elan ornielan orni
كۆرۈش: 2805|ئىنكاس: 85

2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى يېڭىلىقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-14 18:20:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-15 14:18  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

5898d531dcc8ae95d0a2f06e3a77f790.jpg


ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ھەققىدە


بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىلەرنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كېلەر يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى گۇرۇپ مۇسابىقىسىگە بىۋاستە قاتنىشىدىغان فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە... تۈركىيە قاتارلىق 20 كوماندا تاللاپ چىقىلدى، ئۆتكەن يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا 3- بولغان گوللاندىيە كوماندىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسدە بىۋاستە شاللىنىپ قالدى.

‏ 2016-يىلى فىرانسىيەنىڭ بېلىتىنى ئالغان 20 كوماندا ۋە قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئوينايدىغان 8 كوماندا تۆەندىكىچە

‏A گۇرۇپپا: چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە ئىسلاندىيە
‏B گۇرۇپپا: بېلگىيە ۋە ۋېلىس
‏C گۇرۇپپا: ئىسپانىيە ۋە سىلوۋاكىيە
‏D گۇرۇپپا: گىرمانىيە ۋە پولشا
‏E گۇرۇپپا: ئېنگىلاند ۋە شىۋىتسارىيە
‏F گۇرۇپپا: شىمالى ئېرلاندىيە ۋە رومىنىيە
‏H گۇرۇپپا: ئاۋىستىرىيە ۋە روسىيە
‏G گۇرۇپپا: ئىتالىيە ۋە كىرودىيە
‏J گۇرۇپپا: پورتۇگالىيە ۋە ئالبانىيە

‏ تۈركىيە كوماندىسى 9 گۇرۇپپا ئىچىدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى 3-بولغان كوماندا بولدى.

‏  قالغان 8 گۇرۇپپىدىكى 3-بولغان بوسنىيە، ئوكرائىنا، ئېرلاندىيە، سىلوۋىنىيە، ۋېنگىرىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە ۋە دانىيە قاتارلىق 8 دۆلەت چەك تارتىش ئارقىلىق رەقىبلىرى بەلگىلىنىدۇ.

  كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى بولسا تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ ياخشى 3- بولغان كوماندا سۈپتىدە بىۋاستە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشكىنى بولدى، تۈركىيە كوماندىسى 5 ئۇتۇپ، 3 تەڭلىشىپ، 2 ئۇتتۇرۇپ جۇغلانما نۇمۇرى 18 بولغان، ئەمما C گۇرۇپتىكى 6 ئۇتۇپ، بىر تەڭلىشىپ، 3 ئۇتتۇرۇپ 19 نۇمۇرغا ئېرىشكەن 10 ساپ توپقا ئىگە ئۇكرائىنا، H  گۇرۇپتىكى 6 ئۇتۇپ، بىر تەڭلىشىپ، 3 ئۇتتۇرۇپ 19 نۇمۇرغا ئېرىشكەن 1 ساپ توپقا ئىگە نورۋىگيە، D گۇرۇپتىكى 5 ئۇتۇپ 3 تەڭلىشىپ ، 2 ئۇتتۇرۇپ 18 نۇمۇرغا ئېرىكەن 12 ساپ توپقا ئىگە ئېرلاندىيە، G گۇرۇپتىكى 2 ئۇتتۇرۇپ 18 نۇمۇرغا ئېرىشكەن6 ساپ توپقا ئىگە شىۋىتسىيە كوماندىلىرى تاللىنالمىغان، شىۋىتسىيە ۋە ئېرلاندىيەنىڭ نۇمۇرى تۈركىيەنىڭ نۇمۇرى بىلەن تەڭ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ساپ توپ كۆپ.

  قائىدىدە مۇنداق بېكىتىلگەن، ئالدىنقى 8 گۇرۇپپا 6 كوماندىدىن تەركىب تاپىدۇ، I گۇرۇپپا 5 كوماندىدىن تەركىب تاپىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشى 3- بولغان كوماندىنى تاللاشتا، ئالدىدىكى 8 گۇرۇپپىدا 3-بولغان كوماندىنىڭ نەتىجىسىدىن شۇ گورۇپتا ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان كوماندا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنى ئېلىۋىتىدۇ.

قائىدە بويىچە بولغاندا تۈركىيە كوماندىسىنىڭ تەلىيى كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ، تۈركىيە گۇرۇپتا ئاخىرىغا تىزىلغان لاتىۋىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئاران 2 نۇمۇرغا ئېرىشكەن بولۇپ، تۈركىيەنىڭ نۇمۇرىدىن 2 نۇمۇرنى ئېلىۋەتسەك ئاخىرىدا ئېرىشكەن نۇمۇرى 16 بولىدۇ، ئەمما ئۇكرائىنا گۇرۇپپىسىدا ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان ماكىدونىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قوش ئۇتۇپ 6 نۇمۇرغا ئېرىشكەن بولۇپ، 6 نۇمۇرنى چىقىرۋەتسەك ئېرىشكەن نۇمىرى 13 بولىدۇ، ئوخشاش ئۇسۇلدا كەلتۈرۈپ چىقارساق نورۋىگىيە 13 نۇمۇرغا، ئېرلاندىيە بىلەن شىۋىتسىيە 12 نۇمۇرغا ئېرىشكەن بولىدۇ.

  قارىغاندا تۈركىيە كوماندىسىنىڭ گۇرۇپتىن چىقىش ئەندىزىسى گۇرۇپتىن چىقىش ئۈچۈن ئاجىز كوماندىلارنى قويۇپ بېرىش، كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن جان تىكىشىش بولسا كېرەك.

گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ۋە شاللاش مۇسابىقىسى ھەققىدە



  2016-يىللىق فىرانسىيە ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان كوماندىلار ئەسلىدىكى 16 دىن 24 كە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، 36 مەيدان گۇرۇپ مۇسابىقىسى ۋە 15 مەيدان شاللاش مۇسابىقىسى بولۇپ جەمئى 51 مەيدان مۇسابىقە ئوينىلىدۇ، كوماندىلار 4 تىن 6 گۇرۇپپىغا بۆلىنىدۇ.

ئىلگىرى 16 كوماندا ئوينىغاندا، 4 تىن 4 گۇرۇپقا بۆلۈنگەن، ھەر بىر گۇرۇپتىن نۇمۇرى ئالدىدىكى ئىككى كوماندا گۇرۇپتىن چىقىپ 8 كۈچلۈكنى تەشكىل قىلغان، 8 كوماندىدىن 4 كۈچلۈك تاللاپ چىقىلغان، 4 كۈچلۈكتىن ھەلقىلغۇچ ئوينايدىغان ئىككى كوماندا تاللاپ چىقىلغان، ۋە ئاخىرىدا چىمپىيون بارلىقققا كەلگەن.

  بۇ يەردە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر مەزمۇن بار. بۇ قېتىم 24 كوماندىغا كېڭەيتىلگەندىن كېيىن ئوخشاشلا تۆتتىن 6 گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، ئەمما ئىلگىركىدەك ھەر بىر گۇرۇپتىن ئىككى كوماندا چىقسا، ئاخىردا 12 كۈچلۈك كوماندا بارلىققا كېلىپ، 12 كۈچلۈكتىن 6 كۈچلۈك، 6 كۈچلۈكتىن 3 كۈچلۈك چىقىپ قالاتتى. ئەلۋەتتە يېرىم ھەل قىلغۇچنى قانداقمۇ 3 كوماندا بۇرۇنقىدەك شاللاش مۇسابىقىسى قىلىپ ئوينىغىلى بولسۇن؟ ئايلانما مۇسابىقە قىلغان ھالەتتە قىزغىنلىق ۋە قاتتىق ھاياجاننىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇدە؟ ئەمسە قانداق قىلىش كېرەك؟

  قائىدىدە، گۇرۇپتىن 12 كوماندا ئەمەس 16 كوماندا چىقىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن، شۇنداق بولغاندا 16 كۈچلۈك، 8 كۈچلۈك، 4 كۈچلۈك، چىمپىيون بولۇپ مۇسابىقە تەرتىۋى نورمال بولاتتى. ئەمما 6 گۇرۇپتىن قانداقسىگە 16 كوماندا چىقىدۇ؟

  بۇ ئۈستىدىكى تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىغا بىۋاستە قاتنىشىش سالاھىيتىنى قولغا كەلتۈرگىنىگە ئوخشاپ قالىدۇ، يەنە 6 گۇرۇپتىن ئالدىنقى ئىككى كوماندا چىقىپ 12 كوماندىنى تەشكىل قىلغاندىن سىرت، ئىپادىسى ئەڭ ياخشى 3- بولغان كوماندىدىن 4 كوماندا تاللاپ چىقىلىپ، ئالدىدا تاللانغان 12 كوماندا بىلەن 16 كوماندىنى تەشكىل قىلىدۇ.

  ئەگەر گۇرۇپتتا نۇمۇرى ئوخشاش بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئاۋال ئۆز ئارا تۇتۇشقاندىكى نەتىجىگە، كېيىن ساپ توپقا، ئۇنىڭدىن كېيىن كىرگۈزگەن توپىغا، ئادىل مۇسابىقىلشىپ ئېرىشكەن نۇمۇرىغا، ئەڭ ئاخىرىدا ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تىزغان رەت تەرتىپكە قارايدۇ. ئىپادىسى ياخشى 3-بولغان كوماندىنى ئايرىشتىمۇ ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىدۇ.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-10-14 20:39:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركلەرنىڭ تەلىيى كەلدى، قازاقلارغا رەھمەت ئىيتىشى كىرەك.

F گورۇپپىدا ھونگىرىيە 3- ئورۇندا، ئېرىشكەن نۇمۇرى 16. ئەڭ ئاخىردىكى كوماندا گىرىتسىيە بىلەن بولغان ئىككى قىتىملىق ئۇچرىشىشتا بىر ئۇتتۇرۇپ بىر تەڭلەشكەن، ئېرىشكەن نۇمۇرى 1 . شۇنداق بولغاندا ھونگىرىيەدىن بىر نۇمۇر ئېلىۋەتسە ئېرىشكەن نۇمۇرى 15 بولۇپ ئەڭ ياخشى 3 بولغان بولاتتى . قالغان گورۇپپىدىكى 3- بولغان كوماندىلارنىڭ گەرچە نۇمۇرى 18،19 بولسىمۇ ئەڭ ئاخىردىكى كوماندىدىن 6 نۇمۇرنى يۇلۇپ ئالغان، ئالتە نۇمۇرنى ئېلىۋەتسە 12،13 بولۇپ ھونگىرىيەدىن تۆۋەن تۇرىدۇ.
ئەمدى تۈركىيەگە كەلسەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىۋاستە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشكىنىنىمۇ بىلمەيتى. قازىقىستان مىھمان ھالەتتە لاتۋىيەنى ئۇتۇپ گورۇپپىدا 5- ئورۇنغا تېزىلدى. ناۋادا تەڭلەشكەن ياكى ئۇتتۇرغان بولسا 6-لىك ئورۇنغا تېزىلاتتى. بۇنداق بولغاندا تۈركىيە قازىقىستان بىلەن بىر تەڭلىشىپ بىر ئۇتقان 4 نۇمۇرنى ئېلىۋەتسە 14 نۇمۇر بىلەن ھونگىرىيەنىڭ ئارقىدا قالاتتى ۋە يىرىم ساننى تالىشىش جېڭىگە چۈشەتتى.
تۈركىيەنىڭ تەلىيىگە قازىقىستان ئۇتىۋىلىپ 5-لىك ئورنىغا چىقىپ لاتۋىيەنى 6-لىك ئورنىغا چۈشۈرۋەتتى، تۈركىيە لاتۋىيە بىلەن مىھمان ساھىپخان ھالەتتە تەڭلەشكەن، ئېرىشكەن نۇمۇرى 2. تۈركىيەنىڭ ئومومى نۇمۇرى 18 دىن 2 نى ئېلىۋەتسە 16 نۇمۇر بىلەن باشقا 3-لىك ئورنىدىكى رەقىپلىرىنى يىڭىپ ئەڭ ياخشى 3-بولغان كوماندا سالاھىيتى بىلەن فىرانسىيەنىڭ بىلىتىنى قولغا ئالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-14 20:53:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋرۇپادىكى 53 كوماندىنى 9 گۇرۇپپىغا ئايرىغاندا ئالدىنقى 8 گۇرۇپتا 6 ئاخىرقى بىر گۇرۇپتا 5 كوماندا قالىدۇ. ئېرىشكەن ئومومى نۇمۇرنى جەملىسە ئاخىرقى گۇرۇپپىغا ئادىللىق بولمايدۇ. شۇڭا قالغان 8 گۇرۇپپىدىكى 3-بىلەن 6-نىڭ ئۆز-ئارا ئۇچراشقان نەتىجىسىنى ئېلىۋېتىپ نۇمۇر ھىسابلاپ ئەڭ ياخشى 3-نى بېكىتكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-14 18:25:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شۇنچە ئوقۇپمۇ چۈشنەلمىدىميا ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-14 18:28:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گوللاندىيەنىڭ ئادەملىرى شۇنچە ناچارلاپ كەتتىما..ئۆز مەيدانىدا چېخقا  ئىسلاندىيەگە ئۇتتۇرۇپلا 6 نومۇردىن قۇرۇق قالدى..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-14 18:28:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
!ئۇف  ئاخىرى چۈشەندىم   ئەمدى كىلەر يىلى تۈركىينىڭ كىيمىنى كىيىدىكەنمەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-14 18:29:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسكار يوللىغان ۋاقتى  2015-10-14 18:25
مەن شۇنچە ئوقۇپمۇ چۈشنەلمىدىميا ؟

