elan ornielan orni
كۆرۈش: 1144|ئىنكاس: 22

راكىتادەك ئۇيغۇر پۇتبولچى ئابدۇۋەلى ئابلەتنىڭ كۆرۈنۈشلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qimbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-16 17:20  

چىمبۇلاق تورىمىز تەييارلىغان ئابدۇۋەلى ئابلەتنىڭ خېنەن جىيەنيە كۇلۇبىدىكى يەنى 2016- يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 2- ئايلانمىسىدىكى كۆرۈنۈشلىرى

فىلىمنى قويۇش كۇنۇپكسىنى بېسىپ قويۇڭ . فىلم سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە يەنى 1080P بولۇپ ، فىلىمنى كۆرگەندە تور سۈرئىتىڭىز يار بەرسە 清晰度 دىگەننى 1080P غا توغۇرلاپ ئەڭ سۈزۈك 蓝光ھالەتتە كۆرسىڭىز بولىدۇ !

بۇ ئايلانمىدا خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىدىكى مۇداپىيەچى ماھىرىمىز ئابدۇۋەلى ئابلەتنىڭ بۇ ئايلانمىدىكى تېز سۈرئەتتە بۆسۈپ كىرىش ، پاس چىقىرىش قاتارلىق كۆرۈنۈشلىرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتىپ ، جۇڭگونىڭ ئاجىز ھالەتتىكى سول بېكىنىڭ ئورۇنىنى تولۇقلىيالايدىغان ماھىر دىگەن باھالىرىغا ئېرىشتى ، بەلكىم ئابدۇۋەلى ئابلەت مۇشۇ ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ ماڭالىسا دۆلەت كوماندىسى ۋە چەتئەللەردە توپ تېپىش پۇرسەتلىرىنى يارىتالىشى مۆمكىن ، بىز ئۇنىڭغا ئامەت ۋە ئۇتۇقلار تىلەيمىز !

يانفۇندا كۆرۈش ئادېرىسى :
يانفوندا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ!



1.jpg

ئىسم - فامىلىسى : ئابدۇۋەلى ئابلەت
تۇغۇلغان ۋاقىتى : 1987. يىلى 4- ئاينىڭ 14- كۈنى
يۇرتى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قاراماي شەھىرى
بوي ئېگىزلىكى : 176 سانتېمىتىر
بەدەن ئېغىرلىقى : 63 كىلوگىرام
پۈتتۈرگەن مەكتىپى : شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى
كەسپى : كەسىپى پۇتبولچى
كوماندىسى : خىنەن جىيەنيە كۇلۇبى
ئىلگىرىكىسى : شىنجىن قىزىل ياقۇت كۇلۇبى
شەخسى بىلوگى :http://weibo.com/wali0414

2.jpg

قاراماي خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ، كېلىشكەن ئۇيغۇر
پۇتبول چولپىنى ئابدۇۋەلى ئابلەت پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان
قاراماي شەھىرىدە كىچىكىدىن باشلاپلا پۇتبولغا ھېرىسمەن
بولۇپ چوڭ بولغان ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىغا ئالاھىدە
قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن پۇتبول كەسپى بىلەن سېستىمىلىق
تەربىيىلىنىپ ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇردى .
3.jpg
ھازىر خىنەن جىيەنيە كۇلۇبىنىڭ ئاساسلىق توپچىسى بولغان ئابدۇۋەلى
ئۆزىدىكى تالانت ۋە ئىقتىدار بىلەن كەڭ كەسىپداشلار ۋە كۇلۇبداشلىرىنىڭ
ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى ، ئىشىنىمىزكى ئابدۇۋەلىمۇ داۋاملىق تىرىشىپ خەلقىمىزنىڭ ياش پۇتبول مايسىلىرىغا
ئۈلگە بولغىدەك ئېسىل پۇتبولچى بولۇپ قالىدۇ .

چىمبۇلاق تورىمىز ئابدۇۋەلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا زور ئۇتۇقلار تىلەيمىز !
ئىھتىرام بىلەن : چىمبۇلاق تورى تەنتەربىيە دۇنياسى قانىلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-16 16:26:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىماي خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمۇ ياكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمۇ؟ مەن خوتەنلىك تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ۋە ھەرقانداق بىرلەشمىدە توپ تىپىپ يۈرگەن ئوغلانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈپتىمەنيا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 16:35:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  يېشى  29。غا  بېرىپ  قاپتۇ  دە    تېخىمۇ ئۇتۇق قازانغىن ئاكا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-16 16:36:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىمجان يوللىغان ۋاقتى  2016-3-16 16:26
قارىماي خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمۇ ياكى ئۇيغۇر خەلقى ...

بىزمۇ خوتەنلىك ئەخمەتجاندىن ئوخشاشلا پەخىرلىنىپ يۈرىمىز ...
قۇسۇر تاپماي ھوزۇر تېپىڭ قېرىنىشىم !

بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان قاراماي خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى دىگىنىمىز ، قارامايغا بېرىپ ئابدۇۋەلىنىڭ ئىسمىنى چىقارسىڭىز بىلىسىز، ئۇ مەكتەپتە ئەلاچى ئوقۇغۇچى ، ئەخلاقتا ، تەنتەربىيەدە ھەممىدە ھەتتا ساز - مۇزىكىلاردا ناخشا ئىيتىشلاردا ھەممىگە ئۈلگە قىلىنغان بالا ،
شۇڭلاشقا قاراماي خەلقى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ باللىرىغا ئابدۇۋەلىدەك ئەخلاقلىق ياخشى چوڭ بولۇڭلار دەيمىز دىگەن ، ئىدى شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق يىزىلغان ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇر يىگىتى ، يالغۇز شىنجاڭدىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقانداق ئۇيغۇر ئۇنى تونىسا پەخىرلەنسە بولىۋىرىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 16:48:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلەت كوماندىسدا ئۇيغۇر بولماسلىق تارىخىغا ئابدۇۋەلىنىڭ خاتىم بېرشىنى ئۈمۈت قىلمە
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 16:51:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچان ئەخلاقلىق يىگىت ،مىكرو بىلوگدا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 16:54:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانزاد1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-16 17:38  

( ، يېقىندا بۇ كۇلۇب دەرىجە ئۆرلەش ئالدىدا تۇرماقتا)  مۇشۇ قۇرلارنى چۈشىنەلمەي قالدىم. ئ‍الدىنقى يىلمۇ خىنەن كوماندىسىنىڭ مۇسابىقلىرىنى خىلى كۆپ كۆرگەن ئىدىم. ئابدۇۋەلى بىر قىتىملىق قىززىققانلىق بىلەن ئاساسلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان. مانا بۇ پەسىل ئاساسلىق ئەزا بولۇپ، بىزلەرگە ۋە پۇتبولخۇمارلارغا ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلغۇسى!!!!!
چىمبۇلاق بۇرادەر تىمىڭىزغا رەھمەت.  رايۇنىمىز تەنتەربىيەسى ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرۋاتسىز. ئاددى خەتتە بولسىمۇ سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن خاتىرجەملىك ۋە بەرىكەت تىلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 16:57:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاپا بولماي،  يانفۇندا كۆرۈش ئادرىسىنى تەھرىرلەپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن. ياكى  ئۇلانما ئادرىسى بولسىمۇ تىلفۇندا كۆرسەك دىگەن ئۈمۈدتە مەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 17:03:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ۇ راستىنلا  ئ‍ەخلاقتا   ۋە مىجەز خارەكتىر جەھەتتە  باشقىلارغا  ئ‍ۈلگە بولالىغۇدەك   توپچى .    جۇڭگۇچىلىقتا   مۇداپىئە ئ‍ورنىدىكى تاللاش كۆپرەك   پەرەڭلەر بولدىغان .   ئ‍ىشىنىمىزكى  ئ‍ابدىۋەلى  بىزدىكى ئ‍ارتۇقچىلىق  بولغان تەن ساپاسى  ،تىرىشچان روھى ئ‍ارقىلىقمۇ     بۇ ئ‍ورۇندا     مەزمۇت  پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ .     ھىس قىلىشىمچە   ئ‍ابدىۋەلى   تەتۈر كىرايدىنمۇ ئ‍وت چىقىرۋەتكۈدەك  سەۋىيەدە ئ‍ىدى . بوپتۇ ،  قەيەرنى ئ‍وينىسۇن ئ‍اساسلىق  بولۇپ   چاندۇرماي ئ‍ويناپ  كىتەلىگىنىمۇ   بىر تالانىت !      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 17:05:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدىغان بالا بۇ  مىجەزىمۇ ئ‍ىسىل   بىراق ياشمۇ چوڭىيىپ قاپتۇ    بولسا  دۆلەت كۇماندىسىغا تاللىنىپ بىر قانچە يىل ئ‍وت چىقرىۋەتسە بۇلاتتى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-16 17:21:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-16 16:54
( ، يېقىندا بۇ كۇلۇب دەرىجە ئۆرلەش ئالدىدا تۇرماقتا)  مۇ ...

كەچۈرسىز ،تەھىرلەش جەريانىدا مەسېلە كۆرۈلۈپتۇ ، تولىمۇ ياخشى بولدى ، ئۆزگەرتىپ قويدۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 17:28:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا  بىر نەچچە يىل دۆلەت كوماندىسىدا   ئ‍وينىۋەتسە بۇلاتتى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 04:13

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش