ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2460 |
تۆھپىسى: سەر |
|
خېنەننىڭ مۇسابىقىللىرىگە خېلى دىققەت قىلىمەن .
مۇسابىقىدىن ئاۋال ئىككى تەرەپنىڭ مۇسابىقىگە چۈشۈدىغان ئاساسلىق ئەزالىرى ئىچىدە ئابدۇۋەلى ياكى مىرئەخمەت بوپ قالسا قالدۇرماي كۆرىۋاتىمەن . ئابدۇۋەلىنىڭ ئاساسلىق ئەزا ئورنى خېلى مۇقىم،بىراق مىرئەخمەتكە تازا پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ .
مۇسابىقە كۆرۈش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم : ئابدۇۋەلىنىڭ مۇداپىيەسى ئىنتايىن ياخشى ، پۇت سېلىشلىرى، توپ بۇزۇشلىرى،بىرگە بىر مۇداپىيە قىلىشلىرى ، ھاردىم دېمەي توختىماستىن يۈگىرەشلىرى ، ھەرمەيداندىكى تۇراقلىق ئىپادىسى ... قاتارلىقلار ناھايىتى ياخشى ئىكەن .
ئابدۇۋەلى ھەرمەيداندا ناھايىتى تۇراقلىق ، بىراق بىرە مەيداندا دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسىل ئىپادىسىنى كۆرەلمىدىم ( بىرە مەيداندا ھالقىلىق توپ ئۇرۇپ كوماندىنى غەلبىگە باشلاش ، ياكى بىر قېتىملىق قارشى تەرەپ ھۇجۇمىنى تۇسۇپ كوماندىنى مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇش... قاتارلىقلارغا قارىتىپ دەۋاتىمەن . ) يەنە بىر نوقتا ئابدۇۋەلى مۇداپىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ھۇجۇمغا قاتنىشىشى تازا يىتەرلىك ئەمەستەك ھىس قىلدىم . خېنەننىڭ ھۇجۇمىدا ئوتتۇرا مەيدانچىللىرى سول يولغا ( ئابدۇۋەلى تەرەپكە) توپ بۆلەي دەپ قارىسا يان يولدا ئادەم يوق .... ھازىرچە ھىس قىلغانلىرىم مۇقشۇنچىلىك .  |
|