elan ornielan orni
كۆرۈش: 1374|ئىنكاس: 32

بارسېلونا مەغلۇپ بولمامدۇ ……?

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


             image.jpg

                                               يېقىندىن بۇيان بارسېلونانىڭ ئىپادىسى پەۋقۇلئادە ياخشى بولۇپ ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەر بولۇپ 35 مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك رىكورىتنى ياراتتى ……

ئۇنداقتا بارسېلونانى مەغلۇب قىلىش مۇمكىن ئەمەسمۇ ? ياق دۇنيادا يىڭىلمەيدىغان كوماندا يوق !شۇڭلاشقا بىز ھازىر بارسېلونانى قانداق قىلغاندا مەغلۇب قىلغىلى بولىدىغانلىق توغرىسدا سىلەر بىلەن ئازراق مۇنازىرلىشىپ باقماقچى ……

ئېنرىك بارلىققا كەلتۈرگەن بارسېلونا ئەشەددى كۈچلىنىپ كەتكەن بولۇپ دۈشمەنلىرىنى جۈملىدىن مادرىدنى 4-0  ,رىمنى 6-1  دىگەندەك “نومۇسلۇق ”نەتىجىلەرنى ئۇلارغا ئارتىپ قويغان بولۇپمۇ خانلىق مادرىدنى 4-0 مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن پۇتبول دۇنياسى زىل-زىلگە كىلىپ خانلىق مادرىدقا سىرىتقى دۇنيادىن زىمىستان سوغۇقتىكى شامالدەك ئىنكاسلار يېغىپ كەتكەن ,شۇڭلاشقا مەن ئاددى بولسىمۇ بارسېلونانىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش جەريانىدا بايقىغان يوچۇقلىرىمنى ھەرقايسى مۇنبەرداشلار بىلەن ئىلمى مۇنازىرە قىلىپ باقماقچى ……


         image.jpg

ئېنرىك يىتەكلەۋاتقان بارسېلونا بىلەن گوئادىلو يېتەكلىگەن بارسېلونانىڭ پەرقى :
ئېنرىك يىتەكلەۋاتقان بارسېلونانىڭ جەڭ تاكتىكىسى ناھايىتى بىۋاستە يەنى توختىماستىن توپ كونتىرول قىلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ,گوئادىلو يىتەكلىگەن بارسېلونا بولسا خاۋى ,ئىنىستا ,بۇسكىسنى يادرو قىلغان ئاساستا قۇرۇلغان ,بىراق ئېنرىك يىتەكلەۋاتقان بارسېلونا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۈچ نەيزە -نېمار -سۇيارىز ,مېسسى ھۇجۇم سېپىنى يادرو قىلغان ……

ئېنرىك يىتەكلەۋاتقان بارسېلونا بىلەن گوئادىلو يىتەكلىگەن بارسېلونا ئوخشاشلا ناھايىتى تەس مەغلۇب بولىدۇ ,بىراق نەزرىمىزنى ئېنرىك يىتەكلەۋاتقان بارسېلوناغا قاراتساق ھازىرقى بارسېلونا تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كوماندىلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان شۇڭلاشقا سابىق تېرنېر گوئادىلونىڭ ھازىرقى بارسېلونانى ماختىشى ئۇنچىۋالا ھەيران قالغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس ,ئەمىلىيەتتە2009 -يىلدىن باشلاپ  7-يىلدا 5-تال بىرلەشمە لوڭقىنى ئالغان بارسېلونا ھەقىقەتەن خانلىق مادرىدتىن قالتىس ئىدى ,سابىق خانلىق مادرىد تېرنىرى خوئەنىد -راموس ئىقرار قىلىپ “بىز ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك پۇرسەت يارتىپ رەقىبىمىزگە زەربە بېرشىمىز كېرەك !لىكىن بارسېلونا ھەقىقەتەن خانلىق مادرىتتىن ئېشىپ كەتتى ”دىگەن ,ئۇنىڭدىن ئاللىقاچان 7 يىل ئۆتۈپ كەتتى ۋە ھازىرقى بارسېلونا ھەقىقەتەن تەسۋىرلۈگسىز كۈچلىنىپ كەتتى ……

1.{يۇقرى ھالەتتە ئارقا سەپكە بېسىم قىلىش }

بارسېلونانى ئەڭ ئەنسىرتىدىغان نەرسە دەل  ئارقا سەپتىكى مۇداپىئەچىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ توپ  كونتىرول قىلىۋاتقان ۋاقىتتا قارشى تەرەپ ئۇلاردىن توپنى تارتىۋېلىشى.

