ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5104 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مۇنبەردىشىمىز exaniq نىڭ (مۇنبەردىكىلەر نەگە كەتتى) دېگەن تېمىسىنى پەقەت ئوقۇپ باقمىدىم ، كۆپچىلىكنىڭ ئېنكاسلىرىدىن قارىغاندا بەك ياخشى يېزىلغان ئوخشايدۇ ، ئوقۇماسلىقىمدىكى سەۋەپ بۇنداق تېمىلار بەك كۆپ يېزىلىپ كەتتى ، مېنىڭچە يېزىلماسلىقى كېرەك ئىدى ، بۇ مۇنبەر دېگەن ئەركىن سورۇن ، كىم كىرىپ كىم چىقسا ئۆزىنىڭ ئىشى ، نېمىشقا كىرمەيدۇ ، نېمىشقا تېما ئىنكاس يازمايدۇ دەپ سۇرۇشتە قىلىشنىڭ ئورۇنى يوق ، چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ مۇنبەر ئوينايدىغان ۋە مۇنبەردىن زىرىكىپ ، يەنە بىر كۈنلىرى مۇنبەرنى تاتلىق ئەسلەيدىغان كۈنلىرى بولىدۇ ، شۇ چاغلاردا بەزىلەر قايتىپ كىلىدۇ ۋە بەزىلەرنى ھەسرەتلىك ھالدا ئەسلەپلا قالىمىز خۇددى (پورلىنى) ئەسلىگەندەك .
ئەمدى مەن پۇتۇن مۇنازىرە مۇنبەرلەرگە خاس بولغان يۇشۇرۇن خەۋىپ بولسا كۈنسايىن ئاينىۋاتقان ئۈندىدار توپى دەپ قارايمەن ، شەخسەن مۇنبەردىكىلەرنىڭ مادرىد توپى قۇرۇلغاندىن بۇيان ، شۇ يەردىن كۆڭلىمىز سۇ ئىچىپ ، پۇتبولغا بولغان قاراش ۋە ئېنكاسلىرىمىزنى شۇ يەرگە تۆكىۋاتىمىز ، ھەممىمىز بىر مەقسەت ئۇچۇن يېغىلغاچقا ئۇ يەردە بىرەر قېتىم بىرەرسىنىڭ تىللاشقانلىقىنى ياكى كۆڭۈلسىز بىرەر ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيمەن ، مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن تەھلىل باشلىنىپ ، مۇسابىقە تۈگىگەندە مۇسابىقىدىن قالغان تەسىراتلارنى ئەركىن ھالەتتە ئۇتتۇرغا قويۇپ ، ياخشى مۇنازىرە ۋە ئېسىل كەيپىياتلار شەكىللىنىۋاتىدۇ ، مۇسابىقە يوق ۋاقىتلاردا باشقا بالىلار( پىپا ) دەپ بىر ئويۇنى بار شۇنىڭ گېپىنى قىلىپ كۆڭۈل ئىچىپ ، ئا كۆيدى ماۋۇ چىقتى دەپ چوقۇرشۇپ يۈرۈيدۇ ، بۇ ئۇيۇنغا ئانچە قىزىقمىساممۇ لېكىن شۇ باللارنىڭ ئەركىن خۇشال ھالىتىدىن زوقلىنىپ ئۇلارنىڭ چوقانلىرىغا جۇر بولىمەن .
شۇڭا مەن بۇ ئۈندىدار توپىنى مۇنبەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق نەرسە دەپ قارىدىم ، بەلكىم باشقا كۇلۇپقا مەستانە بالىلارنىڭمۇ ئۆزىلىرى ئايرىم قۇرغان ئۈندىدار توپلىرى باردۇر ، ھەممە گەپنى شۇ يەردە دەپ بولسا ، يەنە مۇنبەرگە كىرىپ باشقا مەستانىلەر بىلەن سوقۇشۇپ ، كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىشنىڭ زۇرۇريىتى بارمۇ دەپ نۇرغۇن مۇنبەرداشلار ئۆزلىرىنى مۇنبەردىن تارتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن .
ئەمدى بۇ بالىلارنى قانداق قىلىپ مۇنبەرگە قايتۇرۇپ كىلىمىز دېگەندە ، مېنىڭ شەخسى پىكىرىم بۇرۇنمۇ بۇ پىكىرنى ئۇتتۇرغا قويغان ، مۇنبەرنى پارچىلاش كېرەك ، قانداق پارچىلايمىز ؟ ھەر بىر كۇلۇپ مەستانلىرىنى ئايرىم ئايرىم يەرلەرگە سولاپ قويۇپ ، ئەركىن پىكىر قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاش كېرەك . مۇنبەر ئەھلى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ .
مۇنبەرنى پارچىلاپ باشقۇرۇش سىياسىتى مېنىڭچە نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ ، ئەڭ ئاۋال قىلىدىغىنىمىز ، مۇنبەردە چەكلەنگەن پۇتۇن ئەزالارنى چەكلەشتىن بىكار قىلىپ ، ئۆزلىرى تەۋە توپقا قېتىۋېتىمىز ، ئاندىن ھەممە كۆزنەكتىكى بالىلار پۇتۇن كۈچى بىلەن ئۆزلىرى تەۋە بىرلەشمىنىڭ خەۋەر مۇنازىرە تېمىلىرىنى يازىدۇ ، بۇ چاغدا تەبئىي مۇنبەردە تېما يېزىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۇلىدۇ ، ئەڭ مۇھىم مەسىلە تېمىنى ھەر قانداق ئەزا كۆرەلەيدۇ ، لېكىن ئۇ ئەزالار ئۆزىگە تەۋە بىرلەشمىنىڭ تېمىلىرىغىلا ئېنكاس قايتۇرالايدۇ . مەلۇم بىرلەشمىنىڭ كۆزنىكىدىكى مەلۇم كۇلۇپقا مەستانە بالىلار ، ئۆزىگە تەۋە كۆزنەكتە ، قانداق ئېنكاس ۋە تېمىلارنى يېزىپ ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنى خۇش ئېيتىپ ئوينىسا باشقا بىرلەشمە ياكى كۇلۇپنىڭ بالىلىرى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشمايدۇ .
كۆزنەك ئايرىشتا ، مادرىد ، بارسىلونا ، ئېنگىلاند بىرلەشمىسى ، ئىتالىيە بىرلەشمىسى ۋە گىرمانىيە بىرلەشمىسى دەپ بەش كۆزنەك ئىچىلىدۇ ، مۇنبەرگە كىرمەكچى بولغان كىشى ئاۋال كىرىدىغان كۆزنىكىنى تاللىۋېلىپ ئاندىن باشقا مەشخۇلاتلارنى ئىلىپ بارىدۇ .
مەسلەن مادرىد كۆزنىكىگە كىرىۋالسا باشقا بىرلەشمە ياكى كۇلۇپلارنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرەلمەيدۇ ، مادرىتنىڭكىدىن باشقا خەۋەرلەرنى كۆرمەكچى بولسا چۇقۇم مادرىد كۆزنىكىدىن چېكىنىپ چىقىش كېرەك ياكى بىر نەچچە كۆزنەكنى تەڭ ئىچىۋالسىمۇ بولىدۇ ، لېكىن پەقەت ئۆزىگە تەۋە كۆزنەككىلا تېما يوللىيالايدۇ ياكى ئېنكاس قايتۇرالايدۇ .
بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەڭ مۇھىم مەسىلە مۇنبەردىكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ، مەلۇم كۇلۇپقا ياكى بىرلەشمىگە مەستانە بالىلارنى بىر يەرگە يېغىپ ، گۇڭۈر مۇڭۇر پاراڭلىششىقا ، ھال مۇڭ بولۇشقا مۇسابىقىدىكى مۇنازىرلەرنى قىلىشقا شارائىت ھازىرلىنىدۇ ، مانداق دېسەم ماۋۇ بىرلەشمىنىڭ ياكى ماۋۇ كۇلۇپنىڭ باللىرىنىڭ كۆڭلىگە تېگىپ كېتەمدۇ دېگەندەك ئەندىشىلەردىن خالى بولغىلى بولىدۇ ، ئەگەر بىرەر ياۋا مەستانە كىرىپ قالايمىقان قىلسا ، چىرايلىق دەككىسىنى بېرىپ ئۆزەڭ تەۋە كۆزنەكنى تېپىۋال دەپ چىقىرۋەتسە بولىدۇ .
يەنە بۇ ئارقىلىق پۇتبول مۇنبىرى مادرىتچىلارنىڭ مۇنبىرى بولۇپ قالدى ، مادرىتچىلارنىڭ ئەنچىلوتىنى ياقتۇرماسلىققا نېمە ئاساسى بار ، گو تېرىنىر بايرىنغا نېمە يامانلىق قىلغان ، قاراڭلار بارسىلونا ئۇتۇۋىدى خەۋەرنى يازىدىغان ئادەم چىقمىدى دېگەندەك تۇتۇرۇقسىز گەپلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
يەنە بىرىسىگە زادى بۇ مۇنبەرنى كىملەر ئاۋاتلاشتۇرۇپ ، كىملەرنىڭ قولى ھەركەتكە كەلمەۋاتىدۇ بۇنسىمۇ مانا مەن دەپ ئېنىقلا بىلىنىپ قالىدىغان ، ئاندىن ئازراق بولسىمۇ ھەركەتكە كىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ .
يۇقىرىدىكىلەر مېنىڭ شەخسى پىكىرىم ھەم چەتئەلدىكى بەزى مۇنازىرە تور بەتلىرى مۇشۇ شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا ، بۇ قارىماققا بىر - بىرىنى چەتكە قىقىشتەك ، گۇرۇھۋازلىقتەك قىلغاندەك تويغۇغا ئەكەلسىمۇ لېكىن بىزنىڭ مۇنبەرگە زادى نېمە مەقسەتتە كىردىغىنىمىزنىڭ چىقىش نۇقسىى بولۇپ قالىدۇ ، چۈنكى ھەممىمىز خۇشاللىق ۋە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىش ئۇچۇن كىرىمىز ، ھېچكىمنىڭ مۇنبەرگە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋېلىش ئۇچۇن كىرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ، مەقسەت شۇ ئىكەن يەنە نېمە ئۇچۇن ئۆزىمىزنى قېيناپ مەجبۇرى بىر يەرگە تىقىلۋېلىپ سوقۇشۇپ ئوينايمىز ؟ مۇنبەرنى پارچىلاپلا خۇشاللىق تاپساق بولمىدىمۇ ؟
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|