|
مەندىن مۇنبەردىكى مادرىد مەستانىلىرىگە مۇبارەكلەر ماڭسۇن، مۇبارەك بولسۇن مادرىدقا مۇناسىۋەتلىك مۆھتەرەم مەستانىلەر.
مادىرىد بىلەن ئاتلىتىكىنىڭ مۇسابىقىسى تۈگەپ مۇشۇنداق غەلىبە تەبرىكلەش شاتلىقىدا يۈرۈپمۇ يەنە بىر قىسىم مادرىد مەستانىلىرىنىڭ ئەخمىقانە گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈشى ئارتۇقچە بوپ قاپتۇ.چېقىۋىلىش ،تەنە گەپ قىلىش، قىتىغۇرلۇق قىلىش ،زىتىغا تېگىش، قېرىندىشىغا تىل سېلىش، مۇشۇنداق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ قېرىنداشلارنى غەۋغا -تۈكۈرۈك ئۇرۇشلىرىغا مەجبۇرىي سۆرەش ھەقىقىي پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئىناقلىققا ھەممىدىن بەك ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان خەلقىمىز ياشلىرىنىڭ دائىملىق ئىشى بولۇپ قالمىسا بولاتتى. مادىرد مەستانىلىرى شاتلىنىشقا ھەقلىق، ئەمما شۇ شاتلىق ئىچىدە يۈرۈپ يەنە غەۋغانى ئىزدەش بىھاجەت، بارسېلونا مەستانىلىرىمۇ بۈگۈن ئىنكاس يازغاندا ئوبدان ئويلىشىپ يازارسىلەر، چۈنكى مەغلۇبىيەت ۋە غالىبىيەت ھەرقانداق كوماندىنىڭ بېشىدا بار. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|