ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3546 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇچتىكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-23 01:10
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن
نەچچە كۈن ئاۋۋال مۇنبەردىكى تېما ئىنكاسلارنى كۆرۋېتىپ ، باشقۇرغۇچى ئىشەنچ ئەپەندىمنىڭ ‹‹ مۇنبەرگە تېما يوللىغۇچىلار دىققەت ›› ناملىق تېمىغا كۆزۈم چۈشۈپ قېلىپ ئوقۇپ بولۇپ :
يىقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزگە يوللانغان تىمىلار ئاپتۇر ياكى باشقىلار تەرپىدىن باشقا مۇنبەرگىمۇ قوشۇپ يوللىنىدىغان ئىشلار بايقالدى، ھەتتا بەزى تىمىلار مۇنبىرمىزدە نادىرلىنىپ ،باشقىلارنىڭ يوقىرى باھاسى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولغان تىمىلار ئىدى، بۇگۇندىن باشلاپ بۇنداق قىلمىش مۇنبەردە قەتتى چەكلىنىدۇ ، ئەگەر يەنە شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا ،يوللىغۇچى ئەسلى تىما ئىگىسى بولسا ،نادىرلانغانلىرى نادىرلىقتىن قالدۇرلىدۇ،ئەسكەرتىش بىرىلىدۇ ،يەنە داۋاملاشسا شۇ ئەزانىڭ دەرىجىسى تۇۋەنلىتىلىدۇ
راسىت گەپنى قىلسام باشقىلار قانداق چۈشەندى ئۇنى بىلمىدىم ، شەخسەن مۇنۇ قۇرلار مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمىدى !
ئىنكاس يېزىپ قويغان بولساممۇ ھېچكىم چۈشەنچە بەرمىدى ! شۇڭا مۇنۇ ئويلىغنىمنى يېزىپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ ھەممىڭلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .
مەن مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى تېخى يىل بولمىغان بولسىمۇ ، لىكىن ئاز تولا تېما يوللاپ مۇنبەر مۇھىتىنى جانلاندۇرۇشنى ئويلاپ كۈچۈمنىڭ يېتىشچە تېملارنى يوللاپ تۇرۋاتىمەن ،مۇنداق دېسەم تېمىلىرنى باشقا يەرگە كۆچۈردىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلا ، مۇشۇ مۇنبەردىن باشقا بىر نۇر تورىغا ئانچە - مۇنچە چىقىپ قويدىكەنمەن ،ئۇندىن باشقا يەرنىمۇ بىلمەيمەن . نەچچە يىل ئاۋۋال مۇنبەر ئادېرسنى ئۇلنىش تورىدا كۆرۈپ سىرتتىن زىيارەت قىلغان ، ھەپتىدە بىر نەچچە قېتىم تېمىلارنى ئوقۇپ چىقىپ كېتەتتىم ، كېيىن بىر قېتىم ئنكاسلارنى ئوقىۋېتىپ بەزى ئىنكاسلارنىڭ ھەقىقەتەن جېنى بار پۇتبول بىلمىنى ئەكىس ئەتتۈرگىننى كۆرۈپ تىزىملىتىپ كىرگەن .مانا ھازىر كۈندە نەچچە قېتىم كىردىغمنى ساناپ بېرەلمەيمەن.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم ،ئۆزەم تېما يوللىغۇچى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن تېما يوللىغچىلارنىڭ ھېسياتنى تەخمنەن ھېس قىلالايمەن ، مۇنبەرگە تېما يوللىغۇچى ھەر بىر ئەزا شۇنچە ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ ھېچنىمنى تەلەپ قىلمغان ئاساستا خەۋەر -تېمىلارنى يازىدۇ ،بەلكىم ئويلايدىغنى ئۆزىنىڭ ئامراق كوماندىسى ،ئامراق چولپىنى ياكى بىكار بولۇپ قېلىپ ئاز تولا يېزىقىمىزدىكى مۇنبەرنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تېما يوللايدىغاندۇ ...........بەزى تېمىلارنى بىر كۈندە پۈتتۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ، ئۇنى يېزىشقا نۇرغۇن ۋاقىت ، زېھنىي قۇۋۋەت ، نۇرغۇن تەر ئاققۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ ،بۇنى دېمىسەممۇ ھەممە ئادەم ھېس قىلالايدۇ ، مەيلى قانداقلا تېما يازسۇن تېما يازغۇچىنىڭ ھاردۇقى تېمىغا چۈشكەن ئېسىل ئىنكاسلاردىن تېمنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ ئېششدىن چىقىدۇ ۋە ئويلايدىغنمۇ شۇ .
ئەمدى تېمنى ئۆزى ئىجاد قىلغۇچىمۇ باشقا يەرگە كۆچۈرۈپ ئۆز ئەمگىكىدىن ھۇزۇر ئالالمىسا بۇ قانداق گەپ بوپ كەتتى ؟ يا مۇنبەر بۇلارغا ھەق بەرمىسە ؟ بۇنداق دېيش ئارقىلق ھەق بەرسۇن دىمەكچى ئەمەسمەن !
بەلكىم مۇنبەر قاتلىمى مۇنبەرنىڭ باشقا مۇنبەردىن ياكى باشقا پۇتبول سورۇنىدىن پەرىقلنىپ تۇرسۇن دەپ بۇ قارارنى چىقارغان بولۇشى مۇمكىن . بۇ قارار خاتا ئەمەس
، مەن بىكار بولسام ئانچە مۇنچە بىرنەچچە داڭلىق خەنچە مۇنبەرلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن ، مۇنبەرگە يېزىلغان ھەرخىل تېمىلار بولۇپمۇ نادىر تېمىلارنىڭ سۈپىتى ئۇ مۇنبەرلەردىن قېلىشمايدۇ .
لىكىن بۇ قارارنى مۇنبەرنىڭ بىكىنمچىلك سىياسىتى دەپ چۈشەندىم ، دەماللىقا قارىماققا مۇنبەرگە پايدىلقتەك تۇيغۇ بېرىدۇ ، لىكىن ئاقىۋىتى مۇنبەرنىڭ بىكنمىچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ دەپ ئويلايمەن .
مەسلەن : ئۇلىنش قارمىقىدىكى نۇر تورى - بۇ تورنى ھەممىز بىلمىز ، يېزىلغان خەۋەرنىڭ سۈپىتى ، تېزلىكى يېڭىلنىنشى بىلەن ھەقىقەتەن داڭلىق ، داڭلىق خەنچە خەۋەر تورىدىن قالسىلا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىدىكى تور بەتلەر ئىچدە كۆرۈلۈش قېتىم سانى ۋە خەۋەر يېڭىلىنىشى، چۈشكەن ئىنكاسلىرنىڭ كۆپلكىدە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ.
مەن بۇ يەردە نۇر تورىنى ماختىماقچى ئەمەسمەن ، لىكىن شاكلنى تاشلىۋېتىپ مېغىزنى قۇبۇل قىلىش ئەندىزىسى بويىنچە باشقىلارنىڭ ئالاھىدىكنى ئۆگەنسەك بولىدۇ ، نۇر تورىغا خەۋەر يازغۇچىلار ناھايىتى كۆپ ، ئۇلارنىڭ قوللانغان ئەندىزىسى: باشقىلارنىڭ خەۋەر تېمىلرنى كۆچۈرمەيمىز ، بىر قانچە ھۆكۈمەتنىڭ تورىدىن باشقا ،باشقىلار كۆچۈرسە مەيلى .شۇنىڭدىن ئىبارەت ،شۇڭا خەۋەرلىرنى نۇرغۇن يېزىقىمىزدىكى تور بەتلەر ئادىرسنى قالدۇرغان ئاساستا كۆچۈرىدۇ ،شۇ سەۋەبتىن نۇر تورىنى زىيارەت قىلغۇچىلار شۇنچە كۆپ ،ھەم تور ئادرسىنى ھەممە ئادەم بىلدۇ .
ئەمسە مۇنبىرىمىزدە قانچە ئادەم بار؟ زادى قانچە ئادەم مۇنبەر تور ئادىرسى بىلدۇ ؟
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى مەملىكىتىمدىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ ئۆلكە دەرىجلك رايۇن ، تەخمنەن مەملكىتىمز يەر مەيداننىڭ ئالتىدىن بىر قىسمنى ئىگەللەيدۇ ، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 1مىليارد 400 مىليۇن ئەتراپىدا نوپۇس بار ، دىيارىمىزدا 23 مىليۇن ئەتراپىدانوپۇس بار ، بۇلار مۇھىم ئەمەسقۇ ئەمدى ! ئەمدى سەن نىمە دىمەكچى دەپ سورىسىڭز ؟
ناۋادا بىرەسى ئەڭ كۆپ پۇتبول مەستانىسى نەدە دېسڭىز مەن ھېچقانداق تەمتىرمەي دىيارىمىزنىڭ ئىسمنى ئېيتىپ بېرىمەن ، شۇنچە كۆپ نوپۇس ئىچىدىكى شۇنچە ئاز خەلىق ئىچدىكى پۇتبول مەستانىلرنىڭ كۆپ بولۇشى نىمنى چۈشەندۈرىدۇ ؟؟ ئۇنى ھەممىڭلار چۈشىنەلەيسىلەر .....
دېمەك شۇنچە كۆپ پۇتبول مەستانىلرى ئىچدە قانچىلك ئادەم مۇنبەر ئادىرسنى بىلىپ كېتىدىغاندۇ ؟ راسىت مۇنبەردە ئىنكاس تېما يېزىپ مۇنبەر زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئادەم 15مىڭدىن ئاشامدىغاندۇ ؟
مەن كۆزەتتىم مۇنبەرنىڭ ئېيدى نۇمۇرى ئون نەچچە مىڭدىن ئاشسمۇ مۇنبەرگە ھەپتە ياكى ئايدا كىرىپ تۇرىدىغان نۇمۇرلارنى ساناپ كەلسە 400-500چە چىقدىكەن ، قالغان كۆپۈنچىسى كىچىك نۇمۇرلار ياكى مۇنبەردىن تەرىك ئەتكەنلەر ، چەكلەنگەنلەر ۋە ياكى خىلمۇ خىل ئىشلار تۈپەيلى چىقالمىغانلار . كۈنلۈك ئىنكاس يازىدغان ئادەم 100 گىمۇ بارمايدۇ ، بەلكىم كەم ياكى ئارتۇق ھېساپلاپ قويغاندىمەن ، بۇ ئۆزەمنىڭ ھېس قىلشى خالاس .
مۇشۇنداق شارائىتتا يەنە مۇنبەرنىڭ تەشۋىقات ئشلىرغا كۈچىمەي بۇنچە بىكلىنمچلكتە تۇرۋېلىش تۈپتىن خاتا ئۇسۇل ،مۇنبەرنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم مۇنبەرنىڭ تەشۋىقات ئىشلرىنى كۈچەيتىش باسمىسا بولمايدىغان قەدەم .
بىكىنمچىلكنىڭ بۇزغۇنچلىق تەسرى ئىنتايىن چوڭ ،ئەڭ ئاددىيسى ئېلىمزىڭ قەدىمقى زامان تارىخىغا قارىساقمۇ چىڭ سۇلالىسدىكى 400 نەچچە يىللق بىكىنمچكتە تۇرۋېلىش جۇڭگۇنى چەتئەلدىن بولۇپمۇ ياۋرۇپادىن قانچلىك كەيىندە قويدى؟ ئىسلاھات ئېچىۋېتلگەندىن كېيىنكى تەرەقىياتچۇ ؟
بۇ يەردە مېنىڭ تەشەببۇسۇم مۇنبەرنى سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش كېرەك ، تېمىلارنى ئۆز ئاپتۇرى باشقا مۇنبەرگە يوللاشمۇ بىر ئېچۋېتشنىڭ مۇھىم يوللىرى .
مەن تۆۋەندە بىر قانچە تەكلپنى بەرمەكچىمەن .
1. تېمنى چوقۇم ئۆز ئاپتۇرى ئۆز ئىختىيارلىقى بويىنچە باشقا مۇنبەرگە يوللاشنى قوللىشمىز كېرەك .،بولۇپمۇ نادىر تېملارنى ....
2. يوللىغاندا چوقۇم ئۆز ئاپتۇرى بولۇشى ، مۇنبەر تور ئادرىسى يەنى نى چوقۇم قالدۇرۇش كېرەك
3.مۇنبەر ئادىرسنى قالدۇرغاندا شىجاڭ پۇتبول مۇنىبىردىن پالانىچى ئەزا ،مۇنبەر ئادىرسى .... مانا دېگەندەك ،ئاندىن مۇنبەرگە قىزىقتۇردىغان بىر قانچە سۆز جۈملىلەرنى قوشۇپ يوللىساق تېخى ياخشى مەسلەن : شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ ، ئەڭ چوڭ پۇتبول مۇنازىرسى ........دېگەندەك .
4. مۇنبەرنىڭ ئۆزىگە خاس رەسملىك بەلگسسى ياسىلىشى كېرەك ، مۇشۇ مۇنبەرگە يېزىلغان ھەر بىر تېمىلارنىڭ بېشىغا شۇ بەلگە قىشتۇرلۇشى كېرەك ، تېلفۇندا تېما يازغۇچىلار قىستۇرلمىسا باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ قويسىمۇ بولىدۇ ،باشقا يەرگە يوللانسمۇ مۇنبەر ئادرسى ۋە تېما ئىگىسنىڭ ئىسمدىن باشقا مۇنۇ مۇنبىرىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسى تېما ئارىسدا بولۇشى كېرەك .
يۇقىردا ئېيتىلغان تەكلىپ - پىكىر ئۆزۈمنىڭ ئويلىغنى ،كۆز قارىشى خالاس
مۇنبەر يۇقىرى كوممىتتى بۇنى ھەرگىزمۇ ما ئادەم بىزنىڭ قارشىمىزغا قارشى چىقىپتۇ دەپ چۈشەنمەي ما ئادەم مۇنبەرنىڭ تەرەقىياتىنى ئويلاپتۇ دەپ چۈشنىشنى ئۈمۈ قىلمەن .
ئاخىردا تېمنى ئوقۇپ چىققانلارنىڭ ھەممسنىڭ قىممەتلىك تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ۋە باشقا تەكلپلىرنى ئايىماسلىقنى ئۈمۈد قىلمەن . ئەگەر دەلىل -ئىسپات بىلەن مېنىڭ قارشىمنىڭ خاتالىقى كۆرسىتلسە تېخى ياخشى
مۇنبەر ئەزاسى : ئۇچتىكىن
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|