ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 277 |
تۆھپىسى: سەر |
|
نىمىلا دىگەن بىلەن بەزى ساختىلىقلارمۇ ھەقىقەتەن يۈز بەردى.ساختا توپ ئويناش ئەھۋاللىرى بەكلا ئىغىر.مەسلەن:يەكەن ئىككى ئۇتۇپ ئىككى ئۇتتۇرۇپ 6نۇمۇر،يىڭىشەھەرئىككى تەڭلىشىپ بىر ئۇتۇپ5نۇمۇر،قەشقەر بىر تەڭلىشىپ ئىككى ئۇتۇپ7نۇمۇر.ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە قەشقەرنىڭ ئەمەلى كۈچى كۈچلۈك بولسىمۇ مەقسەتلىك يەكەن كوماندىسىنى قالدۇرۇپ قويۇپ،يىڭىشەھەر كوماندىسىنى گۇرۇپتىن بىللە ئىلىپ چىقىپ كىتىش ئۈچۈن،مەقسەتلىك يىڭىشەھەرگە 3دە2نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ بىرىپ قەشقەر گۇرۇپتىن ئىككىنچى،يىڭىشەھەر بىرىنچى بولۇپ چىقتى.يەكەن نۇمۇر پەرقى ئاز بولغانلىقتىن گۇرۇپتا ئۈچىنچى بولۇپ قىلىپ 5-لىكنى تالىشىپ،كوناشەھەر ناھىيسىنى 4دە1ئۇتۇپ 5-بولدى.قەشقەر بىلەن يىڭىشەھەر يىرىم ھەل قىلغۇچتا ئۆز رەقىبلىرىدىن يىڭىلىپ 3-لىكنى تالىشىش جىڭىدە يەنە بىر قىتىم ئۇچراشتى.لىكىن بۇ قىتىم ئەھۋال ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ.ھەقىقەتەن قەشقەر كوماندىسى يۇقىرى ئۈستۈنلۈكتە يىڭىشەھەرنى يىڭىپ 3-بولدى.بۇيەردە دىمەكچى،قەشقەر ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولسىمۇ، گۇرۇپ مۇسابىقىدەساختا توپ ئويناپ يىڭىشەھەرگە ئۇتتۇرۇپ بىرىپ،يەنە بىر كوماندىىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتتى.يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە،يەنى پوسكام بىلەن مەكىتنىڭ مۇسابىقىسىدە،مەكىت ساپ توپ يۇقىرى پەرىق بىلەن مارالبىشىدىن ھالقىپ گۇرۇپتىن 1-بولۇپ چىقىش ئۈچۈن ساختا توپ ئوينىدى.80 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 17توپ يەيدىغان بۇنداق ئاجىز كوماندا بولامدۇ؟ھەل قىلغۇچتا مەكتنى 3دە1نەتىجە بىلەن يەڭگەن مارالبىشى كوماندىسىمۇ 12توپ ئۇرغان كوماندىنىڭ 17توپ يىيىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ.ئاخىرىدا دىمەكچى بولغىنىم،شىنجاڭ پۇتبولىنى تەرەققى قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز بۇنداق كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ ساختا توپ ئوينايدىغان قىلمىشلاردىن يىراق تۇرساق........ |
|