بارسېلونانىڭ مۇداپىئە سېپى ئوتتۇر مەيداندىن ھالقىپ ئۆتكەندىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا tiki-taka ئارقىلىق ئەركىن ئازادە چېپىپ يۈرۈيدۇ مانا مۇشۇخىل ئەھۋال قارشى تەرەپنىڭ بارسېلونادىن توپنى تارتىۋېلىشىغا ناھايىتى كەڭرى بوشلۇق تەييارلاپ بېرىدۇ, ئالدىنقى قېتىم سېرتا بارسېلونانى 4-1 مەغلۇب قىلغان ۋاقىتتىكى ئىككىنچى توپ دەل مۇشۇخىل ھالەتتە ئۇرۇلغان  ……

         image.jpg

2.{قىستاپ توپ تالىشىش ئېڭىنى ساقلاپ قايتارما ھۇجۇم قىلىش }

ئالدىنقى يىلى ئەنچېلوتى بارسېلونانى قانداق مەغلۇب قىلغىنى ئىسىڭىزدە بارغۇ دەيمەن ……

ئالدىنقى يىلى خانلىق مادرىد بارسېلونانى 3-1 مەغلۇب قىلدى——ئىتالىيەلىك تېرنېر ئوتتۇر مەيدانغا كىروس ,مۇدرىچ,خامىسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارغا مۇنداق ۋەزىپە تاپشۇردى :قىستاپ توپ تالىشش ئېڭىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئۆز -ئارا ماسلىشىپ ئالدىنقى سەپتىكى توپچىلارغا بىخەتەر توپ يەتكۈزۈپ بېرىڭلار ,ئۈچ  ئادەم بارسېلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تۇلۇق ئورۇنداپ بېنزىما ,رونالدو ,ئىسكولارغا ئۆلچەملىك پاسلارنى يەتكۈزگەن ……

    image.jpg


3.{ئوتتۇر مەيدانغا سەل قارىماسلىق }  

يەنە شۇ ئالدىنقى يىلى ئەنچىلوتى بارسېلونانى مەغلۇب قىلغان كۆرۈنۈشكە قايتىپ باقايلى ……

ئەنچىلوتتى بارسېلونا توپ كونتىرول قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئىسكونى ئوتتۇر مەيدانغا قايتىپ 4نەپەر ئوتتۇر مەيدان سەپ شەكلى قۇرۇپ خانلىق مادرىدنىڭ ئوتتۇر مەيداندىن باشلاپ بارسېلونانى قىستاپ توپ تالىشىقا ئورۇنلاشتۇرغان ,بىراق يېقىنقى بارسېلونا مادرىدنى 4-0 مەغلۇب قىلغان ۋاقىتتا بولسا سابىق تېرنېر بېنتىز ئىسكو بىلەن ئۇسلۇبى قارمۇ-قارشى بولغان بېلنى قويۇپ ئوتتۇر مەيدان بىلەن ھۇجۇم ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ خىل ئەھۋال ئەينى ۋاقىتتىكى سابىق تېرنېر بېنتىزنىڭ ئۇزۇن پاس بىلەن رەقىبىنى يەرچىشلىتىش تاكتىكىسنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ ……


    image.jpg

4.{تولۇپ تاشقان سەبىر }


بارسېلونا ئادەتتە رەقىبىنىڭ ئۆزىگە قايسى خىل جەڭ تاكتىكىسى بىلەن تاقابىل تۇردىغانلىقىغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ ,ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنى بىز مەيداننىڭ ئىگىسى دەپ قارايدۇ شۇڭلاشقا سىز بارسېلونا بىلەن تۇتۇشقان ۋاقتىڭىزدا ئۇلارنىڭ بۇ خىل توپ كونتىرول قىلىش ئىمتىيازىغا  ئىددىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ تولۇپ-تاشقان سەبىر بىلەن تۇرشىڭىز لازىم …

بىز بۇ يىل ئىككىنچى ئايغا قاراپ باقساق مالاگا نوكەمپودا  27%توپ كونتىرول قىلىش نىسپىتى بىلەن بارسېلونانى مەغلۇب قىلغان ,مالاگا ئەينى ۋاقىتتا بارسېلوناغا تاقابىل تۇرىدىغان قەدىمى ئۇسۇلنى قوللانغان يەنى 2010-يىلى مورىنھو تېرنىېلىق قىلىۋاتقان خەلقارا مىلەننىڭ بارسېلونانى مەغلۇپ قىلغان ۋاقىتتىكى تاكتىكىسىنى قوللانغان …

