ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 11337 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بارچۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-1 22:19
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قەشقەر ۋىلايىتى 4-نۆۋەتلىك دىھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىدە ئۆتكۈزىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ۋىلايەتلىك پارتىكوم ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ قوللىشى ئاستىدا غەلبىلىك داۋاملىشىپ ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
پۇتبول تۈرىدە ھەر قايسى كۇماندىلار گۇرۇپپا مۇسابىقىللىرنى تۈگۈتۈپ بۈگۈن يېرىم ھەل قىلغۇچ ئاخىرلاشتى.
ئا گۇرۇپتىن: مەكىت ناھىيە (ساپ توپ ئۈستۈن بىرىنجى بۇلۇپ چىقتى)مارالبېشى ناھىيە، يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن
ب گۇرۇپتىن: يېڭى شەھەر، قەشقەر شەھرى يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن
يېرىم ھەل قىلغۇچ نەتىجە
مەكىت ناھىيەسى 1-0قەشقەر شەھرى
مەكىت ناھىيەسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى مۇداپىيەسى پەۋقۇلاددە ياخشى كۇماندا گۇرۇپتا سايىپخان مارالبېشى بىلەنمۇ تەڭلەشكەن بۇ مۇسابىقىدە يەنىلا مۇداپىيە قايتۇرما ھۇجۇم ئويناپ كىيىنكى مەيداننىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىردا ئالىم مەكىتنىڭ تەپكەن توپىنى ۋارتار تۇسىۋالغان بولسىمۇ سەبدىشى ئۈلگۈرۈپ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ شۇ توپ بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، قەشقەر كۇماندىسى ھەل قىلغۇچ ئويناشتىن مەھرۇم قالدى، مەكىت كۇماندىسى ھەل قىلغۇچقا كىردى
مارالبېشى ناھىيە 4-0يېڭى شەھەر ناھىيە
ئالدىنقى مەيداننىڭ ئاخىردا سابىق دۆلەت قۇملۇق كۇماندىسىدا توپ تەپكەن ئىلھام ئىختىيارى توپ ئۇردى، كىيىنكى مەيدان سول ئۇچار قانات ئەكبەرنىڭ بۈسۈپ كىرىپ ئۈچ پاس بىرشى بىلەن مارالبېشى كۇماندىسى ھەل قىلغۇچقا كىردى
ئاخىرقى جەڭ
ئەتىگەنلىككە سەھەردە 5-6-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى سائەت 10دا قەشقەر بىلەن يېڭى شەھەر 3-4-لىكنى تالىشىدۇ
ھەل قىلغۇچ ئەتە يەنى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كىيىن مارالبېشى ناھىيەلىك پۇتبول مەيدانىدا ئوينىلىدۇ
مارالبېشى ناھىيە - مەكىت ناھىيە (دۇلانلىقلار دىربىيسى ھى ھى)
يىراق يېقىندىكى دوسلارنىڭ كىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
|
|