ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 1035 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بىر توپ پەرق بىلەن ئۇتتۇرۇش، ھەم مىھمان توپى بار ئەھۋالدا بۇ نەتىجىنى ناچار دېگىلى بولمايدۇ.
تىررى، زۇما يوق مۇداپىيەدىن ئەنسىرىسەم ئەڭ كۈچ بەرگىنى مۇداپىئە بولدى. بابا راھمان نەلەردە كۆمۈلۈپ قالدىكىن ئاخشام غەزەپ ئوينىۋەتتى، ئاسپىلىكۈيتاغا گەپ يوق ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر. 30 ياش بىر بىككە نىسپەتەن كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دېيىشكە بولىدۇ ئەمما كاخىلدا چىكىنىش بار، ئىۋاننى بۇلۇڭ توپ بولمىسا ئوتتۇرا مەيداندىن ئاشمايسە دەپ ئوتتۇرا بىك قىلىپ ئىشلەتسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن، ئاخشام خۇمارى تۇتۇپ كەتتىمۇ پارىژنىڭ چەكلەنگەن رايۇنىدا يۈرۈيدۇ، ئارقىغا يېنىشى تېز ئەمەس.
تۆمۈر گۈلمۇ ئېچىلىدۇ، مادىچنىڭ ئىپادىسى چىكىنگەن ئەھۋالدا مېكىل بىلەن فابرىگاسنى قوش ئارقا بەل قىلىپ ئىشلىتىش ھازىرقى ئەھۋالدا ئەڭ ياخشى تاللاش. فابرىگاسنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرىپى مۇداپىئە، ئەمما ئاخشام مۇداپىئەگە ئاكىتىپ ياردەملەشتى، ئۈنۈمى خىلى يۇقىرى، نەچچە قىتىم توپ ئۈزىۋالدى. بۇ تەرىپى ئادەمنى خوش قىلىدۇ.
ئازارنىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە، بەلكىم ئۇنىڭدىن بەك زور ئۈمۈدلەرنى كۈتكەچكە ناچار ئىپادىسى ناچاردەك ھىس قىلىشىمىز مۇمكىن. پىدىرومۇ تىرىشىپ ئوينىدى، ئالمىشىپ چىققان ئوسكارمۇ شۇ. مەنچە ئازارغا ئىشىنىپ پىدىرونى ئوسكارغا ئالماشتۇرۇپ، ۋىليەننى ئوڭغا ئوسكارنى ئوتتۇرغا قويغان بولسا ئۈنۈمى سەل ياخشىراق بولغانمۇ بولاتتى، ھىندىكنىڭمۇ ئويلىغىنى بار.
ۋىليەن بۇ پەسىل ئىزچىل تىرىشىپ ئويناۋاتقان كۆك شىر، ئەمما ئاخشام توپ بۆلۈپ بېرىشى سەل ئاستا، ئىككى قىتىم توپنى ۋاقتىدا بۆلمەي قايتۇرما ھۇجۇم پۇرسىتىنى يوق قىلدى.
ئاپتۇبۇس دېگەنلەرگە ئارتۇق گەپ يوق، ئاخشامقى پارىژ قايسى بىر زەردار بىلەن ئوينىسا مۇسابىقىدىكى سان سىفىردا ئالدىدا تۇرىشى ئىنىق. ھەمما سان سىفىردا ئالدىدا تۇرسىمۇ ئاخشام چېلسىينىڭ ئېرىشكەن بۇلۇڭ توپ سانى ۋە ئومومى يۈگۈرگەن مۇساپىسى پارىژنىڭ ئالدىدا. بۇلۇڭ توپقا ئۆلۈك مۇداپىئە قىلىپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ ھەم قارشى تەرەپتىن كۆپ يۈگۈرگىلى بولمايدۇ.
ھىندىكنىڭ چېلسىيغاسىڭدۈرگىنى گوللاندىيەنىڭ پۈتۈن سەپ مۇداپىيە، پۈتۈن سەپ ھۇجۇم. 2009-يىلدىكى سىتەنفورد پاجىيەسىدىمۇ قۇماندان ھىندىك ئىدى، شۇ ۋاقىتتا ئالتە شاھ بولغان بارسىلونىغۇ مۇسابىقىدىكى ھىچ قايسى سان سىفىردا ئۇتتارمىغان، قارشى تەرەپنىڭ تىل تۇمارى بولغان توپ كونتىرول قىلىشتىمۇ.
بىتەرەپ مەستانىلەرگىمۇ ھوزۇر ئاتا قىلغۇدەك بىر مەيدان مۇسابىقە بولدى. |
|