ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6494 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-8 16:20
يازمىڭىزنىڭ بېشىدىكى گەپلەر ناھايىتى ئورۇنلۇق بوپتۇ ،ئەسلىدە ئىشەنچنىڭ شۇ تېمىغىلا بۇ قاراشلىرىمنى يازسام بولاتتى ، بىراق ئۇ تېمىدا بەزى مۇنبەرداشلىرىمىز سەل ھاياجانلىنىپ ھەتتا شۇ تېمىغا ئىنكاس يازمىغانلارنىمۇ سۆككىلى تۇرۇپتۇ . شۇڭا يەنە جىدەلنى سېتىۋالماي دەپ بولدى قىلدىم .
بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇش تارىخى ئۇزۇن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بۇ مۇنبەردىن كۆڭلى سوۋۇغان شۇنداق بىر مەزگىللىرى بار ، ئەگەر كەلمىگەن بولسا كەلگۈسىدە چوقۇم كېلىشى مۇمكىن . مېنىڭمۇ ئۇنداق مەزگىلىم بولغان ....
ئۇ تېمىدا دىمەكچى بولغان ئىدىيە توغرا ، لېكىن ئىپادىلەش ئۇسسۇلى توغرا بولمىغان دەپ ئويلىدىم .
كېيىنكى تەكلىپىڭىزغا قارىسام ، مەن ھازىرچە بۇنىڭغا بىرنېمە دىيەلمەيدىكەنمەن . بۇ بىر چوڭ تەۋەككۈلچىلىك دەپ قارىدىم . راست ، ھازىر بەزى چەتئەل توربەتلىرىدە مۇشۇنداق ئىش يولغا قويۇلىۋاتىدۇ ، بەزى خەنچە مۇنازىرە توربەتلىرىدىمۇ يولغا قويۇلدى . بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسىمۇ زىيىنىمۇ بار دەپ ئويلىدىم . پايدىسى : بۇنداق بولغاندا ھەقىقەتەن جىدەل چىقمايدۇ . زىيىنى : بۇنداق بولغاندا ھېچقانداق مۇنازىرە بولمايدۇ . مۇنبەر بەلكىم كوت-كوت توپىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ...
|
|