ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2666 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابلەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-17 23:03
مەن بۇ مۇنبەرگە ئاياغ باسقاندىن بېرى مىلان توغرىسىدا ئۇچراتقان ئەڭ سەۋىيەلىك، ئەڭ مۇكەممەل شۇنداقلا مىلاننى ئۇستا قاسساپنىڭ راۋۇرۇس پىچىقىدا ئوپراتسىيە قىلغان تېما بولۇپتۇ... ئىشىنىمەنكى، بۇ يەنە بىر كۇلۇبنىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيانقى نۇرغۇن كىرزىسىگە تولۇق جاۋاب بېرەلىگەن بىردىنبىر مۇپسسەل تېما بوپتۇ. تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردە ياكى ئۇستاتلىق، ياكى بەك چېكىدىن ئاشقان چۈشىنىشسىزلىك يوق يەنى قانداقتۇر 451 نى ئەپلەشتۈرەلمەي قالدىيەي، پالانىنى ئوڭغا تارتىپ، پوكۇنىنى سايە ھۇجۇمچى قىلىپ، پوكۇنىنى ئىككى سائەت ئوشۇق ئارام ئالدۇرۇپ، پالانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ۋاقتىدا قىلىپ بەرسە بولىتىيەي، دەيدىغان ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان ئۇستاتلىق يوق... كۇلۇبنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ نېگىزلىك سەۋەبى ۋە بۇنىڭ مۇقەرەررلىكى ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن...
ئەپسۇس، مىلاننى ھەقىقىي چۈشىنىدىغانلار، بىر كۇلۇبنىڭمۇ دۇنيادىكى بارچە مەۋجۇدادقا ئوخشاش گۈللىنىدىغان ۋە خارابلىشىدىغان مەزگىلىنڭمۇ بولىدىغانلىقىدەك ئالەمشۇمۇل ھېكمەتنى چۈشىنىدىغانلار تازا كۆپ بولمىغاچقا مەزكۇر تېمىغا ھەقىقىي نېگىزلىك پىكىر كۆپ چۈشمەپتۇ...
مېنىڭ قارىشىم تولىمۇ زىددىيەتلىك:
1. بۇ خىل ھالەتتە ئىنزاگىغا ئامال يوق. كۇلۇب توپچى ئەكىلىشكە كۈچىمىسە نە ئامال. بىر ئىنكاستا دېيىلگەندەك گۇئادىئولاغىمۇ ئامال بولماسلىقى مۇمكىن. سەۋزە بىلەن گۆش بەرمەي پولۇ ئەت دېسە تازا بولماس.
2. ئىنزاگى ئەپلەشمىدى. ۋىروس يۇقىرىقى ئىنكاسىدا دېگەندەك مىلاننىڭ ھازىرقى ئادەملىرىنى ئۇنچىلىك ناچار دېسەكمۇ بولماس. ھەرقانچە بولسىمۇ ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرسە بولار ئىدى....
3. دېمەك، يېرىم گۇناھ كۇلۇبتا، يېرىم گۇناھ ئىنزاگىنىڭ ياشلىقىدا، تېخى كىچىكلىكىدە.... |
|