ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1994 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يىڭى يىل كىرگەن ۋاقىتتا خانلىق مادرىد كۇلۇبى باش مەشقاۋۇل بېنتىزنى ئىشتىن بوشاتتى، شۇنداقلا ئىككىنچى سەپ كوماندىنىڭ مەشقاۋۇلى زىدانىنى باش مەشقاۋۇل قىلىپ سايلىدى، بىراق بۇ تاكتىكا ئۇستىسى دەپ ئاتالغان بېنتىز بولسا ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىغىمۇ قاتناشماي ئۈن تۈنسىزلا بېرنابۇدىن غايىپ بولدى.
ئىككى ئايدىن كېيىن بېنتىز مادرىد ۋە رىم نىڭ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنى چۈشەندۈرىۋاتقان ۋاقىتتا كونا ئائىلىسى بولغان مادرىد ئۈستىدىن سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، لېكىن بۇلار مۇھىم ئەمەس ئىدى، قانداقلا بولمىسۇن خەيىر خوش دىمەي ئايرلىش، مەڭگۈ كۆرۈشمەسلىكتىن ئازاپلىق ئىدى.
ئىسپانىيەلىك بۇ مەشقاۋۇل بارلىق زىدىيەتنى مادرىد رەئىسى فىلورىندىنوغا ئارتىپ قويدى، گەرچە مەينەت گەپلەرنى قىلمىغان بولسىمۇ بىراق بۇ قېتىم ئۆزىنى تۇتىۋالالمايلى قالغان ئىدى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ئۇ بار، ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدىمۇ بار ئىشقلىپ مادرىدقا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئىش بولسا چوقۇم ئۇنىڭ بىر پۇتى بار.
ئۇنىڭدىن كېيىن تاكتىكا ئۇستىسى بېنتىز مادرىدنىڭ بارسىلوناغا يەتمەيدىغان تەرىپىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: سىز يېقىنقى نەچچە يىلدا مادرىدنىڭ ئالماشتۇرغان مەشقاۋۇللىرىنى كۆردىڭىز، كاماچاۋ، بوسىك، پىللىرگىنى، مورىنىئو، ئەنچىلوتى............... بۇ ئورۇندا ئولتۇرىمەن دەيدىكەنسىز، سىز چوقۇم ھەممە ئىشلارنى مۇكەممەل قىلىشىڭىز كېرەك، ئەگەر سىز بىرە ئىشنى خاتا قىلىپ قويسىڭىز ياكى رەئىس سىزنىڭ بىرە ئىشىڭىزنى خاتا دەپ قارىسا ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىشىڭىز پۈتكەن بولىدۇ.
بېنتىزنىڭ بۇ سۆزى مادرىدنى ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىپلا قويماستىن يەنە دۆلىتىزنىمۇ ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى، رەئسىنىڭ مادرىدنى سودا ساھەسىدە بۈگۈنكىدەك كۈنگە ئىرىشتۈرىشى ھەقىقەتەن ياخشى ئىش، بىراق سامان يولى جەڭ كېمىسى نىمە ئۈچۈن بارسىلونا بىلەن ئوخشاش مۇقىم ئىپادىسىنى ساقلاپ تۇرالمايدۇ؟ فىلورىندىنو نىڭ كۇلۇپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى يەنىلا ياخشى ئەمەس، ئەجىبا بۇ تەرىپى جۇڭگۇ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سەيجېنخۇئا غا ئوخشىشىپ كەتمەمدۇ؟
فىلورىندىنو يىتەكلىگەن مادرىد كۇلۇبى سۆلەتكە ئەھمىيەت بېرىپ سامان يولى جەڭ كېمىسنىڭ يولىنى توسىۋاتىدۇ، جۇڭگۇ پۇتبولىمۇ يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن پۇل خەجىلىگەن، نۇرغۇن داڭلىق مەشقاۋۇللارنى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ بىراق جۇڭگۇ ئەرلەر دۆلەت كوماندىسنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟
بەزىلەرنىڭ قارىشىچە مادرىد بارسىلونانى مەغلۇپ قىلىمەن دەيدىكەن ئۇنداقتا فىلورىندىنو چوقۇم ئىشتىن چۈشىشى كىرەك دەپ قارايدۇ، ئەمىلىيەتتە فىلورىندىنو ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا يەنى 2009-يىلى ئۇ ھېچقانداق رەقىبى يوق ھالەتتە بۇ ئورۇندا ئولتۇردى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كىلىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم رەئىس بولىشىنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئاددى يەنى گۇئاردىئولا يىتەكچىلىكىدە ئۈچ شاھ بولغان بارسىلونا كوماندىسىنى توسۇش ۋە مەغلۇپ قىلىش، شۇنداقلا خانلىق مادرىد كوماندىسنىڭ شاھلىق دەۋرىنى يارىتىش. لېكىن ئەمىلىيەتتىچۇ ، فىلورىندىنو مەغلۇپ بولدى.........
بارسىلونا بولسا ھازىرقى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولىۋاتقان كوماندىنىڭ بىرى، گۇئاردىئولا بارسىلونانىڭ قامچىسىنى قولغا ئالغاندىن باشلاپ كوماندا ئىزچىل ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، بىراق فىلورىندىنونىڭ كوماندىسى بولسا توختىماي ئادەم ئالماشتۇرۇش ۋە مەشقاۋۇل ئالماشتۇرۇش بىلەن بارسىلوناغا جەڭ ئېلان قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق بارسىلونادەك مۇقىم ئۆزىگە تەۋە شاھلىق قۇرۇپ چىقالمىدى.
بېنتىزنىڭ قارىشىچە مادرىدقا ئەڭ مۇھىم بولغىنى بولسا بىرلىك، ئەگەر مادرىد بىرلەشمە چېمپىيونى بولىمەن دەيدىكەن چوقۇم مۇشۇ نوقتىنى ھەل قىلىشى كىرەك. بىز بارسىلونا بىلەن تۇتۇشقاندا بولسا بارسىلونا باشتىن ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ كەلدى، بىراق مادرىدچۇ يىلدا بىر مەشقاۋۇل ئالماشتۇرۇپ كوماندىنى ھەر يىلى يىڭىدىن باشلاشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.
ئەمىلىيەتتە بۇ خىل بىرلىك كەمچىل، كوماندىنىڭ چوڭ كىچىك ھەممە ئىشلىرىغا بىۋاستە قول تىقىۋالىدىغان ئەھۋال فىلورىندىنو دەسلەپتە رەئىس بولغاندىمۇ ھەمىشە كۆرىلەتتى، يەنى ئۇ 2000- يىلى تۇنجى رەئىس بولۇپ سايلانغان بولۇپ ئۈچ پەسىلنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن ئۆزىنى تۈگەشتۈرگەن يەنى كوماندا كاپىتانى ھېررو ۋە ماكىلەي لەي نى كوماندىدىن تازىلاش بىلەن بىرگە، يېقىنقى نەچچە يىلدا ئەڭ ئۇتۇق قازانغان مەشقاۋۇل بوسىك نى ئىشتىن بوشاتقان.
فىلورىندىنونىڭ نەزىرىدە بولسا توپچى قوشىۋېلىش ۋە توپچىلارغا باھا بىرىش ئۇسۇلى بولسا ئۇلارنىڭ سودا قىممىتىگە قاراش ھەرگىزمۇ مەيداندىكى ئىپادىسىگە قاراش ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ توختىماستىن كوماندىغا ئالدى مەيدان ئوينايدىغان ھۇجۇمچىلارنى قوشۇۋالدى، لېكىن مۇداپىئەنىڭ بىر كوماندىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى.
كېينكى ئۈچ يىلدا بولسا ھەشەمەتلىك سامان يولى جەڭ كېمىسى ھاكاۋۇرلۇق سەۋەبىدىن پارچىلىنىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ باش يىتەكچىسى بولغان فىلورىندىنومۇ ئىستىپا بەردى.
گەرچە فىلورىندىنو نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان چولپانلارنى كىرگۈزگەن بولسىمۇ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قاراتقان بولسىمۇ گەپنىڭ راستىنى دىگەندە فىلورىندىنو دەۋرىدىكى مادرىد شۇ دەۋرىدىكى رىجكارد باشچىلىقىدىكى بارسىلونا ۋە بېنتىز باشچىلىقىدىكى ۋالىنسىيادەك مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىدى.
فىلورىندىنو ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا بولسا سامان يولى جەڭ كېمىسنى قايتىدىن قۇرۇشنى نىيەت قىلدى، 2009- يىلى يازدا ئۇ 220 مىلىيون ياۋرو پۇل خەجلەپ كىرىستىيانو رونالدو ۋە كاكا غا ئوخشاش داڭلىق چولپانلارنى قوشىۋالدى، بىراق 2009-2010 مۇسابىقە پەسلىدە مادرىد يەنىلا قۇرۇق قول قالدى، ئەڭ ئاخرىدا مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن باش مەشقاۋۇل پىللىرگىنى ئىشتىن بوشىتىلىدى.
گەرچە پىللىرگىنى ئىشتىن بوشىتىلغان بولسىمۇ بىراق ئۇ مادرىد تارىخىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بولغان بۇ كوماندىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن بولۇپ شۇ يىلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 96 نۇمۇرغا ئېرىشىپ چېمپىيون بولغان بارسىلونا ( 99 نۇمۇر) كوماندىسىدىن پەقەتلا ئۈچ نۇمۇر كەينىدە قالغان.
بىراق فىلورىندىنو بۇ چىلى لىق ئېژىنىرنىڭ تاكتىكىسىغا قايىل بولمىدى ۋە ئۇنىڭغا يۈز خاتىرە قىلماي ئىشتىن بوشۇتۇپ يەنە بىر مەشقاۋۇلنى ئەكىلىشنى ئويلاشتى يەنى ئالاھىدە بولغان مەشقاۋۇل مورىنىئو .
سىرتتىن قارىماققا بۇ ئەڭ ياخشى تاللاش بولسىمۇ بىراق مورىنىئو مۇداپىئە گە سەل قارىمايدىغانلىقىنى كوماندىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدىغانلىقنى ئېيتىپ فىلورندىنونىڭ بىرىنچى دەۋرىدىكى باش قېتىنچىلىقىغا ئوخشاش بىر ئىشنى پەيدا قىلدى.
بۇ پورتىگالىيەلىك مەشقاۋۇلنىڭ باشچىلىقى ئاستىدا مادرىد مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ قايتۇرما ھۇجۇم ئوينايدىغان كوماندىغا ئايلاندى، بىراق مادرىدنىڭ نىشانى بولسا شاھلىق قۇرۇش بولسا ئۇنداقتا مورىنىئونى كوماندىغا قوشىۋېلىش بولسا مەغلۇپ بولغان بىر سودا بولۇپ ھىسابلىناتتى.
مورىنىئو ھەمىشە توقۇنۇش پەيدا قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئىدى، شۇڭلاشقا بۇ مەشقاۋۇلنىڭ ئىش ئىزلىرى خەۋەرلەرنىڭ باش بېتىدىن ئۇرۇن ئالغان ئىدى، شۇڭلاشقا فىلورىندىنوغا ئوخشاش سۈپەت قوغلىشىدىغان بۇ ئادەم بۇ مەشقاۋۇلنىڭ ئىشلىرىدىن بارغانسىرى نارازى بولىۋاتتى.
مورىنىئو مادرىدنى يىتەكلىگەن ۋاقىتتا ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسى خۇددى ئۇرۇش مەيدانىغا ئوخشاپ قالاتتى، دۆلەت دېرىبىسىدا مەيداندىكى توقۇنۇش قىزىل سېرىق كارتىلار ئۇچراپ تۇراتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا مورىنىئو توپچىلار بىلەنمۇ توقۇنۇشۇپ قالغان ئىدى، ئىككى يىلدىن كېيىن يەنى 2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدە مادرىد بارسىلونانىڭ قولىدىن بىرلشمە چېمپىيونلىقىنى تارتىۋالدى، لېكىن كېينكى يىلى 2012-2013 مۇسابىقە پەسلى مادرىد قۇرۇق قول قالدى.
شۇنداق قىلىپ فىلورىندىنو مورىنىئونى ئىشتىن بوشاتتى، كۇلۇپنىڭ ئوبرازىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇ بۇ قېتىم ئىتالىيەلىك داڭلىق مەشقاۋۇل ئەنچىلوتىنى تەكلىپ قىلدى، ئىتالىيەلىك بۇ مەشقاۋۇل مادرىدنىڭ تاكتىكىسىنى قايتارما ھۇجۇمدىن توپ كونتىرول قىلىشقا ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە ئۇتۇق قازاندى، ئۇ توپچىلارنىڭ ، مەستانىلەرنىڭ، ئاخباراتچىلارنىڭ ياقتۇرىشى ۋە قايىللىقىغا ئېرىشتى.
ئەنچىلوتى شۇنداق قىلىپ مادرىدنىڭ ھۇجۇمى كۈچلۈك بولغان بىر كوماندىغا ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا شاھلىق لوڭقىسى ۋە ئەڭ قىممەتلىك بولغان كۇلۇپ تارىخىدىكى 10 چى قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتۈردى.
بۇ ۋاقىتتا بارسىلونا قۇرۇق قول قالغان بولۇپ، قارىماققا فىلورىندىنو ئۆزى قىلماقچى بولغان ئارزۇغا يەتكەندەك قىلاتتى، ئۇلار بارسىلونانى مەغلۇپ قىلدى، بىراق فىلورىندىنو تېخىمۇ كۆپ ئىشلارغا ئارلىششىنى باشلىدى.
2014-يىلى يازدا فىلورىندىنو يىڭى ئەزا جامىس رودگىرىسقا ئورۇن بىكارلاش ئۈچۈن دىمارىيانى سېتىۋەتتى، بۇ ئارگىنتىنالىق كوماندىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەنىڭ كاپالىتى ئىدى، شۇنداقلا ئۇزغۇنلۇق ۋە شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچتىكى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان بىر توپچى ئىدى.
ئەڭ مۇھىم بولغىنى بولسا فىلورىندىنو كوماندىدىكى بىردىنبىر مۇداپىئەسىمان ئارقا بەل توپچىسى شابى ئالۇنسونى بايرىنغا سېتىپ بېرىپ ئۇنىڭ ئورىنى تولۇقلاش ئۈچۈن كىروسنى كوماندىغا قوشىۋالدى.
ئەنچىلوتىغا رەھمەت ئېيتىمىز، ئۇ كوماندىنى تەرتىپلىك ھالەتكە ئېلىپ كەلدى، بىراق شۇ يىلى يازدا بارسىلونامۇ كوماندىدىكى ھەر بىر ئورۇنغا قارىتا ئادەم قوشىۋېلىپ، يىڭى مەشقاۋۇل ئېنرىكنى كوماندىنىڭ تەڭپۇڭ ھالىتىگە قايتۇرىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى.
بىراق مادرىد ئۆزىگە تەۋە بولغان شاھلىق قۇرالمىدى، بارسىلونا بولسا كۇلۇپ تارىخىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۈچ شاھ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، بارسىلونا قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن يېڭىشى مۇمكىن بىراق فىلورىندىنو ئۆزى تۈزۈپ چىققان قالايمىقان ھالەت مادرىدنىڭ دۈشمەنلىرىگە تەھتىد ئېلىپ كىلەلمىدى، مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەنچىلوتىمۇ ئوخشاشلا ئىشتىن بوشىتىلدى.
بېنتىز مادرىدنىڭ يىڭى بىر مەشقاۋۇلى بولۇپ سايلاندى، ئۇ ئۆزىنىڭ قايتارما ھۇجۇم تاكتىكىسى ۋە قاتتىق تۈزىمىنى ئېلىپ كەلدى، بېنتىز مادرىدنىڭ بايراقدارى بولسىمۇ بىراق ئۇ مادرىدنىڭ مەشقاۋۇللۇق ئورنىغا ماس كەلمەيتتى، مادرىدقا نىسپەتەن سۈپەت بولسا ھەممىدىن مۇھىم، ھۇجۇم قىلىش بولسا ئالدىنقى تاللاش ئىدى.
شۇ ۋاقىتتا كوماندىدا مۇداپىئەسىمان ئارقا بەلدىن پەقەت كاسمىرولا بار ئىدى، ئەگەر فىلورىندىنو بېنتىزغا ئۆزىنىڭ تاكتىكىسىغا ماس كېلىدىغان توپچى قوشىۋېلىش ھوقۇقىنى بەرگەن بولسا ئۇنداقتا ئۇ دۇنياۋى سەۋىيەلىك بىر ئارقا بەل توپچىسى قوشىۋالغان بولاتتى ۋە بېلنىڭ سۈرئىتىدىن پايدىلىنىپ قايتارما ھۇجۇم ئارقىلىق باشقىچە بىر كوماندا بولۇپ قالغان بولاتتى.
بىراق مۇداپىئە قىلىۋېلىپ ھۇجۇم قىلماسلىق تاكتىكىسىنى رەئىس ياقتۇرمايتتى، شۇنداق ھوقۇقنى ئۇنىڭغا بېرىشنى خالىمايتتى، قالتىس بولغان باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولسا بارسىلونانىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىپادىسىنى ساقلىشىنىڭ ئاچقۇچى ئىدى. شۇنداق قىلىپ بېنتىز مادرىد يۇقىرى قاتلىمىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى، فىلورىندىنو قۇرلۇش ئېنژىنىرىنىڭ قولىغا بىر قايچا تۇتقۇزۇپ ئۇنىڭغا بىر كىيىم تىكىشنى تاپىلىدى.
ھازىر زىدانى مادرىدنىڭ باش مەشقاۋۇلى بولدى، ئۇ بولسا مەستانىلەر ھەممىسى ھۆرمەتلەيدىغان كۇلۇپنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى، ئۇ بىر ياخشى مەشقاۋۇل بولۇپ چىقالامدۇ؟ ياكى تىجارەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتەمدۇ؟
ئەگەر مادرىد بۇ پەسىل ھېچقانداق لوڭقىغا ئېرىشەلمىسە نىمە ئىشلار يۈز بىرەر؟ ئەگەر كىلەر يىلىمۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمىسىچۇ؟ فىلورىندىنو زىدانىغا يەنە پۇرسەت بىرەرمۇ؟ ئەگەر مادرىدنىڭ يۆتكۈلۈش بازىرىدىن چەكلەش بۇيرىقى كەينىگە سۈرۈلۈپ قالسا، زىدانى بۇ يىل يازدا ئۆزىنىڭ تاكتىكىسىغا ماس كىلىدىغان توپچىلارنى قوشىۋېلىپ ئۆزىنىڭ مۇكەممەل سەپ شەكلىنى تۈزۈپ چىقارمۇ؟ ئۇنىڭ جاۋابى بولسا ئۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
خان مادرىد بولسا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قالتىس كوماندا، بىراق فىلورىندىنو پۇتبولغا قارىغاندا نام ئابروينى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر فىلورىندىنو راستىنلا بارسىلونا بىلەن تەڭ تىركىشىپ ئۆزىگە تەۋە بولغان شاھلىق بەرپا قىلماقچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى بولسا ۋاز كىچىش.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|