قائىدە بىلەن ئاستىدىكى مىسالنى ئوبدان ئوقۇسىلا.

3- بولغان كوماندىدىن  شۇ گۇرۇپتا ئاخىرىغا تىزىلغان كوماندىنىڭ نۇمۇرىنى ئېلىۋەتمەيدۇ، 3- بولغان كوماندا شۇ گۇرۇپتىكى ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان كوماندا بىلەن بولغان ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىدە ئېرىشكەن نۇمۇرىنى ئېلىۋىتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-14 18:31:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10ئادەملىك چىخ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-14 18:34:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2015-10-14 18:29
قائىدە بىلەن ئاستىدىكى مىسالنى ئوبدان ئوقۇسىلا.

3- بو ...

راس گەپ قىلسام شۇنداق قىلىش خۇش ياقمىدى.   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-14 18:36:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ قىلغىنىڭلار ياخشى بولدى مانا !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-14 18:41:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8 كوماندا قانداقسىگە 6 گۇرۇپپا بولىدۇ، ھەربىر گورۇپپىغا بىر كوماندىدىنمۇ توغرا كەلمەيدىكەنغۇ. ھەربىر گۇرۇپپىغا 6 كوماندىدىن ئالدىنقى 8 گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى بىر گۇرۇپپىغا 5 كوماندا دېسىمۇ توغرا بولاتتى ئەسلى. شۇنداقمۇ زېرەكۋاي...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-14 18:41:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاران چۈشەندىم، ئوكرائىنا، نورۋىگيە، شىۋىتسىيە، ئىرلاندىيە قاتارلىقلار ئاجىزلارنى ئۇتۇپ نۇمۇر جۇغلىغان بولسا تۈركىيە كۈچلۈكلەرنى ئۇتۇپ نۇمۇر جۇغلىغان. شۇڭا ئەڭ ياخشى 3- بولغان كوماندا بولۇپ ياۋروپا لوڭقىسىغا تاللانغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-14 18:42:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فاتىف تېرىم يامان پىلان تۈزۈۋاپتۇ ھە ، مۇنداق قائىدىمۇ بار دەڭلا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-14 18:43:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازاقىستانغا كۆپ رەھمەت  ئېيتسا بولىدۇ ، ئەڭ ئاخىرقى مەيداندا قازاقلار لاتۋىيەنى ئۇتمىغان بولسا ،قازاقلا گۇرۇپتا 6- بولاتتى، ئۇ چاغدا تۈركىيەمۇ ئەڭ ياخشى 3- بولالمايتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 18:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش