بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-17 22:15
توققىزىنچى بېگىمنىڭ تەبەسسىۇمى نەگە كەتتى
ھەممە پۇتبول مەستانىللىرگە مەلۇم بولسا كېرەك ئاخشام مىلەن كۇلۇبى فىلورىنساغا ئۇتتۇرغاندىن كىيىن ئىنزاجى يىتەكلىگەن قىزىل - قارا قوشۇن 25 مەيدان مۇسابىقىدە 35 نومۇر ئېلىشتەك 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار نەتىجىنى ياراتتى . ھەر قايسى تاراتقۇلارمۇ بەس - بەستە مەشقاۋۇل ئىنزاجىنىڭ ئىشتىن چۈشىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر بېرىشتى . ئۇنداقتا ياۋرۇپادا قالتىس شۆھرەت قازىنىپ ‹‹ مىلەن خاندانلىقى ›› دىگەن نامنى ئالغان بۇ قوشۇننىڭ ھازىرقىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى مەسئۇلىيەت مەشقاۋۇل ئىنزاجىدىمۇ ياكى توپچىلاردىمۇ ۋە ياكى كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمىدىمۇ ...؟ ئەينى دەۋىردە جاھانغا نامى تارالغان توققىزىنچى بىگىم ( ئىنزاجىنى دىمەكچى ) شۇنداق ئىقتىدارسىزمۇ ؟ ئۇ بۇ قېتىم قانداق قىسمەتلەرگە يولۇقتى ... ئەگەر قىزىقساڭلار ‹‹ بوۋاي›› نىڭ ئۇشبۇ تەرجىمە تېمىسىغا نەزىرىڭلارنى ئاغدۇرۇڭلار ...
1. بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە يۈكسەك ئىشەنچ ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان قىزغىنلىق بىلەن مىلەن بىرىنچى سەپ كوماندىسنىڭ قامچىسىنى قولىغا ئالغان ئىنزاجى ھازىر چاچلىرى ئاقارغان ھارغىن چىراي بوۋايغىلا ئايلىنىپ قالاي دېدى . ئۆتمىشتىكى مىلەن خاندانلىقىنى قۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقان ئۆز قابىلىيىتى بىلەن پۈتۈن ئوفسايىت رايونىنى تولۇق كونتىرول قىلغان توققىزىنچى بىگىم نەلەرگە كەتتى .
2. پەسىلنىڭ بېشىدىكى قىسقا مەزگىللىك كەسكىن ، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان مۇسابىقىلەر ئاياقلاشقاندىن كىيىن توققىزىنچى بىگىم قۇماندانلىقىدىكى ac مىلەن كوماندىسى بۈگۈنكى كۈندە بىر مەغلۇبىيەتچى قوشۇن بولۇپ قالدى . ئالدىنقى كۈنى داڭلىق CNN ژورلىنىڭ باش بېتىگە مىلەن مەستانىللىرىنىڭ ‹‹ بىز نىمىشقا چىرايىدىن ھارغىنلىق ، چارچاش چىقىپ تۇرغان ۋە چاچلىرى ئاقارغان ئىنزاجىنى كۆرىمىز . پەسىل بېشىدىكى چىرايىدىن جاسارەت چىقىپ تۇردىغان قوماندان نەگە كەتتى ... ؟›› دېگەندەك ھەرخىل يۈرەك سۆزلىرى بېسىلدى .
3 . ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان يېرى گەرچە ئىنزاجى كەسپى ھاياتىدا نۇرغۇن شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كۇلۇپقا ئۆچەس تۆھپىلەرنى قوشقان بولسىمۇ ، ئەمما ئىنزاجى تېرنىرلار سېپىگە يېڭى قوشۇلغان ئەھۋال ئاستىدا ac مىلەندەك دۇنياۋى كۇلۇپقا باش تېرنىر بولۇش سالاھىتى ئەسلا يوق ئىدى . ئەمما پەسىل باشلىنىپ بۈگۈنگىچە توپ مەستانىلىرىمۇ دىققەت قىلغان بولسا كىرەك . كۇلۇپ رەئىسى گالىيانىنىڭ ھەر يەرلەردىن ھەقسىز توپچى قوشۇۋېلىش ۋە ياشقا چوڭ توپچىلارنى قوشۋېلىش ئىستىراتىگىيىسى قوشۇلۇپ ياردارلارنىڭ كۆپۈيۈپ كىتىشى قىزىل قارا قوشۇننىڭ جەڭگۇۋارلىقىنى ئاجىزلاتقان تۈپ ئامىل بولۇپ قالدى دىسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ . بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى بۇ قېتىم ئىنزاجى پەقەت ۋە پەقەت قۇربانلىق قوي ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى خالاس .
4 . بۇ پەسىللىك كۇلۇپ رەھبەرلىرى يىغىنىدا گالىيانى ، بارا بارا ، ئىنزاجى قاتارلىق ئۈچ ئادەم كۇلۇپنىڭ ئىنزاجى باشچىلىقىدا يېڭى بىر ئەۋلاد مىلەن خاندانلىقىنى قۇرۇشنى مەسلەھەتلەشكەن ئىدى .
5 .گەرچە بارا بارا بىلەن گالىيانىنىڭ تاشقى جەھەتتىن قارىغاندا ھېچقانداق ئىچكى زىدىيىتى يوقتەك بولسىمۇ ، ئەمما بۇلار ئوتتۇرسىدىكى يوشۇرۇن ئىچكى زىدىيەت كۇلۇپ تەرەققىياتىغا ئىزچىل دورىسىز جاراھەت بولۇپ قالغان ئىدى . بۇ پەسىل ئالدىنقى پەسىلدىكىدەك تالاش تارتىش كۆپ بولمىسىمۇ ئەمما ئىنزاجىنىڭ تېرنىرلىق سەۋيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەم ئىككى كاتتاباش ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى زىدىيىتىنى يوقاتقىدەك كۈچىنىڭ بولماسلىقى سەۋەپلىك كۇلۇپ نەتىجىسى يەنىلا تۆۋەنلەپ كەتتى .
6.گالىيانىنىڭ قاقۋاشلىق ئىستىراتىگىيىسى ئاساسىدا مىلەنگە ھەقسىز قېتىلغان ‹‹ نامى ئۇلۇغ سۇپىرىسى قۇرۇق ›› توپچىلار مائىشنى ئېلىشتىن باشقا ، سەۋىيە ۋە قابىلىيەت جەھەتتە كوماندىغا ھېچقانداق بىر ئۆزگىچىلىك ۋە غەلبە ئېلىپ كىلەلمىدى . ئەڭ مۇھىمى شۇكى بۇ بىر تۈركۈم ئىجارە شەكلىدىكى توپچىلار قىزىل قارا قوشۇنغا قىلچە مېھرى يوق ئەھۋال ئاستىدا كىلەر پەسىل كىمنىڭ كۇلۇپ ئۈچۈن كۈچ چىقىرالىشى جان تىكىپ مۇسابىقە ئوينىشى كۇلۇپقا نىسبەتەن قاراڭغۇ ئىدى .
7. ئالدىنقى پەسىل بىرلوسكۇنى تورىسنى قېتىۋېلىپ يەنە بىر قېتىم چولپان ئىستىراتىگىيىسىنى قوللانغاندەك قىلغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئالتۇن ئۆسمۈر يېرىم پەسىلدە 1 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىنى يارىتىپ ئاخىرىدا كۇلۇپ تەرەپنىڭ ۋاز كېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ھازىر قارايدىغان بولساق تورىس ، بىرلوسكۇنى ۋە گالىيانىنىڭ مەستانىلەرگە بەرگەن دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان كىرگۈزۈپ كوماندىنى كۈچلەندۇرۈش ۋەدىسىنىڭ ئاخىرقى يەكۈنى ۋە تىپىك ۋەكىلى بولۇپ قالدى .
8.پەسىل بېشىدا مىلەن مەستانىللىرى ئىنزاجى توپچى ۋاقتىدىكىدەك ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ، كەسكىن مۇسابىقىلەرنى كۈتىۋالدى . شاۋارى ، خوندا مىنىز قاتارلىق ئالدى مەيدان توپچىللىرىنىڭ قالتىس ئىپادىسنى جارى قىلدۇرۇپ توختىماي توپ كىرگۈزۈشى نەتىجىسىدە بىرلەشمە نومۇر تاختىسىدا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى .
9.شۇ ۋاقىتلاردا ئىزاجى مەيدان ئەتراپىدا توپچىلىق ھاياتىدىكىدەك چەكسىز ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمگەن ، ھەر قايسى ئىتالىيە تاراتقۇللىرى بولسا ‹‹ ئەگەر ئىنزاجى ئۇچىسىدىكى كاستىيوملىرىنى كەيمىگەن بولسا ، شاگىرتلىتىنىڭ توپ كىرگۈزگەنلىكىدىن چەكسىز ھاياجانلىنىپ ئىشلىگەن قول ھەركەتلىرى ۋە تەبرىكلەش ھەركەتلىرىدىن سىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىر تېرنىر ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز . . . ›› دە خەۋەر بېرىشكەن ئىدى .
10.ئىنزاجىنىڭ قوشۇنى پەسىل بېشىدىكى ئىككى ئايلانما ئۇدا غەلبە قىلغاندىن كىيىن قارىماققا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققاندەك كۆرۈنسىمۇ ، ئەمما ئۈچۈنچى ئايلانمىدا ساھىپخان ھالەتتە تاغىل ئات قوغۇنىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى . بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كىيىنمۇ تاشقى دۇنيا يەنىلا توپچىلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى ماختاشقان ئىدى .
11. گالىيانىنىڭ كىرگۈزگەن چولپان دەرىجىسىدىكى يادرولۇق شەخس خوندانىڭ پەسىل بېشىدىكى قالتىس ئىپادىسى ، ئوتتۇرا مەيداندىكى ئۆلچەملىك پاسلىرى ۋە ئەجەللىك توپ ئۇرۇشلىرى ئۇنى دەسلەپكى قەدەمدە كوماندىنىڭ چوڭ مىڭىسىگە ئايلاندۇردى .
12 .ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى ، ئىنزاگىنىڭ ھالسىراۋاتقان مىلاننى يېتەكلەپ جەڭ قىلىش ئۇسۇلى بولسا بەكلا ئاددى ھەم ئەنئەنۋى بولغان ئۇزۇن پاس شەكلى ئىدى . بىكلەر بىلەن ئوتتۇرا مەيدان توپچىللىرى ماسلىشىپ ئوتتۇرا مەيداندىن ئۇزۇن پاس ئارقىلىق ئالدى مەيداندىكى ئۈچ ھوجۇمچىدىن تۈزۈلگەن رايونغا توپ تاشلايتى . ئۈچبۇرجەك رايوندا گەرچە شاراۋى ، مىينىز ۋە خوندا قاتارلىق ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توپچىلار بولسىمۇ مۇداپىيەنى ئاساس قىلىپ ئوينايدىغان ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە توپ ئالغاندىن كېيىن يالغۇز بىر تەرەپ قىلىش ۋە بۆسۈپ كىرىپ توپ ئۇرۇش پۈتۈنلەي شىرىن چۈش كۆرگەنلىك بىلەن باراۋەر ئىدى .
13. شاراۋىنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقى ھەممىنى قايىل قىلغان بولسىمۇ ئەمما كەينى كەينىدىن يارلىنىشى قايتىدىن باش كۆتۈرىۋاتقان مىلەن كومادىسى ئۈچۈن قاخشاتقۇچ زەربە بولۇپ قالدى . مىلەن ئارقا سەپ خىزمىتىدىكى كەمچىللىك ۋە داۋالاشقا بولغان خىراجەتنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى دەل ۋاقتىدا ئەمىلىلەشمەسلىكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە توپچىلارنىڭ بىر بىرلەپ مەيداندىن ئايرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
14 . بۇ پەسىل بىرىنچى سەپ كوماندىسىدىكى توپچىلارنىڭ تولىسى يارلىنىپ قېلىشى يارلانغاندىن كىيىنمۇ ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئەسلىگە كىلىپ بولالماسلىقى ،بىرىنچى سەپ كوماندىسى ئۈچۈن چوڭ خېيىم -خەتەر ۋە يوقىتىش بولۇپ قالدى دىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتكەنلىك بولمايدۇ .
15. مەشقاۋۇل ئىنزاگى ياشلار كوماندىسىغا تەۋە بىر قانچە توپچىلار توغرۇلۇق ‹‹ مەن 23 كىشىلىك چوڭ تىزىملىكتىن بىرەرسىنىڭمۇ ئىپادىسىدىن رازى ئەمەس ›› دەيدۇ . ئالدىنقى بىر ئايلانمىدا مىلەننىڭ ۋېرناغا ئۇتتۇرغىندىن قاتتىق ئەپسۇسلانغان بۇ ياش مەشقاۋۇل مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئىتالىيلىك داڭلىقلارنىڭ پىكىرىگە نىسبەتەن پەقەت ‹‹ بىز قانداق قىلىمىز ، ... ›› دەپلا جاۋاپ بېرىدۇ . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ھازىرقىدەك ئەھۋال ئاستىدا بۇ كىلىشكەن 9 - بېگىمنىڭ مىلەن كوماندىسىنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچقانداق ئامالى قالمىغان ئىدى .
16.ئالدىنقى ھەپتە كۇلۇپ رەئىسى گالىيانى ئىنزاجى ۋە كۇلۇپ داۋالاش خىزمىتىگە مەسئۇل مۇتەخەسىسلەر بىلەن ئىككى قېتىم سۆھبەتلىشىپ داۋالاش خىزمىتىدىكى كەمچىللىك ۋە يارلانغان توپچىلارنىڭ ئەسلىگە كىلىپ بولالماسلىقىدىكى تۈپكى سەۋەپنى تېپىپ چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق پىكىرلەشتى .
17 . ھازىر قارايدىغان بولساق مەشقاۋۇل ئىنزاجىنىڭ قىزغىنلىق ھېسىياتلىرى ھېلى ھەم بار ئەمما مىلەن كوماندىسىنىڭ پەسىل بېشىدىكدەك جەڭگۈۋار ھالىتى ئاللا بۇرۇن چېكىنىپ كەتكەن ئىدى . پەسىل بېشىدىكى مىلەن كوماندىسى بىر غالىپ قوشۇنغا ئوخشىسا ھازىرقى مىلەن كوماندىسى بىر ھاسىرىغان مەغلۇبىيەتچى قوشۇنغا ئوخشاپ قالدى .
18. ئىلگىرى ئون نەچچە يىل مىلەن ئۈچۈن توپ تېپىپ قالتىس شانۇ -شەۋكەتلەرگە چۈمۈلۈپ كەتكەن ، كىلىشكەن ، ئوچۇق - يورۇق توققىزىنچى بىگىم بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە جىمغۇر ، ھارغان چىراي كىشىگە ئايلىنىپ قالدى . ئۇ ھازىرمۇ كىلىشكەن ، ئۇ ھازىرمۇ مىلەندە ، ئەمما بۇ قېتىم كېلىشكەن گەۋدىنىڭ كەينىدىكسى ئېغىر ھالسىرىغان چوڭقۇر دېڭىزنىڭ ئوتتۇرسىدا چۆكۈپ كىتەيلا دەپ قالغان مىلەندىن ئىبارەت قەدىمى خاندانلىق كىمىسىنىڭ مەسئۇلىيتى يۈكلىنىپ قالغان ئىدى .
19 .بۇ يىل يىل بېشىدا مىلەن دۇبەيدە ئىسپانىيە زەردارى خان مادىرىد بىلەن بىر مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدى . شۇ ۋاقىتتىكى مادىرىد 10 - قېتىملىق لوڭقىنى كۆتۈرۈگەن ، ئۇدا 22 مەيدان ئۇتۇش تارىخىنى يارىتىپ تارخ ياراتقان مەزگىللىرى ئىدى . مىلەن بىلەن خان مادىرىدنىڭ كۈچىنى ھەر قانداق بىر جەھەتتىن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ۋاقىتتا مىلەن مادىردنى 4-1 نەتىجە بىلەن ئۇتىۋالدى . بىز بۇنى مادىرىد يول قويدى ياكى ئىنزاجىنىڭ كونا ئۇستازى شاگىرتىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ئۇتتۇرپ بەردى دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ . ئەلۋەتتە ھەر قانداق ئۇستاز شاگىرتىنىڭ كەلكگۈسىنىڭ تېخىقمۇ پارلاق بولۇشىنى ئۈمۈد قىلماي قالمايدۇ . . . ( شەخسى قاراش )
20. ئاسىيا لوڭقىسىدا ئىپادىسى ھەر ھالدا يامان ئەمەس بولغان خوندا كۇلۇپقا كەلگەندىن كىيىن بۇرۇنقى ئىپادىسىنى پەقەتلا تاپالماي قالدى . مىينىز بىلەن پاچىنىنىڭ تۇراقسىز ئىپاسىسى ، شاراۋينىڭ توختىماي يارلىنىشى ، خوندانىڭ موقۇم ئىپادىسىنى تېپىپ بولالماسلىقى مەشقاۋۇل ئىنزاجىنى قاتتىق مەيۈسلەندۇردى . بۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ كۇلۇپ نەتىجىسىنى ياخشىلىغىلى ، مۇسابىقىدە بۇرلۇش ھاسىل قىلغۇلى بولسۇن ...
21. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى ھەقسىز قوشۇلغان توپچىلاردىن بىر قەدەر يۇقىرى سەۋيىلىكى مونتىرىۋو دىسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتكەن بولماسلىقى مۇمكىن . ئۇنىڭ ئارقا مۇداپىيەدىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى يامان بولۇشى مۇسابىقە نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەتتى . ئوتتۇرا مەيدان ماھىرلىرىغا كەلسەك يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان ئوتتۇرا يولدىكى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى ماھىر دىروڭ بولۇپ قالدى . ئۇنىڭدىن باشقا ئېسسىن ، مونتارى قاتارلىقلارنىڭ پەقەتلا ئىلگىرى باسماي ئارقىغىلا داجىپ مېڭىشى كىشىنىڭ ئەپسۇلىنشىنى ، ئۇھ تارتىشىنى قوزغايتى .
22. ئىتالىيەنىڭ يېڭى بىر ئەۋلات ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى دىستىرۇ گالىيانىنىڭ يەنە شۇ ھەقسىز توپچى ئىستىراتگىيىسى بىلەن مىلەنگە قېتىلغان بولۇپ ، بۇ ياش ئىستىقباللىق توپچى مىلەنگە كەلگەندىن ئوتتۇرا مەيداندىكى ئاجىزلىقمۇ ياكى ھۇجۇم كۈچىنىڭ يېتەرسىز بولىشى سەۋەپلىكمۇ رىم كۇلۇبىدىكى ئىپادىسىنىڭ يېرىمىنىمۇ تاپالمىدى . ھازىر بولسا 90 - يىلىدىن تۇغۇلغان بۇ ئىستىقباللىق ھوجۇمچى ئۆزىنىڭ مىلەنگە كەلگىنىدىن قاتتىق پۇشايمەن قىلغان ئىدى .
23. قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا چولپان دەرىجىسىدىكى يەنە بىر كىشى چىرچى مىلەنغا قوشۇلدى . ئەمما بۇ ‹‹ ئېتى ئۇلۇغ سۇپۇرىسى قۇرۇق ›› چولپان مەيلى ھۇجۇم ، مەيلى مۇداپىيە جەھەتتە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىقتىدارىنى چىقىرالمىدى . كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ئىنزاجى بىلەن تاكاللىشىشى ، ئىجدىمائى ئالاقە تۇرىدا قىز دوستىنىڭ ئىنزاجى بىلەن كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمىنى تىللىشى قاتارلىق سەۋەپلەر كۇلۇپنىڭ بېشىنىڭ ئاغرىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى .
24. مېينىزغا كەلسەك ، پارىژ ، رىم قاتارلىق كۇلۇپلارنىڭ .ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن ئاتالمىش ‹‹ چولپان ›› دىن ۋاز كىچىشى ، مىلەنگە ھەقسىز قېتىلىشى ئۇنىڭدەك چولپاننىڭ قانچىلىك ئىقتىدارى بارلىقىنى تولۇق ئېچىپ بىرەلەيدۇ ئەلۋەتتە .
25. با ئەۋلىيا بىلەن نىئاڭنىڭ كۇلۇپتىن ئايرىلىشى ، ئالدى ھۇجۇمدا ئىشەنچىلىك ھۇجۇمچىدىن شاراۋىنىڭلا قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ئەمما توختىماي يارلىنىش ، بىر پەسىلدە 1 توپ 2 پاس چىقىرىش ... قاتارلىق سەۋەپلەر تەبىئىلا كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمىنى ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىشتىكى سەۋەبى بولۇپ قالدى . ئەگەر يازلىق بازاردا بىرەر كۇلۇپ شاراۋىيغا 20 مىلىيون باھا قويسىلا كۇلۇپ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەي قالمايدۇ .
26. يېقنىدا مىلەن ئەنچىلوتىنى مەشقاۋۇللىققا تەكلىپ قىلماقچىكەن دىگەندەك سكز چۆچەك تور دۇنياسىنى بىر ئالدى . كۇلۇپ نەتىجىسى تۆۋەن ، ياراملىق توپچىلار ئاز ، كۇلۇپ مالىيەسىدە ئېغىر قىيىنچىلىق بولىۋاتقان ئەھۋالدا ، ئىنزاجى تەخىتتىن چۈشۈپ قالسا كۇلۇپ پۇل خەجلەپ يۇقىرى ئىقتىدارلىق مەشقاۋۇل ئەكىلىشى مۇمكىنمۇ ؟ جاۋابى : ياق . بىر نوقتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقمىز كىرەككى ئالدىنقى پەسىلدىكى مەشقاۋۇل شىدوفۇمۇ ھازىرغىچە مائىش توغرىلۇق كۇلۇپ بىلەن زىدىيەتتە يۈرۋېتىتۇ .
27. كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمى ئىنزاجىنىڭ ئورنىغا فىلورىنسا كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋىنسىن مونتالانى قۇيۇش ئۈچۈن سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ ئەمما مەغلۇپ بولغان . يۇقىرقىدەك ئەھۋالدا كۇلۇپ تەرەپ ياردەمچى مەشقاۋۇل تاسسۇددى ۋە ياكى ياشلار كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بورۇچچىنى ئىنزاجىنىڭ ۋاقىتلىق ئىز باسارى قىلىشىمۇ مۇمكىن .
28 . يېقىندا جۇڭگونىڭ خىڭدا كۇلۇبىدىن ئىستىپا بەرگەن ، كۈمۈش تۈلكە دەپ نام ئالغان لىپى مىلەننىڭ مۇسابىقىسىنى نەخ مەيداندىن كۆردى . ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا گالىيانى لىپىنى كۇلۇپ تېخنىكا نازارەتچىلىك خىزمىنتىنى ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلپ ، قىزىل - قارا قوشۇننىڭ ھازىرقى ناچار ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنمىش .
29 . مىلەن ئىچكى قىسمىدىكى قىيىنچىلىق ۋە ئىچكى زىدىيەت ( يەنى گالىيانى بىلەن بارا - بارا نىڭ ) ( چىرچى بىلەن ئىنزاجىنىڭ ) ئىنزاجىنىڭ دىلىغا ئازار بەرگەن بولسا ، تاشقى جەھەتتىكى مالىيە قىيىنچىلقى توپچىلارنىڭ يارلىنىسى ، باشقا توپچىلارنىڭ كۈچ بەرمەسلىكى ... قاتارلىق چوڭ - كىچىك زىدىيەتلەر كىلىشكەن توققىزىنچى بىگىمنى ھالسىراتتى ، چىرايىدىن تەبەسسۇمنى ئېلىپ كەتتى ، خۇش چاقچاق چىقىشقاق ئىنزاجىنى ، ئېغىر بېسىق ، چاچلىرى ئاقارغان روھسىز ئىنزاجىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى .
30. ئىنزاجىنىڭ بۇرۇنقى سەپدىشى قاسساپ دەپ نام ئالغان گاتۇسۇ ھازىرقى مىلەن توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ . ‹‹ قاراپ بېقىڭلار ھازىرقى مىلەن قانداقمۇ زەردارلارغا ئوخشىسۇن . . . كۇلۇپنىڭ پۇل ئۈچۈن بىر قىسىم چولپانلارنى سېتىپ چىقىرىشى نورمال ئەھۋل بولسىمۇ ، ھەقسىز ، يېشى چوڭىيىپ قالغان توپچىلارنى كىرگۈزۈش كۇلۇپنىڭ نەتىجىسىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ياردىمى بولمايدۇ . ئىنزاجى ھەرگىزمۇ يالغۇز كۈچەپ نەتىجە يارتالمايدۇ . . . مەن ھازىرقى مىلەننىڭ ئەھۋالىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنمەن ›› دەيدۇ .
يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا : بۇ قېتىم ئىنزاجىنىڭ مىلەنگە مەشقاۋۇل بولىشنى پەقەت قۇربانلىق بولدى دىسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتكەن بولمايدۇ .10 نەچچە يىل قىزىل - قارا قوشۇن ئۈچۈن تەر تۆككەن بۇ ئەزىمەت ، قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆز ئوبرازىنى مەلۇم دەرىجىدە خۇنىكلەشتۇرۋالدى . ( ئەلۋەتتە مىنىڭ قەلبىمدە ئۇنداق ئەمەس ) گاتۇسۇ ئېيىتقاندەك ئۇ يالغۇز بىر ئادەم ھەرگىزمۇ كۇلۇپنىڭ نەتىجىسىنى ياخشىلاپ بولالمايدۇ . . . يېقىندا جۇڭگۇنىڭ مەلۇم بىر شىركىتى مىلەننىڭ % 50 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالدى دىيىلدى . ئەگەر بۇ گەپلەر راس بولسا بەلكىم ئۇزۇنغا قالماي مىلەن قايتىدىن ياۋرۇپا سەھنىسىگە قايتىپ كىلىشىمۇ مۇمكىن .
داڭلىق مەشقاۋۇل تەكلىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن . داڭلىق چولپان سېتىۋېلىشىمۇ مۇمكىن . . .
يەنە شۇنى كىسىپ ئېيتالايمىزكى : شەيئىلەر يوقلىقتىن بارلىققا كىلىپ يەنە يوقىلىدۇ . كۇلۇپلارنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلىشىش ، تەرەققى قىلىش ، چوققىغا چىقىشتەك بىر قانچە .ئۆتكۈنچى دەرۋرى بارلىققا كىلىدۇ . بۇ ۋاقىت دەل مىلەنىڭ ئۆتكىنچى دەۋرى ، قايتىدىن رەتلىنىپ تەرەققى قىلىش دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بىز مەستانىلەرمۇ مىلەننىڭ تىزدىن ئەسلىگە قايتىپ قايتىدىن ياۋرۇپا سەھنىللىرىدە يىشىل چىملىقنى قايتىدىن تىتىرتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز . توتتى باشلىقىڭ ‹‹ ئون يىل ساقلىدۇق ، يەنە ئون يىل ساقلاشقىمۇ تاقىتىمىز بار ›› دىگىنىدەك بىزنىڭمۇ 10 يىل ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق ساقلاشقا تاقىتىمىز بار ...
تەرجىمە قىلغۇچى ‹‹ بوۋاي ››
ئەسكەرتىش : 1. مەن كەسپى تەرجىمان ئەمەس ، تېما باشقا تىلدىن تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا مەنبەسىدە نۇرغۇن ماقال- تەمسىل ۋە ئىدىيوملار بار ئىكەن . بەزى يەرلىرىنى خەنزۇ يولداشلاردىن سورىساممۇ ماڭا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرەلمەي باشلىرىنى چايقاشتى . شۇڭا تېما تەرجىمە قىلىش جەريانىدا خاتالىق ۋە يۈزەكى بولۇپ قالغان يەرلىرى بولسا تۈزۈتۈپ ئوقۇشىڭلارنى سورايمەن .
2. مۇنبەردە مەندىن باشقا ئابلەتجان قاتارلىق مىلەننى چۈشۈنىشى مەندىن يۇقىرى قان مەستانىللىرىمۇ ئاز ئەمەس شۇڭا كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلىشىنى ۋە پۇتبول بىلىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ماۋۇ تېما بەلىكم سىلەرنىڭ دېگەن يېرىڭلاردىن چىقماي قالغان بولۇشى مۇمكىن شۇڭا خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزۈتۈپ بېرشىڭلارنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن . |