ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 468 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تېمىدىكى يەنە بىر يارقىن نوقتا: ئەسلى تېما ئادىرىسىنىڭ قالدۇرۇلۇشى، مېنىڭچە ھەر بىر تېما يوللىغۇچى تېما يوللىغاندا مۇشۇ قائىدىگە ئەمەل قىلسا ھەر جەھەتتىن ياخشى بولاتتى. 1. ئەسلى قەلەم تەۋرەتكۈچىنىڭ ئەمگىكىگە، ئەجرىگە ھۆرمەت قىلغان بولىمىز، بۇنىڭ ئۆزى ئەڭ ئەقەللى بولغان ئەخلاق ئۆلچىمى. بىزدىكى « سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما» دېگەن ھېكمەتمۇ دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىن. 2. ئەسلى تېما ئادىرىسى قالدۇرۇپ قويۇلغاندا، يېڭىدىن تېما يېزىشقا قىزىقىۋاتقانلارنىڭ «ئەسلى تېما» بىلەن «تەرجىمە تېما» نى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ، تەرجىمە ماھارىتى، تەرجىمە ئۇسلۇبى شۇنداقلا ھەرخىل ئىسىم، ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىش جەھەتلەردە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشقا تولىمۇ پايدىلىق ئىش. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مۇنبەردىكى يېڭى تېمىلارنىڭ، تېما يازغۇچىلارنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن تىز سۈرئەتتە ئىشىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. 1. شۇڭا يېڭىدىن تەرجىمە تېما يوللىغانلار ئېغىر كۆرمەي ئەسلى تېما ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار… 2. مۇنبەر ئاتامانلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارمۇ تېما تەستىقلىغاندا مۇشۇ نوقتىغىمۇ دىققەت قىلىپ قويساڭلار دېگەن ئۈمىددىمەن. |
|