elan ornielan orni
ئىگىسى: تەمكىن

خانلىق مادرىدتىكى مەسىلە زادى قەيەردە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-1 23:57:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھازىرىقى  مادىرىدنى  مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئىككى نۇقتا ئەڭ ئىچىنىشلىق ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى دىيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ بىرىنچىسى، رەئىس پىرىزنىڭ ئالدىراقسانلىقى. بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ، رەئىس كوماندىغا ھەرقانداق ئەھۋالدا يىڭى مەشقاۋۇل ئەكەلسۇن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئويلىغىنىنى قىلالىشى، رەقىبلىرىنى بىر-بىرلەپ مەغلۇب قىلىپ بېرەلىشى شەرىت. بۇنى ئويلاپ باقساق، ھەرقانداق مەشقاۋۇل قىسقا مەزگىل ئىچىدە بۇنى ئورۇنداپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. سەۋەب شۇكى ھەرقانداق مەشقاۋۇل كوماندىغا يىڭى كەلگەندە كوماندىدىكى ماھىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئورنى، تاكتىكىسىغا چۈشۈش چۈشمەسلىكى توغرىسىدا ئازراق ۋاقىتقا مۇھتاج. شۇ جەرياندا تاللاش ۋە شاللاش ئارقىلىق ئۆز تاكتىكىسىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايدۇ. بۇ ئەھۋال پىرزدەك سودا ئېڭى كۈچلۈك ئادەمگە نىسپەتەن تەتۈر ئېقىمدىن ئىبارەت خالاس.
  ئىككىنچى نۇقتا سەپ شەكلى. بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەب مادىرىدنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىغا قارايدىغان بولساق ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدانلار توشاق. لىكىن ئوتتۇرا مەيدان بىلەن مۇداپىيىنى باغلايدىغان ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىدىن پەقەت كاسمىرودىن باشقا ھىچكىم يوق. شۇڭا مادىرىد جازا ۋاقتى يۈرگۈزگىچە بولغان ئارلىقتا ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنى شاللاش كېرەك. شالللاشتىكى بىرىنچى نىشان  دەل ئېسكو. ئېسكوغا ھىلىمۇ يەرلىك توپچى دەپ جىق ۋاقىت بېرىلدى ئەمدى يىتەرلىك.  ئىككىنچى نىشان كۇۋاچىچ. بۇنىمۇ كۆزدىن يوقىتىش كېرەك. ئاخىرىقى نىشان ئەينەك ئادەمگە ئايلىنىپ ئەينى چاغدىكى روبىنغا ئوخشاپ قالغىلى تۇرغان بېل. ھۇجۇم ئورنىدىن قالايمىقانچىلىقى تولا بېنزىمانى يوقىتىپ ئورنىغا شەمەر ھۇجۇمچىدىن بىرنى ئەكىلىش كېرەك. ئەڭ مۇۋاپىق نامزات لەيۋان، ئۇ بولمىسا توماس موللىرنى ئويلىشىپ باقسىمۇ بولىدۇ. ئوتتۇرا مەيدانغا نىسپەتەن، زىدانى ئۆزىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ قارا مەرۋايىت پوگبانى ئەكىلىپ ئالونسو قالدۇرۇپ كەتكەن بوشلۇقنى تولدۇرۇش كېرەك.  ئىسپانىيىلىكلەرگە ئىجارە بەرگەن ئاسىنسىئونى قايتۇرۇپ ئەكىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا دورا زاۋۇتىدىكى چالخان ئوغلۇنى ئەكىلىش كېرەك. مۇداپىيىدىكى بوشلۇققا نىسپەتەن ئالبىئولانى قولدىن چىقىرىپ، ئوتتۇرا مۇداپىيىنى تىلغا ئالساق، ئىككىنچى كوماندىدىكى ياش ماھىرلارغا پۇرسەت بەرسە بولىدۇ. سەۋەبى: پى پى، راموس، ۋارانىيلارنىڭ بىر-بىرسىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ يەنە بىر پەسىل ئويناپ كىتەلىشىدە گەپ يوق. موناكودىن كونتىراۋنى قايتۇرۇپ كىلىش كېرەك. قاپقىچىلاردىن كاشىلىيانى قولدىن چىقىرىپ، مادىرىدقا كىلىش ئارزۇسى قاتتىق كۈچلۈك بولغان دېھيانى سېتىۋىلىش كېرەك.
   ئاخىرىدا زىدانىنى مەشقاۋۇل دەپ كوماندىنى تۇتقۇزغاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا ئاز بولغاندىمۇ بىر ئىككى پەسىل ۋاقىت بېرىش كېرەك. كىم بىلىدۇ ئۇمۇ ئىككىنچى گۇئاردىئولا بولۇپ قالامدۇ تېخى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
باتىستۇتا11 + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-2 00:26:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنچىلودىنى كەتكۈزۋىتىپ ئەڭ خاتا قىلدى بۇ قېىرى。
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-2 00:31:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  قىرى  گۇيغا  دۇنيادا  ئەڭ  ئۈچ  جۇمۇ  مەن  راھۇل   كاسسىلاس  دەك  تۆھپىكارلارنى  ئۇزۇتۇپ  قويغان  قىرى گۇينى دۇنيامۇ  ئۇزۇتۇپ قويسا  بولاتتى  بارار  جايىغا   
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-2 01:33:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ كەسپىنى قىلغىنى ياخشى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-2 06:15:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ، يازغان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ، بىزدەك يىڭى ئەزالارغا شۇنداق يىقىشلىق تېما بوپتۇ ،
مۇنبەردە كۇندە بىرەر قىتىم مۇشۇنداق نادىرلانغىدەك تېما يوللۇنۇپ تۇرسىكەن دەيمەن ،
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 12:43:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى مادىرىتنى سىغىندىم ئوزىل دىمارىيا  ئالۇنسۇ  زاپاس ئۇرۇندۇقنىڭمۇ كۇچى خىلى باتتى ئازىرچۇ  رۇنالدۇ بولمىسا تۇپ كىرمەيدىغاندەك تۇيغۇ با مەندە مۇشۇ رەئىس يۇقالمىسا ھىچ ئىش بولمايدىغاندەك تۇردۇ  بىزگە پۇل كىرەك ئەمەس ئىسىل مۇسابىقە ئىسىل بولغان ھەمكارلىقلار كىرەك  يۇقال بىرناپۇدىن يۇقال پارازىت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-6 23:23:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ بۇ ئىشلارمۇ تۈگەيدۇ رەئىسمۇ ئالمىشىدۇ بىزدەك مادرىتچى باللارنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت سەۋىرچانلىق بىلەن خانلىق مادرىتغا ھۇررا تولاش ھەم سەمىمىيلىك بىلەن كۈتۈش‹دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە›
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-4-29 14:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش