ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2404 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بارسىلونانىڭ يەنە بىر تاكتىكىسى بار ، توپنى توختىماي كونتىرول قىلىدۇ ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 70 مىنوت ئەتراپىغا كەلگەندە بارلىق كىشىلەردە ھەتتا مەستانىلەردىمۇ بارسىلونا ھېرىپ قالدى دىگەن سېزىمنى پەيدا قىلىدۇ . شۇنداق قىلىپ قارشى تەرەپ كۇماندا ئەزالىرىمۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بارسىلوناغا توپ كىرگۈزۈشنى ئويلايدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار قاپقانغا دەسسەپ بولغان بولىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا بارسىلونا ئامال قىلىپ ئالدىدىكى ئۈچ نەيزىگە توپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ، توپ كىرىدۇ ، قارشى تەرەپ ئەزالىرى بۇ چاغدا بارسىلونانىڭ تەلىيى كەلدى ، تۇيۇقسىز توپ چىكىتىپ قالدى ، بىز ئۇلارنى بىسىۋالغان تۇرساق دىگەن تۇيغۇدا بولۇپ قېلىپ تېخىمۇ تەلۋىلەرچە ھۇجۇم قىلىش يولىنى تاللايدۇ ، بۇ چاغدا بارسىلونا يەنە ئۇزۇن پاس تاشلاپ مۇداپىئەسى قالمىغان قارشى تەرەپكە يەنە بىرتوپ ئۇرىدۇ . مانا بۇ مەن چۈشەنگەن تاكتىكا . بولۇپمۇ مۇشۇ قېتىم ئارسىنال بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم . |
|