بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تېۋىلغا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-24 21:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
كەمىنە پېقىر ئىسىم ئۆزگەرتتىم، بۇرۇنقى ئىسمىم بۇغرا ئوغلى(يېڭى يېزىقچە bughraoghli)، رېئال مادرىد ۋە مانچېستېر بىرلەشمىسى مەستانىسى.
بۇ تېمىنى ئاددىي بولسىمۇ ئىسىم ئۆزگەرتىش چېيى سۈپىتىدە سۇندۇم.
رىپىرلىق تېخنىكىسى قارىماققا ئاددىي لېكىن ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق ئىنچىكە پىرىنسىپ ۋە قائىدىلىرى بار، تۆۋەندە بىز بۇ توغرىسىدا بىلىم ئىگىلەيلى.
1.ئىسقىرىق ئاۋازى
ئىسقىرىق بولسا رېپىرنىڭ توپ مەيدانىدا ئاساسلىق يېتەكلەش قورالى ھېسابلىنىدۇ، رېپىر بىلەن توپچى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋاسىتىسى ئىسقىرىق ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ، رېپىرنىڭ ئىسقىرىق ئاۋازىنىڭ ۋاقىتچانلىقى ۋە توغرىلىق مەيدان كەيپىياتى،توپچىلارنىڭ ئىپادىسى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ھېسسىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ.شۇڭا رېپىرلار نەق ۋاقتىدا ئىسقىرىق چېلىش بىلەن بىللە ئورۇنسىز ئىسقىرىق چىلىشتىن ساقلىنىشى زۆرۈر.
مۇسابىقىدە ئىسقىرىق چېلىش تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە:
1. مۇسابىقە باشلاش (ياكى بىر تەرەپ توپ ئۇرۇپ ئوتتۇرا مەيداندىن قايتا باشلاش): نىسبەتەن ئۇزۇن بىر ئىسقىرىق ئاۋاز
2.مۇسابىقە ئاخىرلىشىش(يېرىم مەيدان ياكى پۈتۈن مەيدان): ئۈچ ئىسقىرىق ئاۋاز، ئۈچىنچى ئىسقىرىق ئاۋازى ئۇزۇن(بەزىدە بىر قىسقا بىر ئۇزۇن ئىككى قېتىم)
3.بىر تەرەپكە توپ كىرىش: ئۇزۇن بىر ئىسقىرىق ئاۋاز
4.نۇقتا توپ قويۇش: نىسبەتەن ئۇزۇن بىر ئىسقىرىق ئاۋاز
5.مەيداندا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە باشقا ئەھۋاللار يۈز بېرىپ مۇسابىقىنى ۋاقتىنچە توختاتقاندا،ئەھۋالغا قاراپ ئىسقىرىق چالىدۇ.
يۇقىرىقى بەش خىل ئەھۋالدىن باشقا، ئەگەر توپ ئۆلگەن ياكى چىقىرۋىتىلگەن،ئىختىيارى توپ، ۋاراتار توپ، بۇلۇڭ توپ باشلاپ مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرغاندا ئىسقىرىق چېلىنمايدۇ.
تۆۋەندىكى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ئىسقىرىق چىلىنىدۇ.
(1) توپ مەيدان سىرتىغا چىقىپ كەتكەن، لېكىن توپچى ئېتىراپ قىلماي مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۋاتقاندا ئىسقىرىق ئارقىلىق توپنى قايتا باشلاش تەلەپ قىلىنىدۇ.
(2) كاللا توپ باشلىماقچى بولغاندا(بۇلۇڭ توپ ياكى ئىختىيارى توپ)، توپچىلار ئوتتۇرسىدا قائىدىسىزلىك ھەرىكەتلىرى بولسا، رېپىر ئىسقىرىق چېلىپ ئاگاھلاندۇرۇپ ياراشتۇرۇش ئىلىپ بارىدۇ.
(3) ئىختىيارى توپ تېپىلگەندە رېپىر تام توساقنى( توپ ئورنى بىلەن 9.15 مېتىر ئارىلىقتا) رەتلەپ ئىككى تەرەپ ئەزالارنى كېلىشتۈرگەندىن كىيىن مۇسابىقىنىڭ داۋاملاشسا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئىسقىرىق چالسا ياكى قول ئىشارىسى بىلەن بەلگە بەرسە بولىدۇ.
2.رېپىرنىڭ قول ئىشارىسى
1.بىۋاسىتە ئىختىيارى توپ باشلاش: بىلەكنى تۈز يانتۇ قىلىپ توپ باشلاش يۆنىلىشنى كۆرسىتىش
2. ۋاسىتىلىك ئىختىيارى توپ باشلاش: بىلەكنى تۈز ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئالىقاننى ئىچىپ ئالدىغا قارىتىش، بۇ ھەرىكەت توپ تېپىلگەندىن باشلاپ توپ باشقا توپچىلار بىلەن ئۇچراشقىچە ياكى توپ ئۆلگىچە داۋاملىشىدۇ.
3.مۇسابىقە داۋاملىشۋاتىدۇ (توپ ئۆلمىدى،ئۈنۈملۈك): ئىككى بىلەكنى تۈز قىلىپ ئالدىغا قارىتىش، قائىدىسىزلىك ھەرىكەت يۈز بەرگەن ياكى توپچىلار يىقىلىپ قالغان مەزگىلدە رېپىر بۇ ھەرىكەتنى قائىدەسىزلىك دەپ ئېتىراپ قىلماي مۇسابىقە ياكى ھۇجۇمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇۋاتقىننى كۆرسىتىدۇ.
4.كارتىلىق ئاگاھلاندۇرۇش: جازالانغان توپچىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ بىلەكنى تۈزلەپ كارتىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، توپچىلار قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەندە سېرىق ياكى قىزىل (بىر مەيداندا ئىككى سېرىق بىر قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ)كارتىلىق ئاگاھلاندۇرلىنىدۇ، سېرىق كارتا ئاگاھلاندۇرۇشقا، قىزىل كارتا شۇ توپچىنىڭ مەيداندىن چىقىرىۋېتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
5. بۇلۇڭ توپ: بىلەكنى يانتۇ تۈز تۇتۇپ ،بولۇڭ توپ باشلاش ئورنىنى كۆرسىتىدۇ.
6. نۇقتا توپ: بىلەكنى يانتۇ تۈز تۇتۇپ ،ئېنىق ھالدا كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن جازا توپ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ.
7.ۋاراتار توپ: بىلەكنى يانتۇ تۈز تۇتۇپ ،ۋاراتار توپ باشلاش رايونىنى كۆرسىتىدۇ
3. يان رېپىرنىڭ بايراق ھالىتى
1.ئوفسايىت توپ : يان رېپىر يان سىزىققا پاراللېل يۈزلىنىپ، بىلەكنى تۈزلەپ ئوفسايىت بولغان ئورۇنغا ۋېرتىكال ئورۇنغا كېلىپ تەخمىنەن كۆرسىتىدۇ، يەنى ئۈچ خىل كۆرسىتىش شەكلى بار، بايراقنى سەل تۆۋەنگە قارىتىپ تۇتسا ئوفسايىت ئورنىنىڭ يېقىن ئارىلىقتا ئىكەنلىكىنى، ئۇدۇل، تىك قىلىپ تۇتسا ئوتتۇرا ئارىلىقتا ئىكەنلىكىنى سەل يانتۇ يۇقىرىغا قارىتىپ تۇتسا يىراق ئارىلىقتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
2. سىزىقتىن چىققان توپ: يان رېپىر بايراق بىلەن بىلىكىنى تۈز تۇتۇپ بىرئاز يۇقىرىغا يانتۇ قىلغان ھالەتتە توپنى چىقىرۋەتكەن تەرەپ يۆنىلىشىگە(توپ باشلىغان كوماندا قارشى) قارىتىپ تۇتىدۇ.
3.ۋاراتار توپ:يان رېپىر بايراق بىلەن بىلىكىنى تۈز تۇتۇپ يانتۇ تۆۋەن تۇتقان ھالدا بولۇڭ توپ باشلاش ئورنىنى كۆرسىتىدۇ.
4.بۇلۇڭ توپ قويۇش: يان رېپىر بايراق بىلەن بىلىكىنى تۈز تۇتۇپ يانتۇ تۆۋەن تۇتقان ھالدا بولۇڭ توپ باشلاش ئورنىنى كۆرسىتىدۇ.
5. ئادەم ئالماشتۇرۇش: يان رېپىر بايراق ياغىچىنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى قولى بىلەن تۇتۇپ گورىزونتال قىلىپ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ.
6. يۇقىرىقى بەش خىلدىن باشقا يان رېپىر بايراق ئىشارىسى ئارقىلىق باش رېپىرغا ياردەمدە بولسا بولىدۇ،
مىسالغا ئالساق:
(1) يان رېپىر ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش بولغانلىقىنى بايقاپ بۇنى باش رېپىر سەزمىگەن ئەھۋالدا بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بايراق ياغىچىنى سىلكىپ باش رېپىرنىڭ دىققىتىنى تارتسا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا باش رېپىر مۇسابىقىنى ۋاقتىنچە توختاتسا يان رېپىر بايراق كۆتۈرۈپ ئىختىيارى توپ يۆنىلىشىنى كۆرسەتسە بولىدۇ.
(2) يان رېپىر ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا بولۇڭ توپ، ۋاراتار توپلارنى باشلاشتا قائىدەسىزلىك كۆرۈلگەنلىكنى بايقاپ، ئوخشاشلا بايراقنى سىلكىش شەكلى ئارقىلىق باش رېپىرنىڭ تۈزىتىش بېرىشى ياكى باشقا چارە قوللىنىشىغا ياردەمدە بولسا بولىدۇ. |