|
ئويلىغىنىمدەكلا، بىرىنجى توپ سەل تېز چۈشۈپ كېتىپ قېلىپ، مۇسابىقەر رېتىمىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، ھەلقىلغۇچ بولغاندىكىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئوينايدىغان گەپتە، بىر توپ ئۇرسىمۇ ئۇتىدىغان ئىش بولغاندىكىن.
كارۋاخالنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ئۇ يوق، ياكى يارلىنىپ چۈشۈپ كەتكەن مۇسابىقىلەردە ئوبدانلا بىلنىشىپ قالدى، دانىلومۇ كارۋاخالنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىقىپ، بىرقانچە خاتالىق ئۆتكۈزگەن، بىر توپنىڭ كىرىشىگە ئازراق سەۋبچى بولغان بولسىمۇ، گېرىزماننىڭ يەكمۇيەك توپىنى بىتچىت قىلىپ گۇناھىنى يۇيغانمۇ بولدى، رەھمەت ساڭا دانىلو، تىرىشچانلىقىڭغا كۆز يۇممايمەن، سەن پەقەت مادرىدنىڭ تاكتىكا يۆنىلىشىگە ماس كېلەلمەي قالدىڭ خالاس، بەلكىم يۇۋىنتۇستەك بىرە كوماندىغا يۆتكىلىپ قالساڭ، ئىلگىركى سەپدىشىڭ ساندىرودەك تېزلا ماسلىشىپ كېتىشىڭ مۇمكىن.
مارسىلو تەرەپتىن يەنىلا يوچۇق بار، بۇرۇنقىدەك مۇداپىئەگە تېزراق يانالماسلىق بار.بىر قېتىممۇ تاس قالدى، راموس ئۈسسىيەلمەي قالغان بولسا كەينىدىكى ئاتلىتكا توپچىسىنىڭ پۇتىغىلا چۈشكىلى، ئەپسۇس كارۋاخال تېزلا سېرىق كارتىغا ئېرىشىۋالغانلىقتىن ئاتلىتكىنىڭ ھۇجۇمىمۇ شۇ تەرەپتىنلا بولدى.
كارسىكو، بۇ بېلگىيەلىك بىرلەشمىدە بارسىلونا بىلەن ئوينىغاندا ئۆزىنىڭ مەيدانىدىن ئېلىپ ماڭغانچە، بارسىلونا توپچىلىرنى ئەگەشتۈرۈپ، بارسىلونانىڭ چەكلەنگەن رايۇنىغىچە ئاپارغاندا تەسىر قالدۇرغان، بۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئوخشاشلا ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلدى، توپ ئېلىپ مېڭىشىتىكى تېزلىكىگە گەپ توغرا كەلمىگۈدەك.
سىمونىنىڭ 90 مىنۇتقىچە بىرلا ئادەم ئالماشتۇرغىنىنى كۆرۈپ، بۇ كېيىنكى 30 مىنۇت ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ كەپتۇ دەپ ئويلىغان، ئەپسۇس ئالماشتۇرغان ئادەملىرىنى كۆرۈپ، تەييارلىق كۆرۈپ كەپتۇ ئەمەس، ئالماشتۇرغىدەك ئىشەنچلىك ئادىمىنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلدىم.
|
|