىزچىل تۈردە باشقا كۈچلۈك ئەل-خەلق مەدەنىيىتى تەرىپىدىن زەرەتلىنىدۇ،ئۆزگەرتىلىدۇ.>> (1)


      يەنە قىلايلى دىسەك نۇرغۇنلىغان ئىشلاربار.بىز قاچانغىچە تىڭىرقاپ يۈرىيمىز،قاچانغىچە خورلۇنۇپ يۈرىيمىز.بىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان يەنە نۇرغۇنلىغان ساھەلەربار.
      ھازىرغىچە ئۇيغۇر زىمىنىدا بىزنىڭ ھەقىقىي يۈرۈشلەشكەن بىر توقۇمچىلىق،رەخىت زاۋۇتى يوق.بىزدە تېخى مۇشۇ ئاددى شەرىتمۇ ھازىرلانمىدى.ھازىر مانا كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپتۇق.قانچىمىزنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىم ياكى ئاياغنى ئۇيغۇر ئۆزى مۇستەقىل ئىشلەپ چىقارغان؟مانا مېنىڭكى ئۇيغۇر دىيەلەيدىغانلىرىمىز ئارىمىزدا بارمۇ؟ئەتلەس،دوپپا،مەسە-كالاچ ۋە ناھايتى ئاز ساندىكى خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن ئاياغلاردىن باشقىسىنى ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس دىيەلەيمەن.(گەرچە ئۇيغۇرچە ماركا چاپلانغان بىلەن ھەممىسى دىگۈدەك ئىچكىردىكى زاۋۇتلارغا زاكاس قىلىپ تىكتۈرۈلگەن كىيىملەر.دىمەك مەنبەسى يەنىلا ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس.ئاياغلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس،ئەلۋەتتە.)ماشىنا،موتسىكىلىتلاردىن ئېغىز ئاچماي تۇرايلى،يەنە ئاددىسى ئۇيغۇر ماركىسىدىكى ۋېلسىپىتمۇ يوق.بىز تېخى ئۇيغۇر ماركىسىدىكى سۈپەتلىك،ئىشەنچىلىك بولغان كىرئالغۇ،ھاۋاتەڭشىگۈچ،بۇس تارىتقۇ،قۇياش ئىنىرگىيىلىك،ئېلىكتىر ئىنىرگىيىلىك مۇنچا،رەقەملىك سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتى...قاتارلىقلارغا ئىھتىياجلىق.يەنە مىسال ئالىدىغان بولساق شىنجاڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى،بۇمۇ ھەربىرىمىزنىڭ ئۆتكۈر كاللىمىز بىلەن ئويلىشىمىزغا تېگىشلىك مەسىلە.شىنجاڭنىڭ مىۋە-چىۋىلىرىمۇ دۇنيادا تىزىپ كەلسىمۇ خېلى ئالدىنقى قاتارغا كىرەلەيدىكەن.لىكىن ئىقتىساد،پەن-تېخنىكىنىڭ كەملىكى بۇ چوڭ ساھەنىمۇ بوغۇپ قويىۋاتىدۇ.
      ھازىر خانىم-قىزلار توختىماستىن مودا قوغلىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك دەۋىردە خانىم-قىزلار سۈپەتلىك،ئىشەنچىلىك بولغان قول سومكا،ھەميانلارغا ئىھتىياجلىق.
      ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى سودا،ئېچىش بوشلىقى ئەڭ زور دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىبابىتى جەھەتتە ئىنتايىن كەڭ بوشلۇق بار.
      مانا بۇ ئېيىتسا تۈگىمەس بوشلۇقلار بىزنىڭ ،ئۇيغۇرلارنىڭ تىزرەك ئويغۇنۇپ يۈكسەلدۈرۈشىنى كۈتۈپ يېتىپتۇ.<<بىز قاچاانغىچە ئۇخلاۋىرىمىز>>بۇ سۆز گەرچە ھەرقايسى مەتبۇئات،نەشىرىياتلار،مۇنازىرىلەردە كۆپ تەكرارلانغانلىقتىن بىزنىڭ قولىقىمىزغا ئاڭلىنىۋېرىپ<<يەنە شۇ گەپمۇ>>دەيدىغان تەسىرنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ،بۇكۈندىن باشلاپ كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ ھاياتىمىزدا بۇرۇلۇش ھاسىل بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
      ئىش باشلىغاندا نەدىمۇ ئۇنداق زاۋۇت،شىركەتلەرنى قۇرغۇدەك كۆپ پۇل بۇلسۇن دەپ ئويلىماي،كىچىكرەك ئىشتىن باشلاپ كىرىم ۋە چىقىمنى ئوبدان مۆلچەرلەپ،تاپقان ئىككى ناننىڭ بىرسىدە داپ چالمىساقلا ئاللا خالىسا پۇل تاپالايمىز.<<ئارمان>>شىركىتىمۇ دەسلىپىدە 3000يۈەن بىلەن،كىيىن 20مىڭ يۈەن بىلەن ئىش باشلاپ 10نەچچە يىلدا ھازىرقىدەك نەچچە يۈز مىلىيونلۇق كارخانىغا ئايلىنىپتىكەن.ھەربىرىمىزنىڭ باشقىلاردىن قالغۇدەك يىرىمىز يوق.پەقەت باشقىلاردىن ئازراق تىرىشساقلا چوقۇم غەلبە قازىنالايمىز.

      قېنى ئۇيغۇر سودا يۈرىشى داۋاملاشسۇن.ئۈزۈلگەن يوللار راۋانلاشسۇن.

          ئاخىرىدا ھەر بىر ئەپەندىم-خانىملارغا دەيدىغان بىر ئېغىز سۆز:
    نىمە ئەڭ كەمچىل بولسا شۇ ئەڭ پۇلغا يارايدۇ.

    (1)نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن<<ئاڭدىن تاڭغا ياكى ھاڭغا>>
      (2)بۇ سۆز <<دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى>>دىگەن كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان.

     

    شەبنەم تورى نۆۆۋەتتە ئۇيغۇر تورلىرى ئىچىدىكى ئەزالىرى ئەڭ كۆپ، كۆرۈلىشى ئەڭ يۇقىرى، تېما يېڭىلىنىشى ئەڭ تېزى تور بېكىتى ھېسابلىنىدۇ. شەبنەم تورى 2003-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۆزىنىڭ 6 يىللىق مۈشكۈل مۇساپىسىدە كىچىكلىكتىن زورۇيۇپ ئاڭ چوڭ ئۇيغۇر تورىغا ئايلاندى. دەسلىپىدىكى <<ناخشىسىنىڭ تايىنى يوق>> تور بېكىتىدىن 2005- يىلى مۇنازىرە مۇنبىرىنى يولغا قويۇپ كەلگەندىن بېرى كىشىنى قايىل قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.


    收藏到:Del.icio.us