ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 1036 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تۈركلەرنىڭ تەلىيى كەلدى، قازاقلارغا رەھمەت ئىيتىشى كىرەك.
F گورۇپپىدا ھونگىرىيە 3- ئورۇندا، ئېرىشكەن نۇمۇرى 16. ئەڭ ئاخىردىكى كوماندا گىرىتسىيە بىلەن بولغان ئىككى قىتىملىق ئۇچرىشىشتا بىر ئۇتتۇرۇپ بىر تەڭلەشكەن، ئېرىشكەن نۇمۇرى 1 . شۇنداق بولغاندا ھونگىرىيەدىن بىر نۇمۇر ئېلىۋەتسە ئېرىشكەن نۇمۇرى 15 بولۇپ ئەڭ ياخشى 3 بولغان بولاتتى . قالغان گورۇپپىدىكى 3- بولغان كوماندىلارنىڭ گەرچە نۇمۇرى 18،19 بولسىمۇ ئەڭ ئاخىردىكى كوماندىدىن 6 نۇمۇرنى يۇلۇپ ئالغان، ئالتە نۇمۇرنى ئېلىۋەتسە 12،13 بولۇپ ھونگىرىيەدىن تۆۋەن تۇرىدۇ.
ئەمدى تۈركىيەگە كەلسەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىۋاستە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشكىنىنىمۇ بىلمەيتى. قازىقىستان مىھمان ھالەتتە لاتۋىيەنى ئۇتۇپ گورۇپپىدا 5- ئورۇنغا تېزىلدى. ناۋادا تەڭلەشكەن ياكى ئۇتتۇرغان بولسا 6-لىك ئورۇنغا تېزىلاتتى. بۇنداق بولغاندا تۈركىيە قازىقىستان بىلەن بىر تەڭلىشىپ بىر ئۇتقان 4 نۇمۇرنى ئېلىۋەتسە 14 نۇمۇر بىلەن ھونگىرىيەنىڭ ئارقىدا قالاتتى ۋە يىرىم ساننى تالىشىش جېڭىگە چۈشەتتى.
تۈركىيەنىڭ تەلىيىگە قازىقىستان ئۇتىۋىلىپ 5-لىك ئورنىغا چىقىپ لاتۋىيەنى 6-لىك ئورنىغا چۈشۈرۋەتتى، تۈركىيە لاتۋىيە بىلەن مىھمان ساھىپخان ھالەتتە تەڭلەشكەن، ئېرىشكەن نۇمۇرى 2. تۈركىيەنىڭ ئومومى نۇمۇرى 18 دىن 2 نى ئېلىۋەتسە 16 نۇمۇر بىلەن باشقا 3-لىك ئورنىدىكى رەقىپلىرىنى يىڭىپ ئەڭ ياخشى 3-بولغان كوماندا سالاھىيتى بىلەن فىرانسىيەنىڭ بىلىتىنى قولغا ئالدى. |
|