ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3092 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-17 11:36
پارىژ 2 - 1 چېلسى
2016- يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنى دىيارىمىز ۋاقتى سەھەر سائەت 1:45 دە ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق 16 كۈچلۈكلەر مۇسابىقسى ئېلىپ بېرىلدى ، پارىژ ئۆز مەيدانىدا چېلسنى كۈتۋالدى .
ئالدىنقى يېرىم مەيدان:
ئىككلا تەرەپ ھەم ئېھتىياتچان ھەم تىز رىتىم بىلەن مۇسابىقنى داۋاملاشتۇردى ، ئبراھىموۋىچ بۇ مۇسابىقدىكى بىرىنچى سېرىق كارتىنى ئىستىمال قىلدى ، مۇسابىقە داۋاملىشپ 39- مىنۇتتا چەكلەنگەن رايۇن سىىرتىدا چېلسى ماھىرى مېركىل قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ سېرىق كارتا ئىستىمال قىلدى ، ھەمدە پارىژغا ئىختىيارىي توپ تېپىش پۇرسىتى كەلدى ، توپنى ئىبراھىموۋىچ ئۇردى ، تام تۇرغان مېركىلنىڭ پۇت ئاستى قىسمىغا تېگىپ توپنىڭ يۆلىنشى ئۆزگىرەپ كورتۇۋا توپقا ئامال قىلالمدى ، پارىژ دەسلەپتە 1-0 ئۈستۈنلككە ئۆتتى ، 45- مىنۇتتا ۋىليەن بۇلۇڭ توپ تاشلىدى ، يەنە شۇ مېركىل توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى, نەتىجە 1-1 بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاياغلاشتى .
كېيىنكى يېرىم مەيدان :
داۋى لۇئىس ، پېدرو ، لۇكاسلار سېرىق كارتا ئىستىمال قىلدى ، كورتۇۋانى بىرنەچچە قېتىملىق خەتەرلىك ھۇجۇملارنى بىچت قىلدى ، كېيىن 74- مىنۇتتا لۇكاسنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىققان كاۋانى 78- مىنۇتتا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-1 قىلىپ ئۆزگەرتتى . كېيىن نەتىجە ئۆزگەرمەي پارىژ 2-1 نەتىجە بىلەن 1- ئۇچرىشدا چېلسنى مەغلۇپ قىلدى .
بېفىنكا 1 -0 زېنىت
2016-يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنى دىيارىمىز ۋاقتى سەھەر سائەت 1:45 دە ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق 16 كۈچلۈكلەر مۇسابىقسى ئېلىپ بېرىلدى.
بېفىنكا ئۆز مەيدانىدا زېنىتى كۈتۋالدى ، مۇسابىقە باشتىن ئاياغ ناھايتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى ، ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ھەر ئىىككلا تەرەپ كۈچگەن بولسىمۇ توپ كىرمەي 0-0 بىلەن ئاخىرلاشتى .
كېيىنكى يېرىم مەيداندا ھەر ئىككلا تەرەپ بىر نەچچە قېتىملىق پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدى . ئەڭ ئاخىردا قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا بېفىنكا بىر توپ ئۇرۇپ زېنىتى بوغۇزلاپ تاشلىدى .
|
|