ئېنرىك مالاگادەك بۇ خىل كوماندىنى مەغلۇپ قىلىشنىڭ ناھايىتى تەس ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ :مەن بۈگۈننىڭ بىر ساۋاق بولۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن بىراق مىنى دىيىشكە مەجبۇر قىلغىنى بۇ خىل ئەھۋال ھازىر بىرخىل ئادەتكە ئايلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ ,قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسى ناھايىتى تار بولدى بىز ئۇلاردىن يوچۇق تاپالمىدۇق ”  دىگەن ……

5.{بۇسكىسقا ياخشى قاراش}

بۇسكىس ئاساسەن بارسېلونانىڭ پۈتۈن سېستىمىسىغا سىڭىپ كىرىپ كەتكەن ,ئادەتتە ئۇ ناھايىتى كۆپ توپ كىرگۈزمەيدۇ ناھايىتى كۆپ پاس چىقارمايدۇ بىراق مۇسابىقىدە ئەڭ مۇھىم شەخىسنىڭ رولىنى ئوينايدۇ ,ئالدىنقى قېتىم بارسېلونا رىمنى قىرغىن قىلغان ۋاقىتتا بۇسكىسنىڭ 70 قېتىم چىقارغان پېسىنىڭ 67 ئوڭۇشلۇق بولغان ——يەنى مەيداندىكى ئەڭ مۇكەممەل پاس يەتكۈزگەن توپچى بولغان ,بۇسكىس ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاش مۇھىم بولۇپمۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدە مەخسۇس بىر ئادەمنى بۇسكىسقا قاراشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇنىڭ پۈتۈن كوماندا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاجىزلىتىش ئەڭ مۇھىم ……



          image.jpg

مەن ئۆزۈم بىر مادرىد مەستانىسى بولساممۇ لىكىن بارسېلونانىڭ مۇسابىقىسىنى مەيلى كېچە بولسۇن ياكى كۈندۈز بولسۇن تاشلىماي كۆرىمەن چۈنكى مەن پۇتبولنى تېخىمۇ مۇكەممەل چۈشەنمەكچى مۇكەممەل چۈشىنىش ئۈچۈن بارسېلونانى تاللىدىم ئۇلاردىن پۇتبولنىڭ بەزى ماھىيەتلىرنى تېخنىكېلىرنى ئۈگەندىم لىكىن مەستانە بولۇش ئۈچۈن مادرىدنى تاللىدىم بۇ خۇددى ئۇستاز بارسېلونا بولسا دوسىت مادرىد بولغاندەك بىر ئەھۋال
شۇڭلاشقا ئۆزۈم ھېس قىلغان بەزى تاكتىكىلارنى سىلەرگە
سۇندۇم !!!

   

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
kamalt + 50 قالتىس!
باتىستۇتا11 + 50 ئۆتكۈر پىكىر!!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-4 23:54:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچتىكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-4 23:55  

بۇلارنىڭ كۈنىمۇئاز قالدى   ڭىھ ڭىھ  سۈپ سۈپ .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 23:57:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچتىكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 23:54
بۇلارنىڭ كۈنىمۇئاز قالدى   ڭىھ ڭىھ  سۈپ سۈپ  .....

ئۇتتۇرۇپ دەرىجە چۈشۈپ كەتسەكمۇ ئىشقىلىپ دېربىدىن چاتاق چىقارمايمىز...




ئويۇندا بار بولساڭلا ئوينايلى بىردەم...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 23:57:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇدۇن بۇرادەر بارسىلونانى خېلى چۈشۈنۈپ قاپسىز ئامال  بولساخەتلەرنى سەل چوڭلىتىپ ، رەڭگىنىمۇ ئۆزگەرتىپ  قايتا سۇنسىڭىزكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 23:59:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-5 00:00:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەھلىل قىلىپسىز ، ئەتراپلىق بولۇپتۇ .  مىنىمۇ ئىسقىلغىنىم بولسا سەۋىر قىلىش ، مادرىد سەۋىر قىلىش روھىنى يىتىلدۈرۈش ، ئالدىراپ بالقويۋەتمەسلقك ،  بارسىلونانىڭ سەۋىرقىلىش ئاخىرغىچە ئۈمۈدۋار بولۇش روھىنى ، كۈچلۈك بىسىم ئاستىدا ، ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ   پۇتۇن دۇنيانىڭ دىققىتى ئاستىدا ، يۇقىر نۇمۇر پەرقىدە ئارقىدا قالغاندىمۇ بوشاسماي ، ئۈمۈدسىزلەنمەي ئۆزنىڭ ئەڭ ياخشى بولغان ھالىتدە ئۆز رولنى جرىئي قىلدۇسا مادرىد بارسىلونا ئۈستىدىن غالىپ كىلەلەيدۇ قارايمە ،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-5 00:01:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abux10 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 23:57
ئۇتتۇرۇپ دەرىجە چۈشۈپ كەتسەكمۇ ئىشقىلىپ دېربىدىن چات ...

تامغا باسىمىز
ۋاي ئاداش ماكۈنى ئامراق ئادىمدىن 3 نى كۆيدۈرۋېتىپ ئېچىپمۇ باقمىدىم ، خوش ياقماس بوپ كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-5 00:03:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىسلونا كۇلۇبى مېنىڭچە بۇ يىلمۇ لوڭىلارنى سۈپۈرۈپ مېڭىشى مۇمكىن ، ئەمما مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان كوماندا يوق ، بارىسلونامۇ شۇنىڭ ئىچىدە ، ئەمما ياخشى يىرى 3 شەمشەر بىلەن بوسكىسنىڭ يارلانماي كىتىپ بېرىشى ، ئەگەر 3 شەمشەردىن بىرەرسى كەم بوپ قالسىمۇ بەك تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمما بوسكىس يارلانسا بارىسلونانىڭ ئارقا سەپ ۋە ئوتتۇرا مەيدان ھەقىقەتەن قالايمىقانلىشىپ كېتىدىكەن ،، ، شۇڭا ئۈمۈدىم ماسچىرانو ، بوسكىس مېسسى مۇشۇ ئۈچىنىڭ يارلانماي تۇرۇپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ، قالغان قىسىمدىن  1دىن  2دىن ئادەم چۈشۈپ قېلىپ ئورنىغا ئادەم سەپلەنسىمۇ ئانچە چېنىپ كەتمەيدۇ..  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-5 00:05:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچتىكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 00:01
تامغا باسىمىز
ۋاي ئاداش ماكۈنى ئامراق ئادىمدى ...

شۇ يېقىننىڭ ياقى قېنىڭلىنىڭ قىززىق بولۇپ كېتىۋاتقىنى بىكا ئەمەسكەندە....
سەۋىر قىلىڭلا ئاداش ئويۇننى تاپقىنى بولىدۇ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-5 00:08:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسانىڭ بۇھالىتىدە مادىردنى قوشمىغاندا بىرلەشمىدە ئۇتتۇرشى تەس ، بىرلەشمىدىكى مۇسابىقىلىشىدىغان باشقا كوماندىلارنىڭ بارسا بىلەن كۈچ ئېلشمىغۇ تېخىمۇ تەس .  ئۇزغۇنلۇقتا ئارسىنالنى بولمىغاندا تەڭلىشىپ بارسانىڭ ئۇدا يېڭىش قەدىمنى توختا مىكىن دىسەم ...

بىرلەشمىدىكى باسا بىلەن ئوينايدىغان كوماندىلاردىن ۋالۇنسىيە بىلەن سەرۋىلىيە ئۆتكۈلىدىن ئۈتۈپ كەتسە ، باشقىسىنى جايلايدۇ. ‹‹ شەخسىي قاراش››
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-5 00:11:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سالچىلار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-5 00:14  

بارىسلۇنامۇ مەغلۇپ  بولىدۇ،لىكىن قاچان بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ،مەن مۇنداق قارىسام،مۇنبەردىكى بالىلارنىڭ بەكرەك ئارزۇسى ئوخشايدۇ،مۇشۇ بالىلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن بولسىمۇ،بارىسلۇنا بىر مەغلۇپ بولە،مۇشۇ قېرىنداشلىرىم خوشال بولسۇن…لىكىن مىنىڭ گىپىمنى بارىسلۇنا يۇقىرى قاتلامدىكىلەر كىم يەتكۈزۈپ قويىدۇ،گەپ مۇشۇ يەردە…ھى ھى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-5 00:16:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا  ……ماۋۇ  تاكتىكىلارنى   ئىسپانچىغا تەرجىمە   قىلىپ  بىرەر   دۈشمەن  كۇلۇب   بىلىۋالسا    بارسىلونانىڭ   تۈگەشكىنى  شۇ  .    مېنىڭچە بارسىلوناننىڭ   مۇداپىئەسى   بىر  ئاز  ئاجىز  ،  ھۇجۇم   كۈچىنىڭ  يۇقىرىلىقى   بۇ  ئاجىزلىقنى  يېپىپ كەلدى  دەپ  قارايمەن …  ئەڭ  چاتاق يېرى  ئۇزغۇنلۇقتا    تېرىستىگىننىڭ   يەكمۇ يەك   كەپ  قالغان توپلارنى   ياخشى  بىر  تەرەپ  قىلالماسلىقى  ، مەن  مۇشىنىڭدىن  بەك   ئەنسىرەيمەن ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-10 13:25

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش