ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 9178 |
تۆھپىسى: سەر |
|
باشقىلارنىڭ تېما كۆچۈرۈشىنى چەكلىسىكمۇ، ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ تېمىسىنى كۆچۈرۈشنى چەكلەشنى تازا قوبۇل قىلالمايمەن،
مۇنبەرگە تېما يوللاۋاتقانلار ھېچ قاچان پايدا كۆزلەپ باقمىدۇق، كۆزلىگەن بولساق ئاللىقاچان نۇر تورىغا ئورۇنلىشىپ بولغان بولاتتۇق، شۇڭا تېمىنى بىز ئۆزىمىز خالاپ يېزىۋاتقاندىكىن، مۇنبەرمۇ بىزگە ئەركىنلىك بېرىشى كېرەك. مۇنبەرگە تېما يوللاشنىڭ مەقسىدىمۇ شۇ باشقىلار كۆرۈش، ئۆزىمىر كۆرگىلى يوللايدىغان ئىش يوقتە؟ ئەلۋەتتە شۇنىڭدەك باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاشمۇ شۇ تېخىمۇ كۆپ «باشقىلار» كۆرۈشى ئۈچۈنغۇ؟
ئادەتتە گېزىت —ژۇرناللارغا ئەسەر ئەۋەتسە قەلەم ھەققى بېرىدۇ، نۇر تورىمۇ شۇنداق، ئەمما مۇنبىرىمىزدە ئايلىق باھالاشتا ئىسمى چىقسا چىقتى، بولمىسا ھېچنىمە يوق. ئايلىق باھالاشتىكى مۇكاپاتلارنىڭمۇ يېڭىلىقى يوق، شۇنداق تۇرۇغلۇق ئاپتورلاردىن ئاغرىنىش ئورۇنلۇقمۇ؟
مۇنبەر تېمىلارنىڭ باشقا تورلارغا ئېقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تېما يېزىۋاتقانلارنى رازى قىلىشى كېرەك، ئايلىق باھالاش، يىللىق باھالاش دېگەندەك ئىشلار، تېما يازىدىغانلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا سەۋەب بولالمايدۇ، يېڭىلىق بولىشى، قۇرۇقلا گوللىماسلىقى كېرەك.
ئۈستىدىكى گەپلەرنى ئوقۇپ، مۇنبەرنى تېما يازغانلارغا پۇل بەرسىكەن دېگەن ئۈمىددىكەن دەپ ئويلاپ قالماڭلار، پۇلنى كۆزلىگەن بولسام(بولساق) نۇر تورى باشچىلىقىدىكى باشقا تورلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن بولاتتىم. مەن پەقەت مۇكاپاتلاردا يېڭىلىق بولىشىنى، ئادىل بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|